مۈندەرىجە
- بىرىنچى: قار، يامغۇر، بوران-شېۋىرغانلاردا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش توغرا بولىدۇ.
- ئىككىنچى: جۈمە بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.
- ئۈچىنچى: يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغاندا ئىككى نامازنى جۇغلاش.
- تۆتىنچى: يامغۇر ياغقاندا پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ ئوقۇش.
بىرىنچى: قار، يامغۇر، بوران-شېۋىرغانلاردا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش توغرا بولىدۇ.
بۇ توغرىدا 216525 - 147381 - سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئىككىنچى: جۈمە بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.
ئەسىرنى جۈمە نامىزى بىلەن بىرگە ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش بولسا پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاشقا بولىدۇ. جۈمە نامىزى بولسا، پېشىن نامىزى بولماستىن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر پەرزدۇر.
بۇ ھەنبەلى مەزھىپىنىڭ قارىشى بولۇپ، تور بەتتىمۇ مۇشۇ بويۇنچە پەتىۋا بېرىدۇ. بۇ ھەقتە26198 - نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
مۇشۇنىڭغا كۆرە، مەسچىتنىڭ جامائەتلىرى جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى بىرگە ئوقۇسا، سىز ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقۇماڭ، بەلكى مەسچىتتىن چىقىپ كېتىڭ، بۇنداق قىلىش پىتنە پەيدا قىلغانلىق بولمايدۇ، سىز ئىككى نامازنى بۇ شەكىلدە جۇغلاپ ئوقۇشنى توغرا ئەمەس دېگەن كىشىنىڭ سۆزىنى تۇتۇپ ياخشى قىپسىز.
ئۈچىنچى: يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغاندا ئىككى نامازنى جۇغلاش.
يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى بولغاندا پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ياكى شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇشقا بولمايدۇ، لېكىن كۈچلۈك بوران، شىۋىرغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " توغرا بولغىنى، كىشىلەرگە قىيىنچىلىق بولىدىغان كۈچلۈك سوغۇق شامال ياكى شىۋىرغان بولسا بۇ جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىنى تەرك قىلىشقا ئۈزۈر بولىدۇ، بۇنىڭدىن يېتىدىغان ئەزىيەت يامغۇردىن يېتىدىغان ئەزىيەتتىن زىيادە بولىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى سېلىشتۇرغان كىشى بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇرۇقلۇق، سوغۇققا يەنە بىر قىيىنچىلىق قېتىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، سوغۇقتا كىچىك تەرەت كۆپراق بولىدۇ، بۇ ئىنساننى چارچىتىپ قويىدۇ، تاھارەت ئالسا ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش قېيىن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ھازىرقىدەك توك ياكى گاز بىلەن سۇ ئېستىدىغان جىھازلار يوق، سۇ بەك سوغۇق قىيىنچىلىق كۆپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دەيمىزكى، نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشتىكى ئىللەت-سەۋەپ قىيىنچىلىق بولىدىكەن، شىۋىرغانلىق سوغۇقتا ئەلۋەتتە قىيىنچىلىق ھاسىل بولىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى شامال ياكى ئىسسىق شامالدا قىيىنچىلىق بولمايدۇ." [شەرھىل مۇمتى 4 -توم 319 -بەت].
شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بىرسى: كۈچلۈكلۈك ۋە سوغۇقنىڭ بەلگىلىمىسى قانداق بولىدۇ؟ دېسە، ئۇنىڭغا دەيمىزكى: شامال ئادەتتىن تاشقىرى چىققان شامال بولسا كۈچلۈك بولىدۇ. گەرچە سوغۇق بولسىمۇ ئۇ ۋاقىتتا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، سوغۇق دېگەندىن كىشىلەرگە قېيىنچىلىق بولىدىغان سوغۇق مەقسەت قېلىنىدۇ.
ئەگەر بىرسى: شامال يوق، ئەمما بەك سوغۇق بولسا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟ دېسە، ئۇنىڭغا دەيمىزكى : ياق دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى شامىلى يوق قاتتىق سوغۇقتىن قېلىن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق ساقلانغىلى بولىدۇ، مۇبادا سوغۇق يوق كۈچلۈك شامال بولسىمۇ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سوغۇق بولمىغان كۈچلۈك شامالدا قىيىنچىلىق بولمايدۇ، لېكىن بۇ شامال توپا-توزانلارنى ئۇچۇرتۇپ كۆز ئاچقۇسىز ھالەتتە بولۇپ، مېڭىش تەس بولسا بۇ مۇشەققەت-قىيىنچىلىق دېگەن ئومۇمى قائىدە دائىرىسىگە كېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.
ئەگەر بىرسى: كۈچلۈك شامال-بوران، يامغۇر ۋە پاتقاقتا ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇشقا خاس قىلىشنىڭ دەلىلى بارمۇ؟ دېسە، ئۇنىڭغا دەيمىزكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامغۇر ياققان ئاخشىمى شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇغان. بۇ ھەدىسنى بۇخارى ئەمەس بەلكى نەججاد بايان قىلغان.
يامغۇر ياققان ئاخشىمى شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ئوقۇغانلىق، يامغۇرلۇق كۈندۈزدىمۇ پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇشنى چەكلىمەيدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى ۋاقىتتىكى ئىللەت-سەۋەپ قېيىنچىلىقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش: مۇشۇنداق قىيىنچىلىق-ئۈزۈر بولغاندا، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولغاندەك، پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئىللەت-سەۋەپ مۇشەققەت-قېيىنچىلىقتۇر، مۇشەققەت-قىيىنچىلىق كېچىدە تېپىلسۇن ياكى كۈندۈزدە تېپىلسۇن، ئۇ ۋاقىتتا ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ" . [شەرھىل مۇمتى 4 -توم 392 -بەت].
تۆتىنچى: يامغۇر ياغقاندا پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ ئوقۇش.
شافىئى مەزھىپىگە كۆرە يامغۇردىمۇ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇسا بولىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى كۈچلۈكتۇر، مۇشۇ مەزھەپنىڭ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرىسىدىكى شەرتلىرى ۋە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ بۇنىڭ قارشىسىدا باشقا كۈچلۈك قاراش بولمىسا، شافىئى مەزھەپ قارىشى بويۇنچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ.
يامغۇر ياغقاندا شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇشتا بولسا مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى تۇتقان بولىدۇ، گەرچە ئۇ مەزھەپلەر ئارىسىدا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرىسىدىكى شەرت ۋە قائىدىلەر ھەققىدە بەزى پەرقلىق قاراشلار بولسىمۇ، بۇنى كۈچلەندۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان كىشى كۈچلۈكىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق سالاھىيەت بولمىسا، ئۆزى ئوقۇغان ۋە يۇرتىدا ئىجرا بولۇۋاتقان مەزھەپ قارىشى بويۇنچە ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئۇنداقمۇ بولمىغاندا شۇ مەزھەپلەرنىڭ بىرىنىڭ قارىشى بويۇنچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.