پەيشەنبە 25 جىمادۇسسانى 1446 - 26 دىكابىر 2024
Uygur

ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامازدا ئىمام بىلەن بولغان ئەھۋالى توغرىسىدا

سۇئال

بەزى كىشىلەرنىڭ نامازدا ئىمامغا ئەگىشىشتىن كېيىن قالغانلىقىنى، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ سەجدىدە ياكى رۇكۇدا ئىمامغا ئىلگىرى بولغانلىقىنى كۆرىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن: نامازدا ئىمامغا ئىلگىرى بولۇش ياكى كېيىن قىلىش توغرىسىدىكى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا بۇنىڭ  بىلەن بىزنى مەنپەئەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ “مۇمتىنىڭ شەرھىسىدە” مۇنداق دەيدۇ: ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئۈچۈن ئىمام بىلەن تۆت تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ:

1-ئىمامغا ئىلگىرى بولۇش.

2-ئىمامدىن كېيىن قىلىش.

3-ئىمام بىلەن تەڭمۇ-تەڭ بولۇش.

4-ئىمامغا ئەگىشىش.

بىرىنچى:  ئىمامغا ئىلگىرى بولۇش.

ئىقتىدا قىلغۇچى نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرىدە ئىمامدىن ئىلگىرى بولىۋالىدۇ، ئىمامدىن بۇرۇن سەجدە قىلىدۇ ياكى ئىمامدىن ئىلگىرى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ، ياكى رۇكۇدا ياكى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتە ئىمامدىن ئىلگىرى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش مۇتلەق ھارام بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام رۇكۇ قىلمىغۇچە رۇكۇ قىلماڭلار، ئىمام سەجدە قىلمىغۇچە سەجدە قىلماڭلار». شەرىئەتتىكى چەكلىمە ھارامنى بىلدۈرىدۇ، بەلكى بەزىلەر: بۇ چوڭ گۇناھدىن دېگەن تەقدىردىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «رۇكۇ-سەجدىدە ئىمامدىن ئىلگىرى بېشىنى كۆتۈرگەن كىشى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىنى ئىشەكنىڭ بېشىغا ياكى شەكلىنى ئىشەكنىڭ شەكلىگە ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟ »، بۇ قاتتىق ئازابنى بىلدۈرىدۇ، قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى بولسا، گۇناھنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

رۇكۇ-سەجدىدە ئىمامدىن ئىلگىرى بولىۋالغان كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ھۆكمى.

ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى بىلىپ تۇرۇپ ئىمامدىن ئىلگىرى بولىۋالسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ. ئەگەر بىلمەي ياكى ئۇنتۇپ قىلىپ قىلغان بولسا نامىزى توغرا بولىدۇ. ئەگەر ئىمامدىن خىلى بەك ئىلگىرى بولغان بولسا، دەرھال شۇ پەرزگە قايتىپ ئىمامدىن ئىلگىرى تۇرۇۋالغاننىڭ ئورنىنى تولۇقلىشى كېرەك. ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ بۇنداق قىلسا نامىزى باتىل بولىدۇ، ئەگەر بىلمەي ياكى ئېسىدە يوق قىلغان بولسا نامىزى توغرا بولىدۇ.

ئىككىنچى:   ئىمامدىن كېيىن قىلىش.

ئىمامدىن كېيىن قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1-ئۈزۈر بىلەن كېيىن قىلىش.

2- ئۈزۈرسىز كېيىن قىلىش.

بىرىنچى تۈردىكى: ئۆزۈر بىلەن كېيىن قىلىش دېگەن: كېيىن قالغىنىنى تولۇقلاپ ئىمامغا ئەگىشىدۇ، بۇنىڭدا مەسىلە يوق، ھەتتا بىر ياكى ئىككى رەكئەت پەرزدە كېيىن قالسىمۇ ئۈزۈر بىلەن بولۇپ كېيىن تولۇقلىسا بولىدۇ. ئىنساننىڭ قۇلىقى ئېغىر ياكى دىققەتسىز بولۇپ، ئىمامنىڭ يۆتكىلىش تەكبىرىنى ئاڭلىماي ئىمام بىر ياكى ئىككى رەكئەت پەرزدە ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشى كېيىن قالغانلىرىنى تولۇقلاپ ئىمامغا ئەگەشسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلماي، ئىمامدىن كېيىن قالغان پەرزدە بولسا ئىمام يەنە بىر رەكەتتە شۇ پەرزگە يەتكەن بولسا، ئۇ كىشى ئىمامدىن كېيىن قالغان  پەرزلەرنى تولۇقلىماي ئىمام بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ئۇ كىشىگە ئىمامنىڭ ئىككى رەكەت نامىزىدىن ئارىلىشىپ كەتكەن بىر رەكەت بولىدۇ، بۇنىڭ مىسالى:

بىر كىشى ئىمام بىلەن نامازغا كىردى، ئىمام رۇكۇ قىلدى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈردى، سەجدە قىلدى، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇردى، ئىككىنچى سەجدىنى قىلىپ ھەتتا سەجدىدىن تۇرۇپ ئۆرە تۇردى، ئىمام بىلەن نامازغا كىرگەن كىشى تەكبىرنى پەقەت ئىمام ئىككىنچى رەكەتكە تۇرغاندا ئاڭلىدى، توك ئۆچۈپ ئاۋاز ئۈزۈلۈپ قالدى، ئەگەر جۈمە نامىزى دەپ پەرەز قىلساق، ئىمامغا ئەگەشكەن كىشى سىرتتا تۇرۇپ ئىمامنىڭ پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدى، ئاندىن توك كېتىپ ئاۋاز ئۈزۈلدى، ئىمام بىرىنچى رەكەتنى تامام قىلدى، ئىككىنچى رەكەتكە تۇردى ۋە پاتىھەنى ئوقۇپ بولۇپ «سۈرە غاشىيە»نى ئوقۇشقا باشلىدى، ئەمما سىرتتا تۇرغان كىشى بولسا ئىمامنىڭ «سۈرە غاشىيە» نى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە ئىمام بىرىنچى رەكەتنى تامام قىلمىدى، رۇكۇ قىلمىدى دەپ ئويلاپ قالدى.

بىز دەيمىزكى:  سىز ئىمام بىلەن قالىسىز، ئىمامغا ئىككىنچى رەكەت بولىدۇ، سىزگە بىرىنچى رەكەت بولىدۇ، ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن تۇرۇپ ئىككىنچى رەكەتنىڭ  قازاسىنى قىلىسىز، بەزى ئۆلىمالار:  بۇنىڭ بىلەن ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىغا ئىمامنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن ئىككى رەكەت نامىزىدىن بىر رەكەت بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىرىنچى رەكەتتە ۋە ئىككىنچى رەكەتتىمۇ ئىمامغا ئەگەشتى دەيدۇ.

ئەگەر ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئىمامدىن كېچىكىپ قالغانلىقىنى ئىمام ئۇ كىشىنىڭ ئورنىغا يېتىشتىن ئىلگىرى بىلىپ چالا قالغان پەرزنى تولۇقلاپ ئىمامغا ئەگەشسە بولىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى ئىمام بىلەن تۇردى، ئىمام رۇكۇ قىلدى، ئۇ كىشى رۇكۇغا ئېيتىلغان تەكبىرنى ئاڭلىمىدى، ئىمام رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىمامنىڭ تەسمىيەسىنى ئاڭلىدى، بىز ئۇ كىشىگە:  رۇكۇ قىلىپ رۇكۇدىن بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئىمامغا ئەگىشىڭ، بىر رەكەتنى تاپىسىز دەيمىز، چۈنكى كېچىكىپ قىلىش ئۆزۈر بىلەن بولدى.

ئىككىنچى تۈر:  ئۆزۈرسىز كېيىن قىلىش. ئىمامدىن پەرزدە كېچىكىپ قالىدۇ ياكى پەرزدىن كېچىپ قالىدۇ.

پەرزدە كېچىكىش دېگەنلىك:  ئىمامغا ئەگىشىشتىن كېيىن قالىدۇ، لېكىن ئىمامنى ئىمام يۆتكەلگەن پەرزدە تاپىدۇ، بۇنىڭ مىسالى:  ئىمام رۇكۇ قىلغاندا، سىز بىر ياكى ئىككى ئايەت قالدى ئوقۇۋىتەي دەپ ئۇنى ئوقۇپ ئۆرە تۇرىسىز، ئوقۇپ بولۇپ رۇكۇغا بارغاندا ئىمامنىمۇ رۇكۇدا تاپىسىز، بۇ رەكەت توغرا بولىدۇ، لېكىن قىلغىنىڭىز سۈننەتكە خىلاپ بولىدۇ. ئەسلى قائىدە:  ئىمام رۇكۇ قىلغاندا ئىمامغا ئەگىشىپ رۇكۇ قىلىش، ئىمامدىن كېچىكمەسلىكتۇر، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام رۇكۇ قىلغاندا رۇكۇ قىلىڭلار».

پەرزدىن كېچىكىپ قىلىش دېگەنلىك:  ئىمام سىزدىن بىر پەرزدە ئىلگىرىلەپ كېتىدۇ، ئىمام رۇكۇ قىلىپ سىز رۇكۇ قىلىشتىن ئىلگىرى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بولىدۇ. پىقھى ئالىملىرى بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر رۇكۇدىن تولۇق كېيىن قالسىڭىز خۇددى ئىمامدىن تولۇق ئىلگىرىلەپ كەتكەندەك نامىزىڭىز باتىل بولىدۇ، ئەگەر سەجدىدە كېيىن قالسىڭىز پىقھى ئالىملىرى ئېيتقاندەك نامىزىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ رۇكۇدىن باشقا بىر پەرزدە كېچىكىشتۇر.

لېكىن كۈچلۈك قاراشقا كۆرە:  ئەگەر ئۈزۈرسىز بىر پەرزدىن كېچىكىپ قالىدىكەن نامىزى باتىل بولىدۇ، كېچىكىپ قالغان پەرز رۇكۇ بولسۇن ياكى باشقا ئەمەل بولسۇن ئوخشاشتۇر. بۇنىڭغا كۆرە: ئىمام بىرىنچى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ، ئىمامغا ئەگەشكەن كىشى ھەتتا ئىمام ئىككىنچى سەجدىنى قىلغۇچى بىرىنچى سەجدىدە دۇئا قىلغان ھالەتتە تۇرۇۋېرىپتۇ، بۇ ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىر پەرزدىن كېيىن قالدى، ئىمام ئۇ كىشىدىن بىر پەرز بىلەن ئىلگىرىلەپ كەتسە، ئىمامغا ئەگىشىش نەدە قالىدۇ؟

ئۈچىنچىسى:  ئىمام بىلەن تەڭمۇ-تەڭ بولۇش.

ئىمام بىلەن تەڭ بولۇش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ ياكى سۆزلەردە ياكى ھەرىكەتلەردە بولىدۇ.

بىرىنچى قىسىم:  سۆزدە تەڭ بولۇش بۇنىڭ ناماز باشلاش تەكبىرى بىلەن سالامدىن باشقا ئورۇنلاردا زېيىنى بولمايدۇ.

ئەمما ناماز باشلاش تەكبىرىدە بولسا: ئەگەر ئىمام ناماز باشلاش تەكبىرىنى تاماملاشتىن ئىلگىرى سىز تەكبىرنى تاماملىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ نامىزىڭىز ئىمامغا باشلانغان بولمايدۇ، چۈنكى سىز ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئىمام تەكبىرنى تولۇق تامام قىلغاندىن كېيىن كەلتۈرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

ئەمما سالامدا ئىمام بىلەن تەڭ بولۇش بولسا:  ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سالامنى ئىمام بىلەن تەڭ قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ، ئەگەر بىرىنچى سالامنى ئىمامنىڭ بىرىنچى سالىمىدىن كېيىن، ئىككىنچى سالامنى ئىمامنىڭ ئىككىنچى سالىمىدىن كېيىن قىلغان بولسىڭىز ھېچ گەپ يوق، لېكىن ياخشىسى ئىمام ھەر ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن قىلىشتۇر.

ئەمما باشقا سۆزلەردە ئىمام بىلەن تەڭ بولغاننىڭ ياكى ئىمامدىن ئىلگىرىلەپ كەتكەننىڭ ياكى كېيىن قالغاننىڭ تەسىرى بولمايدۇ، پەرزەن: سىز ئىمامنىڭ تەشەھۇت ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭىز، سىز تەشەھھۇتنى ئىمامدىن بۇرۇن ئوقۇپ بولدىڭىز، بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، چۈنكى سۆزلەردە ناماز باشلاش تەكبىرى بىلەن سالامدىن باشقا ئورۇنلاردا ئىمامدىن ئىلگىرى بولۇشنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

شۇنىڭدەك پېشىن نامىزىدا، ئىمام پاتىھە سۈرىسى ئوقۇپ ئىيياكە نەبۇدۇغا كەلگەندە، سىز پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز، بۇنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، بۇ ناماز مەخپى ئوقۇلىدىغان ناماز بولسىمۇ بەزى ۋاقىتتا ئىمام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىدەك پاتىھە سۈرىسىنى جامائەتكە بىر ئاز ئاڭلىتىپ قويىدۇ.

ئىككىنچى قىسىم:  ھەرىكەتلەردە ئىمام بىلەن باراۋەر بولۇش مەكرۇھ بولىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: ئىمام رۇكۇ ئۈچۈن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ رۇكۇغا ئېگىلگەندە،  سىزمۇ ئىمام بىلەن تەڭ ئىگىلسىڭىز مەكرۇھ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام رۇكۇ قىلسا رۇكۇ قىلىڭلار، ئىمام رۇكۇغا بېرىپ بولمىغىچە سىلەر رۇكۇغا بارماڭلار». سەجدىدە، ئىمام تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارغاندا، سىزمۇ ئىمام بىلەن تەڭ سەجدىگە بارغان بولسىڭىز مەكرۇھ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: «ئىمام سەجدە قىلمىغۇچە سەجدە قىلماڭلار» دېگەن.

تۆتىنچى:  ئىمامغا ئەگىشىش.

ئىمامغا ئەگىشىش سۈننەتتۇر، ئىنسان نامازنىڭ ھەرىكەتلىرىدە ئىمام بىلەن تەڭ بولماستىن ئىمام باشلاپ بولغاندىن كېيىن باشلايدۇ.

بۇنىڭ مىسالى:  ئىمام رۇكۇ قىلغاندا رۇكۇ قىلىسىز، گەرچە مۇستەھەپ بولغان قىرائەتنى ئوقۇپ بولالمىغان بولسىڭىزمۇ ۋە بىرەر ئايەت قالغان بولسىمۇ مەيلى، چۈنكى ئۇنى تولۇقلاش كېيىن قىلىشنى كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چالا قالغان ئايەتنى تامام قىلماستىن رۇكۇغا بارىسىز، سەجدىدە ئىمام سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرسە، ئىمامغا ئەگىشىپ بېشىڭىزنى كۆتۈرىسىز، سىزنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ بېشىڭىزنى كۆتۈرگەنلىكىڭىز ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ سەجدە قىلغان ھالەتتە قالغانلىقىڭىزدىن ياخشىدۇر. چۈنكى سىزنىڭ نامىزىڭىز ئىمام بىلەن باغلانغان، سىز نامازدا ئىمامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان”. [ “شەرھىل مۇمتى”  4 -توم 275 -بەت.]

ئىمام يەنە بىر پەرزگە يۆتكىلىپ بولغىچە ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئۇ پەرزگە يۆتكەلمەسلىكى كېرەك، ئىمام پېشانىسىنى زېمىنغا قويۇپ بولمىغىچە ئىمامغا ئەگەشكۈچى سەجدىگە بارماسلىقى لازىم.

بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بېشىنى سەجدىگە قويمىغىچە ھېچ بىرىمىز دۈمبىمىزنى ئەگمەيتتۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن سەجدە قىلاتتۇق» [بۇخارى رىۋايىتى 690 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى.  474-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى