جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مىيقاتقا كېلىشتىن ئۈچ سائەت ئىلگىرى ئېھرامغا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   بىز مەككىدىن ئۈچ يۈز كىلومىتىر يىراقلىقتا تۇرىمىز، ماشىنا بىلەن مەككىگە ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك يول يۈرىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن مەككىگە بېرىپ ئۆمرە قىلىدىغان ۋاقىتتا ئۆيدە يۇيۇنۇپ ئېھرامغا كىرىپ ماڭساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق توغرا بولىدۇ، لېكىن ئېھرامغا مىيقاتتىن كېرىش كېرەك بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: مەككىگە ئۈچ يۈزئەللىك كىلومىتىر يىراقلىقتىن كىلىدىغان كىشى ئۆمرە قىلماقچى بولسا ئۆز يۇرتى ياكى ئۆز ئۆيىدە يۇيۇنۇپ ئېھرامنى كىيىپ ماڭسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "ماشىنا بىلەن مىيقاتقا كېلىدىغان كىشى ئۆز ئۆيىدە يۇيۇنۇپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئېھراملىقنى كىيىپ، ماشىنا بىلەن ماڭسا بولىدۇ لېكىن نىيەتنى مىيقاتقا كەلگەندە قىلىدۇ، ھەج ياكى ئۆمرە پائالىيىتىنى باشلايمەن دەپ نىيەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئېھرامغا كىرىشتۈر، ئاندىن نىيەت قىلىش بىلەن بىرگە ھەج ياكى ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئاغزاكى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "لەببەيكە ئۆمرە ياكى لەببەيكە ھەج" دەيدۇ، ئاندىن شەرىئەتتە بۇيرۇلغان مۇنۇ تەلبىيەنى ئېيتىدۇ: «لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە، لەببەيكە لا شەرىكە لەكە لەببەيكە، ئىننەل ھەمدە ۋەننىمەتە لەكە ۋەلمۇلك لاشەرىكە لەكە».

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.  [ئىبنى باز پەتىۋالىرى 17-توم 51-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى