پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يىل توشقاندا شېرىك مالنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟ مالنىڭ يۆتكەش چىقىمى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئايرىۋېتەمدۇ؟.

سۇئال

بىز تىجارەت قىلىۋاتقان مالدا شېرىك بولۇپ، بىرىمىزنىڭ زاكات ئايرىدىغان ۋاقتى كەلدى، ھەر بىرىمىزنىڭ مەبلىغى مالنىڭ تۆتتىن بىرىدىن توغرا كېلىدۇ، ئورتاق سېتىۋالغان مالدىن بىرىمىز مىلنىڭ زاكىتىنى ئايرىماقچى بولسا، ھەر بىر شېرىك پايدىدىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئالدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ قىممىتىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟ مال ئوتتۇز جۇنەي، ئۇنى ئوتتۇز تۆت جۇنەيگە ساتىمىز، ئۇنى ئوتتۇز بىر جۇنەي ھېسابلايمىزمۇ ياكى ئوتتۇز تۆت جۇنەي ھېسابلايمىزمۇ؟ مالنىڭ يۆتكەش، ساقلاش چېقىملىرىنى قانداق ھېسابلايمىز؟. مال چېقىملىرى بىلەن ئوتتۇز جۇنەي بولۇپ ئۇنى ئوتتۇز تۆت جۇنەيگە ساتساق، ئاشقان تۆت جۇنەي ساپ پايدا ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بىز مالنى يۆتكەشكە ۋە ئىشچىلارغا ۋە ساقلاشقا ئىش ھەققى بېرىمىز، بۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن مالنىڭ باھاسىغا قېتىۋېتىمىزمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     تىجارەت ماللىرىدا زاكات ئايرىغاندا، يىل توشقاندا سېتىۋاتقان باھا بويىچە زاكات بېرىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر مال بىر قانچە شېرىكنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىگە يىل توشۇپ زاكات بېرىدىغان ۋاقىت كەلسە، ئومۇمى مالنىڭ باھاسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ مالدىكى ئۈلۈشى قانچىلىك بۇنىڭغا قارايدۇ، يەنى تۆتتىن بىرىمۇ، يېرىمىمۇ، ئەگەر مالدىكى ئۈلۈشىنىڭ ئۆزىلا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ئۇ بويىچە، ئەگەر يەتمىسە باشقا مال ياكى ئالتۇن، كۈمۈش، نەخ پۇللار بولسا قېتىپ ھېسابلاپ زاكاتنى ئايرىيدۇ.

     تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىغاندا، ئۇنى ساتقان ۋاقىتتىكى يۆتكەش چىقىمى، ئىشچىلارنىڭ ھەققى، ساقلاش ھەققى ۋە توك پۇلى دېگەندەك چېقىملىرىغا قارىمايدۇ، بەلكى زاكات ئايرىغۇچىنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان قەرىزلىرىنىمۇ چىقىرۋەتمەيدۇ، ھەتتا كۈچلۈك قاراشتا شۇ مالنى قەرىزگە سېتىۋالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ .

    پەقەت بازاردىكى باھاسىغا قارىلىدۇ، بازار باھاسى ئاساسەن سېتىۋاتقان باھا بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.

    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، زاكات ئايرىغۇچى يىل توشقان ۋاقىتتا بار بولغان مالنىڭ ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ، ئۇ كىشى يىل ئارىسىدا تۈرلۈك ماللارنى ئالىدۇ ۋە ساتىدۇ، يىل توشقاندا  بىر قېتىملام بار بولغان ماللارنىڭ ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ، بۇنىڭغا ئەسلى سەرمايە ۋە ئالغان پايدا ھەممىسى كېرىدۇ.

    ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: مالنىڭ باھاسى يىل توشقاندا  ئوتتۇز تۆت جۇنەي بولسا، زاكات ئايرىغۇچى مالنىڭ تۆتتىن بىرىگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈلۈشى سەككىز يىرىم بولىدۇ، ئۇ مالنىڭ ئۆزى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكىتىنى بېرىدۇ، يەتمىسە ئۇنىڭغا ئۆزى ئىگە بولغان باشقا بارلىق ماللىرىنى قېتىپ قىرىقتىن بىرىنى يەنى يۈزدە ئىككى يىرىم پىرسەنتىدىن ئايرىيدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى