سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تاش ئېتىشنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا

سۇئال

تاش ئېتىشنىڭ ۋاقتى قاچان بولىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋەسالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:چوڭ شەيتان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاۋۋالدا تاش ئېتىلىدۇ، قۇربان ھېيت كۈنى كۈن چىققاندىن كېيىن تاش ئېتىلىدۇ.

ئاياللار، بالىلارۋەئاجىزلار ھېيت كېچىسى يېرىم كېچىدىن كېيىن تاش ئاتسا بولىدۇ، چۈنكى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھا ھېيت كېچىسى ئاينىڭ غايىپ بولىشىنى ساقلاپ،ئاي غايىپ بولغاندىن كېيىن مۇزدەلىفىدىن مىناغا كېلىپ چوڭ شەيتانغا تاش ئاتاتتى.

چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى:

تاش ئېتىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھېيت كۈنى كۈن ئولتۇرغۇچە داۋاملىشىدۇ.

ئەمما قىستاڭچىلىق ياكى تۇرغان ئورنى يىراق بولغانلىق سەۋەبىدىن كېچىنىڭ ئاخىرغىچە كېچىكتۈرسە بولىدۇ، لېكىن زۇلھەججىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى تاڭ يورىغىچە كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچى:تەشرىق كۈنلىرىدە تاش ئېتىش (زۇلھەججىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى).

تاش ئېتىشنىڭ باشلىنىشى:

تاشئېتىشتەشرىق كۈنلىرى كۈن قايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ(پىشىننىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن باشلىنىدۇ).

تاش ئېتىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى:

كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئەگەر قىستاڭچىلىق ۋە قىيىنچىلىق بولۇپ قالسا تاڭ يورىغىچە ئاتسىمۇ بولىدۇ، ئەمما تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئېتىش توغرا بولمايدۇ.

زۇلھەججىنىڭ ئون بىر، ئون ئىككى ۋە ئون ئۈچىنچى كۈنلىرى كۈن قايرىلىشتىن ئىلگىرى(پىشىننىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى)تاش ئېتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەقەت كۈن قايرىلغاندىن كېيىن تاش ئاتقان ۋە كىشىلەرگە:ھەج پائالىيتىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنىڭلاردېگەن.

ھاۋا قاتتىق ئىسسىق بولسىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاش ئېتىشنى مۇشۇ ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈپ، ئەتتىگەن تەرەپتە ھاۋا سالقىن ۋە ئاسان بولسىمۇ تاش ئاتمىغانلىقى بۇ تاشنى مۇشۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئاتسا توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۈن قايرىلغاندىن كېيىن، پىشىن ئوقۇشتىن ئىلگىرى تاش ئاتقانلىقىمۇ كۈن بۇرۇن تاش ئېتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنداق بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە پېشىن نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن كۈن قايرىلىشتىن بۇرۇن تاش ئېتىش ئەۋزەل بولغان بولاتتى، چۈنكى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئەپزەلدۇر، سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: تەشرىق كۈنلىرىدەكۈن قايرىلىشتىن ئىلگىرى تاش ئېتىش توغرا بولمايدۇ. "ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋاسى" 560- بەتكە قارالسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى