پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە كورۇنا ۋىرۇسى تەكشۈرتسە بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟

سۇئال

   روزىدار كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە كورۇنا ۋىرۇسى تەكشۈرتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟ بىلىشىمچە تەكشۈرۈش بەزىدە ئېغىزدىن بەزىدە بۇرۇندىن بولىدىكەن؟. بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

رامزاننىڭ كۈندۈزدە كورۇنا تەكشۈرتسە، ئېغىزدىن تەكشۈرسۇن ياكى بۇرۇندىن تەكشۈرسۇن بۇنىڭ روزىغا ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇن ياكى ئېغىزغا تەكشۈرىدىغان نەرسىنى كىرگۈزسە روزا بۇزۇلمايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    رامزاننىڭ كۈندۈزدە كورۇنا تەكشۈرتسە، ئېغىزدىن تەكشۈرسۇن ياكى بۇرۇندىن تەكشۈرسۇن بۇنىڭ روزىغا ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇن ياكى ئېغىزغا تەكشۈرىدىغان نەرسىنى كىرگۈزسە روزا بۇزۇلمايدۇ.

    پىقھى ئالىملىرىنىڭ: كانىيىدىن بىر نەرسە ئۆتۈپ كەتسە روزا بۇزۇلىدۇ دەپ بېكىتكەن سۆزىدىكى كانايدىن بولغان مەقسەت، ئېغىزنىڭ ئېچىدىكى كاناي بولۇپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۆتۈپ كەتسە روزا بۇزۇلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى .

     گەرچە تەكشۈرۈش سايمىنى كانايغا يېتىدۇ دەپ قارىغاندىمۇ ئۇ روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭدىن ئاشقازانغا بىر نەرسە يەتمەيدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە باشقا ئالىملارنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر.

    "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ"روزىنى بۇزمايدىغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: "15-ئاشقازانغا دۇربۇن كىرگۈزۈش، دۇربۇننى سۇيۇق تۇزلۇق ماددىلار بىلەن ياكى باشقا ماددىلار بىلەن بىرلىكتە كىرگۈزمىسە ئۇ ۋاقىتتا روزا بۇزۇلمايدۇ". ["مەجمۇئە ژورنىلى"10-سان 2-پەسىل 453-455-بەت].

    ئاشقازانغا كىرگۈزىدىغان دۇربۇن كاناي ۋە كىكىرتەكتىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا يېتىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ روزىنى بۇزمايدىغان تۇرسا، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىغا ياكى بۇرنىغا كورۇنا تەكشۈرۈش سايمىنىنى كىرگۈزسە ئەلۋەتتە روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن  124205 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. يەنە "رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە كورۇنا ۋاكسىنىسى ئەملەتسە روزا بۇزۇلامدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى