پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

يەل مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن بەك چەت بىر يېزىدا ياشايمەن، بۇ يەردە ھالال گۆشىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاش قارارىغا كەلدىم، ئوۋ ئوۋلايمەن دەپ ئوق ئاۋازى بىلەن خوشنىلارنى راھەتسىز قىلىشنى خالىمايمەن، شۇنىڭ بىلەن بى بى ماركىلىق تاپانچا ياكى يەل مىلتىق ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم، مەن بى بى ماركىلىق يەل مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلىسام توغرا بولامدۇ؟، چۈنكى يەل مىلتىقنىڭ ئوقى ئادەتتە بەك كۈچلۈك بولسىمۇ تىغلىق بولمايدۇ. مەن شۇنى بىلمەكچى: مەن تىغلىق ئوق ئىشلەتمەي، كۈچلۈك سوقىدىغان ئوق بىلەن ئوۋنى قوغلاپ ئاتسام، ئوۋ ئوقنىڭ تىغى بىلەن ئەمەس، ئوقنىڭ زەربىسىدىن ئۆلسە قانداق بولىدۇ؟، بىبى ماركىلىق يەل مىلتىقى ئادەتتىكى رەسمى ئوق سالىدىغان مىلتىقتەك كۈچلۈك ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوۋنىڭ بېشىغا ئېتىش نىشان قىلىنىدۇ، ئوق ئېتىش مۇساپىسى ئوتتۇز-قىرىق مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، يەل مىلتىق مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ ئوقى تۈلكىنى يىقىتالايدۇ دەيدۇ، مەن ئادەتتە ئىنساننى قانچىلىك مۇساپىدىن ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئادەتتە يەل مىلتىق قۇچقاچ، قىرغاۋۇل، كەپتەر، توشقان قاتارلىق ئوۋلارنى ئوۋلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئوۋ ئوۋلاش ئۈسكۈنلىرىنىڭ بىسلىق، ئوۋنى جاراھەتلەندۈرەلەيدىغان، كېسىش ۋە تېتىش بىلەن گۆشكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ.

   ئوۋ ئوۋلايدىغان يەل مىلتىقىدىن چىقىدىغان ئوقلار، ئوۋنىڭ بەدىنىنى تېشىپ جىسمىغا كىرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوۋ ھايۋىنى چىقىرايدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى" 28-توم 133-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئوۋ ئوۋلاش سايمانلىرىدا  بولۇشقا تىگىشلىك شەرتلەرنى مۇنداق ئىخچاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ: بىرىنچى شەرت: ئۈسكۈنە بىسلىق بولىشى، جاراھەتلەندۈرۈش، كېسىش ياكى تېشىپ ئۆتۈش ئارقىلىق گۆشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئوۋ ھايۋىنىنى بوغۇزلىمىسا ھالال بولمايدۇ.

   بۇنىڭدا بىسىنىڭ تۆمۈردىن بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، تۆمۈردىن بولسۇن ياكى ياغاچتىن بولسۇن ياكى ئۈچى ئىنچىكىلەنگەن تاشتىن بولسۇن ياكى جىسىمغا كىرىدىغان ھەر قانداق ئوۋ ئوۋلايدىغان نەرسە بولسا بولىدۇ.

   ئىككىنچى شەرت: ئوۋغا قورالنىڭ بىسى تىگىپ جاراھەتلەندۈرگەن، جاھارەتنىڭ تەسىرىدە ئۆلگەنلىكى ئېنىق بولغان بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىسا ئۇنى يېيىش ھالال بولمايدۇ. چۈنكى قورالنىڭ يان تەرىپى ياكى ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلگەن بولسا، بۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىك دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎﴿حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلۡمُنۡخَنِقَةُ وَٱلۡمَوۡقُوذَةُ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى». [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

   ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: مەن ئوۋغا بىسلىق كالتەكنى ئاتىمەن شۇنىڭ بىلەن ئوۋغا تېگىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىسلىق كالتەكنى ئاتقان ۋاقتىڭدا بىسى تەككەن بولسا ئۇنى يېگىن، ئەمما توغرىلىقى تىگىپ ئۆلگەن بولسا ئۇنى يېمىگىن دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].

   بۇ ھەدىسنى يەنە بىر لەۋزىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەدىيگە: «بىسلىق كالتەكنى بىسمىللاھ دەپ ئاتقاندا ئۇنى تېشىپ ئۆلتۈرگەن بولسا يېگىن، ئەگەر بىرەر يېرىنى تەشمىگەن بولسا يېمىگىن، كالتەك ئاتقان ياكى ئوق ئاتقان ئوۋلارنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن يېگىن» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

   يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كامالەك-رەگەتكە ئېتىشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن كامالەك بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەنگە زەربە بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇ چىشنى سۇندۇرىدۇ ۋە كۆزىنى قۇيۇۋېتىدۇ» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   "پىقھى توپلاملىرى" 28-توم 135-بەتتە مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلاش توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن: " ئەرەپچىدىكى "بۇندۇق" دېگەن سۆز بىر قانچە مەنالارغا ئىشلىتىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن:

   -يەيدىغان مېۋە، لايدىن ياسىلىدىغان يۇمۇلاق نەرسە ياكى ئوۋغا ئاتىدىغان ئوق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

   بۇ يەردە ئوۋغا ئاتىدىغان ئوق مەقسەت قىلىنىدۇ. 

   ئەمما لايدىن ياسالغان يۇمۇلاق نەرسىنى ئوۋغا ئېتىپ ئۇنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئوۋ ھايۋىنى ئۆلگەن بولسا، پىقھى ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىغا كۆرە، ئۇنى يېيىش ھالال بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھايۋان قورالنىڭ بىسى بىلەن ئۆلمەستىن بەلكى چالمىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلگەن.

    بۇجەيرۇمىي مۇنداق دەيدۇ: "ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسالام "زەخائىر" ناملىق ئەسەردە: ئوۋنى لايدىن ياسالغان چالما بىلەن ئېتىشنى ھارام دەپ پەتىۋا بەرگەن. لېكىن ئىمام نەۋەۋىي: ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشنى دۇرۇس دەپ پەتىۋا بەرگەن. بەزى ئالىملار چالما ئاتقاندا كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆردەك دېگەندەك قۇشلار ئۆلمەيدۇ، ئەگەر قۇشقاچقا ئوخشاش جانۋار ئۆلسە ئۇنى يېيىش ھارام بولىدۇ. ئەگەر چالما ئاتقاندا ئۇنىڭ كۈچى بىلەن ئۆلگەن ياكى بوينى ئۈزۈلگەن بولسا، ئۇنىمۇ يېيىش ھارام بولىدۇ، مانا بۇ ئاساسلىق تەپسىلاتى.

   مۇشۇنىڭ ھەممىسى لايدىن ياسالغان قاتتىق چالما ياكى بارۇدتىن ياسالغان ئوقنىڭ غەيرىدىكى ئوق توغرىسىدا. ئەمما تۆمۈردىن ياسالغان بارۇد بىلەن ئېتىلىدىغان ئوق توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى پەرقلىق قاراشتا بولغان، ھەنەپى ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان. 

    مالىكى مەزھىپىدىكى دەردەرىي بۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەمما ئوق بىلەن ئېتىلغان بولسا، ئۇنى يېگىلى بولىدۇ، چۈنكى ئوق باشقا قورالدىن كۈچلۈكتۇر، شۇنىڭدەك بەزىلەرمۇ بۇنىڭغا تايانغان، ئاندىن دۇسۇقىي بۇنى تەپسىلى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئوق بىلەن ئېتىپ ئوۋ ئوۋلاش توغرىسىدا ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ ئېنىق قارىشى يوق، ئوق ۋە بارۇد قاتارلىق نەرسىلەر ئون سەككىزىنچى ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن.

    كىيىنكى ئالىملار بۇ توغرىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، بەزىسى بۇنى لايدىن ياسالغان ئوققا قىياس قىلىپ چەكلىدى، بەزىلەر بۇنىڭدا قان ئېقىتىش ۋە تىز ئۆلتۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈن دۇرۇس بولىدۇ چۈنكى بوغۇزلاشمۇ تىز ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان دەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنى لايدىن ياسالغان ئوققا قىياس قىلىشى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا زور پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ تېشىپ ئۆتۈپ بەدەنگە كېرىش بۇ ئوقتا ئەمەلىيلىشىدۇ، ئەمما لايدىن ياسالغان ئوقتا بۇ تېپىلمايدۇ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىشى يانجىش ۋە سۈندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر". بۇ ھەقتە 121239 - نۇمورلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. ئۇنىڭدا ئوق بىلەن ئوۋلانغان نەرسىلەردىن ھالال بولىدىغانلىرىنىڭ تەپسىلاتى بار.

    ئوق ئاتىدىغان مىلتىق بولسۇن ياكى يەل مىلتىق بولسۇن كەپتەر ۋە توشقانغا ئوخشاش جانىۋارلارنى ئوۋلىغىلى بولىدىكەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى