شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئون كۈن سەپەر قىلىدىغان كىشى سەپەر رۇخسىتىگە ئەمەل قىلسا بولامدۇ؟

سۇئال

   مەن نېپىتلىكتە خىزمەت قىلىمەن، ھەر ئايدا ئون كۈن خىزمەت ئورنىغا بارىمەن، ئىككى ياكى ئۈچ كۈن ئۇلاپ خىزمەت قىلىمەن، شەھەردە بولسام روزا تۇتىمەن، ئەمما نېپىتلىكتە بولسام روزا تۇتمايمەن، ئۇ يەرگە ئايرۇپىلان بىلەن بىر سائەتتە بارىمەن. مەن مۇساپىر ھېسابلىنىمەنمۇ؟، ماڭا روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ نېپىتلىكتە تۇرىدىغان مۇقىم ئۆيىڭىز بولسا، سىز ئۇ ئۆيگە يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا مۇساپىر ھېسابلانمايسىز، بەلكى سىزگە شەھەردە ۋە نېپىتلىكتە تۇرغان ۋاقتىڭىزدا روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ، سىز پەقەت بېرىپ-كېلىش ئارىسىدىكى مۇساپىدا مۇساپىر ھېسابلىنىسىز.

    بۇ ھالەتتە سىزنىڭ ھۆكمىڭىز ھەر بىر ئورۇندا بىردىن ئايالى بار ئىككى خوتۇن ساھىبنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولىدۇ، بۇ كىشى ئىككى جايدا تۇرغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ، ھەر ئىككى يەردە نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، روزىنى تولۇق تۇتىدۇ، ئىككى ئورۇننىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىدا خالىسا روزا تۇتىدۇ ياكى تۇتمايدۇ، نامازنى بولسا قەسىر ئوقۇيدۇ.

    ئەگەر سىزنىڭ نېپىتلىكتە تۇرىدىغان مۇقىم ئۆيىڭىز بولمىسا، بەلكى ئۇ يەر پەقەت خىزمەت ئورنى بولسا، سىز ئۇ يەردە بولغان جەرياندا مۇساپىر ھېسابلىنىسىز. (ئە‍گەر ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتۇش مۇشەققەت بولاپ قالسا خىزمەت جەريانىدا روزا تۇتماي كىيىن ئۆيىڭىزگە قايتقاندا بىركۈنگە بىركۈن قازاسىنى قىلسىڭىز بولىدۇ). قايتقۇچە نامازنى قەسىر ئوقۇيسىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى