زاكات ماللىرىنى دىلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىشتىن باشقا مەقسەتتە كاپىرلارغا بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 4 -توم 106 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "زاكات ماللىرىنىڭ كاپىرلارغا بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمەن.
ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىلىم ئالغان ۋە يادلىغان ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار زېمىنىدا باج تۆلەپ ياشايدىغان زىممىيغا زاكات مېلىدىن بېرىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارغا سەدىقىنىڭ (زاكاتنىڭ) ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، كەمبەغەللىرىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەللىرىگە سەرپ قىلىشقا خاس قىلغىن خۇددى زاكاتنى بايلارغا ۋاجىپ قىلغانغا ئوخشاش".
كاپىر دىلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، ئۇنىڭغا زاكات مېلىدىن بېرىش دۇرۇس بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». [سۈرە تەۋبە 60 -ئايەت.]
كاپىرغا زاكات مېلىدىن بېرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقى ئۈمىد قىلىنسا، ئۇنىڭغا زاكات مېلىدىن بېرىش دۇرۇس بولىدۇ. [شەرھىل مۇمتى 6 -توم 143 - 145 -بەت].
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى" 4 -توم 108 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كاپىر پەقەت دىلى ئىسلامغا مايىل بولىدىغان كىشىلەردىن بولسا ئۇنىڭغا زاكات بېرىش دۇرۇس بولىدۇ".
ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ئېنسىكلوپېدىيىسى 14 -توم 233 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "مۇسۇلمان بولىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان كاپىرغا ئۇنىڭ دىلىنىڭ ئىسلامغا مايىل بولىشى ئۈچۈن زاكات مېلىدىن بېرىش دۇرۇس بولىدۇ".
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: مۇسۇلمانلار زېمىنىدا باج تۆلەپ ياشايدىغان زىممىيغا زاكات مېلىدىن بېرىش دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، زاكات زىممىيغا ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى كاپىرلارغىمۇ بېرىلمەيدۇ، بۇ توغرا قاراشتۇر، بۇ توغرىدا نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، چۈنكى زاكات كەمبەغەل مۇسۇلمانلار ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى قامداش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى كەمبەغەللەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا يەنە زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغان قالغان سەككىز تۈردىكى كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن كاپىر دىلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولسا، ئۆز مەھەللە، قەبىلىلىرىدە سۆزى ئۆتىدىغان، باشقىلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى بولسا ئۇنى ئىسلامغا كېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ياكى مۇسۇلمانلارغا ئۇنىڭدىن يېتىدىغان زىياننى توسۇش ئۈچۈن بەرسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىمانى ئاجىز كىشىلەرگىمۇ ئىمانىنى كۇچلاندۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭ ئوخشاشلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەردىن بەرسە بولىدۇ، ئۆلىمالار بۇ ھەقتە دەلىللەرنى بايان قىلغان.
بۇنىڭ ئەسلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ تەرجىمىسى: « زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا... بېرىلىدۇ». [سۈرە تەۋبە 60 -ئايەت.]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا دېگەن مۇنۇ سۆزى: «سەن ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىسەن، ئۇلارنى بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ ۋە مېنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن، ئەگەر بۇنىڭغا بويسۇنسا، ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە ئۇلارغا بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا بويسۇنسا، ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىپ كەمبەغەللىرىگە بېرىدىغان زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 21384 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.