غەيىپكە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

سوئال: 400709

مەن شەيخلەرنىڭ بىرىدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: بىز ئەگەر ئاللاھ تائالانى ئاشكارا كۆرسەك، دۇنيادىكى ئىمتىھان-سىناقنىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇلار غەيىپكە ئىشىنىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ھېچ مەنىسى بولمايتتى، بىز دۇنيادا ئاللاھ تائالانى كۆرەلمەيمىز، مانا بۇ ئىمتىھان-سىناقتۇر. مېنىڭ سوئالىم: ئۆزىنى تونىمىغان كىشى ھەقىقى مۆمىن بولامدۇ ياكى سەمىمى مۆمىن بولامدۇ، بۇمۇ ئىمتىھان-سىناقنىڭ قاتارىدىنمۇ؟. مەسىلەن:  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دائىم ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن:  مەن مۇناپىقلارنىڭ قاتارىدىنمۇ؟ دەپ سورايتتى، مېنىڭ بۇ سۆزنى قىلىشىمدىكى مەقسەت:  پالانى ئىمام:  مەن ھەر قاچان نەپسىمگە سۆز قىلسام، مەن رىيا قىلغۇچى نەپسىم، ئەمەلنى زىيادە قىلغىن دەيمەن، دەيدىكەن. تابىئىنلاردىن بىرى: مەن نۇرغۇن ساھابىلار بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە نىپاقلىق سۈپىتىنى يوق دېيەلمەيدىكەن، مېنىڭ سوئالىم:  بۇ تەبىئىي ئىشمۇ؟، ئىنسان ئۆزىنىڭ مۆمىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىشقا قادىر بولالمامدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

غەيىپكە ئىشىنىش بولسا، بەندىنىڭ ئىمانىنى سىناشنىڭ يادروسى، غەيىپ دېگەن ئىنساننىڭ تۇيغۇلىرىدىن غايىپ بولغان، ۋەھىي ئارقىلىق خەۋەر بېرىلگەن، ھازىر بولغان ۋە بولىدىغان، بىز كۆرەلمەيدىغان پەرىشتىلەر ئالىمى، بەرزەخ ئالىمى دېگەندەك، قىيامەت كۈنى، ئۇ كۈندە بولىدىغان ھېساب، ئازاب ۋە نېمەت قاتارلىق  نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

غەيىپكە ئىشىنىش بولسا شەك قىلغۇچىدىن راستچىل-سەمىمى كىشىنى ئايرىيدىغان نۇقتىدۇر.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

   -غەيىپكە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى.

شەكسىز، غەيىپكە ئىشىنىش بولسا، بەندىنىڭ ئىمانىنى سىناشنىڭ يادروسى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الم  ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِين  الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ تەرجىمىسى:‏ «ئەلىف، لام، مىم، بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، ئۇ تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر، ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ». [سۈرە بەقەرە 1- 3-ئايەتلەر].

غەيىپ دېگەن ئىنساننىڭ تۇيغۇلىرىدىن غايىپ بولغان ۋە ۋەھىي ئارقىلىق خەۋەر بېرىلگەن، ھازىر بولغان ۋە بولىدىغان، بىز كۆرەلمەيدىغان پەرىشتىلەر ئالىمى، بەرزەخ ئالىمى دېگەندەك، قىيامەت كۈنى، ئۇ كۈندە بولىدىغان ھېساب، ئازاب ۋە نېمەت قاتارلىق  نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

غەيىپكە ئىشىنىش ئىمان ئاساسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ۋاھىدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلار غەيىپكە ئىشىنىدۇ دېگىنى:  غەيىپ دېگەن تۈپ سۆز بولۇپ، سىز كۆرەلمىگەن، سىزدىن غايىپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر»، ئەرەبلەر زېمىندىن كۆرۈلمىگەن يەرنىمۇ غەيىپ دەپ ئاتايتتى، چۈنكى ئۇ يەر كۆزدىن غايىپ بولغان.

ئەبۇ ئالىيە ئاللاھ تائالانىڭ: يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ تەرجىمىسى: «ئۇلار غەيىپكە ئىشىنىدۇ» دېگەن  ئايىتىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: ئۇلار ئاللاھ تائالاغا، پەرىشتىلەرگە، كىتابلارغا، بارلىق ئەلچى-پەيغەمبەرلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە، جەننەتكە، دوزاخقا، ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىشىنىدۇ.

بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدە تەپسىلى بايان قىلىنغاندۇر: كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ ‏تەرجىمىسى: « پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى.  (ئۇلار)  ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ.  ئۇلار: بىز دەۋىتىڭنى ئاڭلىدۇق ۋە ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ». [سۈرە بەقەرە 285 -ئايەت.]

ئەبۇ ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلاردىن غايىپ بولغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن نەرسىلەر غەيىپتۇر".   بۇ «غەيىپ» دېگەن سۆزنى ئىزاھلىغان تەپسىرشۇناس ئالىملارنىڭ يولىدۇر. [ئەل بەسىيت 71-68-/2 ].

ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەرىئەتتىكى ئىمان، بۇنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان، جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:  ماڭا ئىمان توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمان: «سېنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشىڭ ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامان بولىشىغا ئىشىنىشىڭدۇر» دېگەندە، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام:  راست ئېيتتىڭ دېگەن." [تەپسىير قۇرتۇبى252/1  ].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىماننىڭ ئەسلى-ئاساسى دېگەن:  غەيىپكە ئىشىنىشتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەلىف، لام، مىم، بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر، ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ» [سۈرە بەقەرە  3 -ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ئومۇمى ئىشلارغا ئىشىنىشمۇ غەيىپكە ئىشىنىشتۇر، بۇنىڭ قاتارىغا:  ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە، پەرىشتىلىرىگە، جەننەتكە، دوزاخقا ئىشىنىشمۇ كېرىدۇ، ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش بولسا غەيىپكە ئىشىنىشىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەلچىلەرگە ئىشىنىشنى غەيىپكە ئىشىنىش دەپ سۈپەتلىگەن. بۇنىڭ تەپسىلاتى:  ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتۇر. بۇنى ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق زىكىر قىلغان: وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ تەرجىمىسى: «لېكىن ياخشىلىق دېگەن: ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر» [سۈرە بەقەرە 177 -ئايەت.]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ يَكْفُرْ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا﴾‏ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ». [سۈرە نىسا  136 -ئايەت] .

پەتىۋالار مەجمۇئەسى 232-233-/13 -بەتلەر.

   -غەيىپكە ئىشىنىشنىڭ ئەھمىيىتى.

غەيىپكە ئىشىنىش بولسا شەك قىلغۇچىدىن راستچىل-سەمىمى كىشىنى ئايرىيدىغان نۇقتىدۇر.

شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "غەيىپكە ئىشىنىش بولسا ئىماننىڭ ھەقىقىتىدۇر، ئۇ بولسىمۇ: پەيغەمبەر خەۋەر بەرگەن ئىشلارنى تولۇق تەستىقلاش، ئەزالىرىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇشتۇر، ھېسسى ئەزالىرىمىز بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرگە ئىشىنىش بولسا ئىماننىڭ ئىشى ئەمەس، چۈنكى بۇنىڭدا مۇسۇلمان كاپىردىن پەرقلەنمەيدۇ، غەيىپكە ئىشىنشتىكى ئىماننىڭ ئىشى بولسا، كۆرمىگەن، شاھىت بولمىغان نەرسىگە ئىشىنىشتۇر، بىز ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ خەۋىرىگە ئىشىنىمىز، مۇشۇ ئىمان بىلەن مۇسۇلمان كاپىردىن ئايرىلىدۇ، چۈنكى بۇ پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى تەستىقلاشتۇر.  مۆمىن دېگەن ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىگە ياكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى خەۋەر بەرگەن نەرسىلەرگە ئىشىنىش، بۇنى كۆرسۇن ياكى كۆرمىسۇن، چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن، ئەقلى چۈشەنچىسى ئۇنىڭغا يېتەكلىسۇن ياكى يېتەكلىمىسۇن بۇنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ.

دىندىن چىققۇچىلار، يالغانچى-كاززاپلار غەيىپكە ئىشىنىشتە مۆمىنلەرگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى بەك كەمتۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، ئۆزى بىلمىگەن نەرسىلەرنى يالغانغا چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەقىللىرى بۇزىلدى، چۈشلىرى ئارىلىشىپ كەتتى، ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن  توغرا يول تاپقان راستچىل مۆمىنلەرنىڭ ئەقىللىرى زىيادە بولدى.

ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەن ئۆتكەن زاماندىكى، كەلگۈسىدىكى ۋە ئاخىرەتتىكى ئەھۋاللارغا ئىشىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ۋە ماھىيىتىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، شۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەنلىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ ھەممە سۈپەتلىرىگە، مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە گەرچە ئۇنىڭ كەيپىيىتىنى چۈشەنمىسىمۇ ھەقىقى ئىشەنچ بىلەن ئىشىنىش قاتارلىقلار غەيىپكە ئىشىنىشنىڭ قاتارىغا ئىشىنىدۇ. [تەپسىر سەئدى 40-41-بەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرمىسىمۇ خەۋەر بەرگەن نەرسىلەرگە ئىشىنىش دېگەن ئىماندا راستچىل سەمىمىيەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر». [سۈرە ھۇجىرات 15 -ئايەت.]

كاپىرلار بولسا:  ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ لېكىن ئۇلار غەيىپكە ئىشەنمەيدۇ، بۇنى ئۆزلىرىگە باھانە قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆلۈم پەرىشتىسىنى ۋە ئاخىرەت ئەھۋالىنى ئېنىق كۆرگەن ۋاقتىدىكى ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قىستالغاندىكى ئىمان بولۇپ، چىن دىلىدىن ئىشىنىش ئەمەس، شۈنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتا قايتۇرۇلسا، ئەلۋەتتە يەنە ئىنكار قىلاتتى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ تَرَى إِذْ وُقِفُوا عَلَى النَّارِ فَقَالُوا يَالَيْتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِآيَاتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ  بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ  وَقَالُوا إِنْ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ) ئۇلار:  كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر، دەيدۇ. ئۇلار: ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز، دەيدۇ». [سۈرە ئەنئام 27-29 -ئايەتلەر].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى:  ئۇلار دۇنياغا قايتىشنى ئىماننى ياخشى كۆرۈپ ۋە رىغبەتلىنىپ تەلەپ قىلمايدۇ بەلكى ئېنىق كۆرگەن ئازابتىن، كاپىرلىقىغا بېرىلىدىغان جازادىن قورقۇپ تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئاشكارا كۆرۈۋاتقان دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۇنياغا قايتىشنى سورايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن: ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى.  شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر» دەپ كەلگەن.

يەنى:  ئۇلارنىڭ ئىماننى ياخشى كۆرۈپ، رىغبەتلىنىپ قايتىشنى ئارزۇ قىلىشى يالغاندۇر.

ئاندىن يەنە ئۇلار توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى.  شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر، يەنى ئۇلارنىڭ:  «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەرنىڭ بولاتتۇق» دېگەن سۆزىدە يالغانچىدۇر، بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز دەيدۇ، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى.  ئۇلار يالغانچىلاردۇر، بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، ئاندىن كېيىن تېرىلىش يوقتۇر دەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار : بىز قايتا تىرىلمەيمىز دەيدۇ" . [تەپسىر ئىبنى كەسىر 249/3].

بۇنىڭدىن غەيىپنى ئاشكارا كۆرۈشنىڭ پايدىسى يوق دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى بۇ ئىمانغا رىغبەتلىنىدىغان، ئىماننى سۆيىدىغان ساغلام قەلب ئىگىلىرىگە پايدىسى بولىدۇ، مۇشۇ ئاشكارا كۆرۈش بىلەن ئىمان ۋە ئىشەنچ زىيادە بولىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكى بۇنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِ الْمَوْتَى قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِنْ قَالَ بَلَى وَلَكِنْ لِيَطْمَئِنَّ قَلْبِي قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَى كُلِّ جَبَلٍ مِنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن، دېدى.  ئاللاھ: (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟، دېدى. ئىبراھىم:  ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم تېخىمۇ قارار تاپسۇن ئۈچۈن كۆرۈشنى تىلەيمەن، دېدى.  ئاللاھ ئېيتتى:  قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ .  بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». [سۈرە بەقەرە 260ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار بولۇپ؛ ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدەيدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكىر ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر – بىرىنى: تېز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، ــ دەپ چاقىرىشىدۇ ۋە ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا قەدەر قاناتلىرى بىلەن يۆگەپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇپ، ئۇلاردىن:

- بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟، دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمدۇ - سانا  ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا: ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ ، دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ياق، قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان،  دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا: ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق بولار ئىدى؟،  دەيدۇ.

پەرىشتىلەر: ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا، ساڭا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ بەك ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇ – سانا ۋە تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى، دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا: ئۇنداقتا، ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟، دەيدۇ.

پەرىشتىلەر:  ئۇلار سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ،  دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا: ئۇلار جەننەتنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ ، دەيدۇ.

پەرىشتىلەر: ياق، قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار جەننەتنى كۆرۈپ باقمىغان، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا: ناۋادا ئۇلار جەننەتنى كۆرگەن بولسا، قانداق بولار ئىدى؟ ، دەيدۇ.

پەرىشتىلەر: ناۋادا ئۇلار جەننەتنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك خۇشتار بولاتتى، دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا: ئۇنداقتا ئۇلار نېمىدىن پاناھ تىلىشىۋاتىدۇ؟ ، دەيدۇ.

پەرىشتىلەر: دوزاختىن، — دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا: ئۇلار دوزاخنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ ، دەيدۇ.

پەرىشتىلەر: ياق، قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا: ناۋادا ئۇلار دوزاخنى كۆرگەن بولسا، قانداق بولار ئىدى؟ ، دەيدۇ.

پەرىشتىلەر: ناۋادا ئۇلار دوزاخنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك قورققان بولاتتى دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلدىم، دەيدۇ.

پەرىشتىلەردىن بىرى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، ــ دېگەندە، ئاللاھ تائالا:

— ئۇلار سورۇنداشلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشىمۇ (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى جەھەتتىن) بەختسىز بولمايدۇ، — دەيدۇ. [سەھىھۇل بۇخارىي 6408-ھەدىس. سەھىھ مۇسلىم 2689-ھەدىس].

بۇ ئايەت-ھەدىس: ناۋادا ئۇلار ئاللاھ تائالانى، جەننەتنى، دوزاخنى ئېنىق كۆرگەن بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە تەستىقىنىڭ زىيادە بولىشىغا پايدىلىق بولاتتى.

   -غەيىپكە ئىشىنىش ۋە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلاش.

بۈگۈنكى كۈندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشى بولسا غەيىپكە ئىشىنىشنىڭ بىر تۈرىدۇر، ساھابىلاردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۆرگەنلەرگە ئۇلارنىڭ ئىمانى مەنپەئەت قىلغان.

ئەبۇ مۇئاۋىيە ئەئمەشتىن ئۇ ئەمارە بىن ئۇمەيردىن، ئۇ ئابدۇراھمان ئىبنى يەزەدتىن مۇنداق خەۋەر بېرىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمانىنى زىكىر قىلىپ: "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى ئۇنى كۆرگەن كىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى روشەن ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى!، مۆمىن غەيىپكە ئىشىنىشتىنمۇ ئەۋزەل بىر ئىماننى كەلتۈرمىدى دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: الم  ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِين  الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ تەرجىمىسى: «ئەلىف، لام، مىم، بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر، ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ» [سۈرە بەقەرە 1-3-ئايەت.]

سەئىد ئىبنى مەنسۇر سەھىھ ئىسناد بىلەن بايان قىلغان، "تەپسىر سەئىيد ئىبنى مەنسۇر 2/544.

ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "غەيىپ توغرىسىدا بۇ يەردە ئالتە خىل قاراش بار.

ئالتىنچىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەن كىشىگە نىسبەتەن ئۇنىڭغا ئىشىنىش بولسا غەيىپكە ئىشىنىشتۇر. ئەمىر ئىبنى مۇررە مۇنداق دەيدۇ:  ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يارەنلىرى ئۇنىڭغا:  ساڭا مۇبارەك بولسۇن، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە جىھاد قىلدىڭ، ئۇنىڭ سۆھبىتىدە بولدۇڭ دەيدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى ئۇنى كۆرگەن كىشىگە ئېنىق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭدىنمۇ ئەجەپلىنەرلىكى، بىر قەۋم كېلىدۇ ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىتابقا يېزىلغان سۈپەتلىرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ دەپ، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: « ئۇلار غەيىپكە ئىشىنىدۇ». [زادىل مەسىير 24-25-/1 -بەتلەر].

  -ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنى بىلمەسلىكى غەيىپكە ئىشىنىشكە زىت كېلەمدۇ؟.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەردىن بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنى بىلمەيدىغانلىقى ئوچۇق مەلۇم بولدى، بۇ بىزدىن ھېساب ئېلىنىدىغان ۋە بىز ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ئىمان مەسىلىسىگە كىرمەيدۇ.

بۇ ھەقىقەتەن، غەيىپنى قارىسىغا سۆزلەشتىن چەكلەش ۋە ئىلىمسىز سۆزنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىدىن نېمىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئەمەللىرىنىڭ تۈگەنچىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىنىڭ كېرىكى يوق، شۇنداقتىمۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھىمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك، دائىم قورقۇش ۋە ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ  وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ» [سۈرە ئەئراپ 55-56 -ئايەتلەر].

شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ ساۋابنى ئارزۇ قىلىپ، ئەمىلىنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئۈمىت قىلىپ، ئەمەللىرىنىڭ رەت قىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ھەرگىزمۇ رەببىگە ئەركىلەيدىغان، ئۆزىنى ئۆزى ئەجەبلەندۈرىدىغان، ئۆزىنى ئۆز ئورنىنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان كىشىلەرنىڭ ياكى غاپىللارنىڭ دۇئاسىغا ئوخشىمايدۇ." [ تەپسىر سەئدى 292 -بەت].

مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار نىپاققا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن، ئۇلار ئۆزىنى ئاقلىمايدۇ، ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىغا كەسكىن ئىشەنچ قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئۆزلىرىدىن نىپاققا ئېلىپ بارىدىغان خاتا ئىشلارنىڭ سادىر بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى گۇناھقا نىسبەت بەرمەيدۇ.

ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھ ئەلەيھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: "مۆمىننىڭ ئۆزى تۇيمىغان ھالەتتە ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشى" دەپ باپ كەلتۈرگەن.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ھەدىستە:  ئىبراھىم تەيمىي مۇنداق دەيدۇ: "مەن سۆزۈمگە ئەمىلىمنى توغرىلاپ باقسام، ئۆزۈمنىڭ يالغانچى بولۇپ قىلىشىمدىن قورقتۇم".

ئىبنى ئەبى مۇلەيكە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئوتتۇزغا يېقىن كىشى بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ نىپاققا چۈشۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىي، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى جەبرائىل ۋە مىكايىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئىمانىغا ئوخشاش دېمەيتتى".

ھەسەن بەسەرىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ:"ئاللاھنىڭ ئازابىدىن پەقەت مۆمىنلا قورقىدۇ، ئۇنىڭدىن پەقەت مۇناپىقلا ئەمىن بولىدۇ". [پەتھۇل بارى 109-110-/1].

ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ ئەسلى ئىلگىرى زىكىر قىلىنغان دەلىللەرگە قايتىدۇ: نىپاق دېگەن چوڭ-كىچىك بولىدۇ، كىچىك نىپاق دېگەن:  ئاشۇلار ئۆزلىرىدىن ئەنسىرىگەن ئەمەلدىن ئىبارەتتۇر، ئەمما كىچىك نىپاقنىڭ سۈپەتلىرى ئۆزىگە غالىپ كېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىگە نىسبەتەن چوڭ نىپاقتۇر. كىچىك نىپاق داۋام قىلسا چوڭ نىپاققا ئېلىپ بارىدۇ، ھەتتا ساھىبىدىن ئىماننى ئومۇمى يۈزلۈك تارتىۋالىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ تەرجىمىسى: «ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى» [سۈرە سەپ 5 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَنُقَلِّبُ أَفْئِدَتَهُمْ وَأَبْصَارَهُمْ كَمَا لَمْ يُؤْمِنُوا بِهِ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَنَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەقنى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز». [سۈرە ئەنئام 110-ئايەت. پەتھۇل بارى1951].

ئىماندا ئىستىسنا قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى مۇشۇ بابتىن ئېلىنىدۇ، مۇسۇلمان:  مەن ئاللاھ خالىسا مۇسۇلمان دېسە بولىدۇ، يەنى ئىمانغا پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى قىلىش، ھارام-مەكرۇھ ئىشلارنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەت ئەمەللەرمۇ كېرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىدىن كەمچىللىك سادىر بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە كامىل ئىماننى نىسبەت بەرمەيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭ يارەنلىرى، سۇپيان سەۋرى، سۇبان ئىبنى ئۇيەينە، كۇپە ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى، يەھيا بىن سەئىيد قەتتان، بەسىر ئالىملىرى، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىس ئالىملىرىدىن بولغان سەلەپلەرنىڭ تۇتقان يولى:  ئۇلار ئىماننى ئىستىسنا قىلاتتى.

بەلكى ئۇ ئىماملار ئىستىسنا دېگەن ئىماندۇر دېگەننى ئوچۇق بايان قىلىدى، چۈنكى ئىمان دېگەن پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇلار خۇددى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا شاھىت بولمىغاندەك، ئۆزلىرى ئۈچۈن كامىل ئىمان بار دەپ شاھىتلىق بەرمەيتتى، چۈنكى بۇ ئۇلارمۇ بىلمەيدىغان ئىشتۇر، بۇ ئىلىمسىز ئۆزىنى پاكلاشتۇر". [ پەتىۋالار مەجمۇئەسى 438-439-/7 -بەتلەر].

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇتلەق ئىمان دېگەن بەندىنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىشىنى، چەكلىگەننىڭ ھەممىسىنى تەرك قىلىشىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى:  مەن مۇشۇ ئېتىبار بىلەن مۆمىن دېسە، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش بىلەن، چەكلىگەننىڭ ھەممىسىنى تەرك قىلىش بىلەن تەقۋادار، ياخشى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغۇچىدۇر. ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى(يېقىن كىشىلىرىدىن) بولىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىدۇر، ئۆزىگە بىلمىگەن نەرسە بىلەن شاھىت بولۇشتۇر، ناۋادا بۇ شاھىتلىق توغرا بولسا، ئەگەر مۇشۇنداق ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ئەلۋەتتە ئۆزىگە جەننەت بىلەن شاھىتلىق بېرىشى كېرەك بولاتتى، ھېچ كىشى ئۆزىنىڭ جەننەتتە بولىدىغانلىقىغا شاھىتلىق بەرمەيدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە مۇكەممەل ئىمان بىلەن شاھىتلىق بېرىشى خۇددى ئۆزى مۇشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كېرىدىغانلىقىغا شاھىتلىق بەرگىنىگە ئوخشاشتۇر. سەلەپ ئالىملىرى ئىماندا باشقا مەنا بىلەن ئىستىسنانى تەرك قىلىشنى دۇرۇس دەپ قارىغان بولسىمۇ بۇ شەكىلدە ئىستىسنا قىلىشنى ئەيىبلىگەن.  بۇنى ئاللاھ خالىسا كېيىن زىكىر قىلىمىز" . [پەتىۋالار مەجمۇئەھى 446/7].

لېكىن بۇنىڭدىن مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئەسلى مۇسۇلمانلىقىغا جەزىم قىلمايدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى ۋە يامان بولىشىغا بولغان ئىمانىغا شەك قىلماستىن جەزىم قىلىدۇ.

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرى مۇشۇ ھالەتتە قەلبىدە بولغان ئىماندىن شەك قىلمايتتى ۋە جەزىم قىلاتتى، ئىماندىكى ئىستىسنانى بۇيرۇلغان ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان مۇتلەق ئىمانغا قايتىدىغان قىلاتتى".[ پەتىۋالار مەجمۇئەھى 450/7].

ئىبنى ئەبىل ئىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما ئىستىسنانى دۇرۇس دېگەن ۋە تەرك قىلغانلار ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بىلەن بەختلىك بولدى ، ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇرىھاللىرىدۇر . ئەسلى ئىماندىن شەكنى ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلسا، بۇنداق ئايرىۋېتىش چەكلىنىدۇ، بۇ مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر.

كىمكى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلىگەن مۆمىنلەردىن بولغان بىر مۆمىن ئىكەنلىكىنى ئىرادە قىلىپ ئىستىسنا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.  [شەرھى تاھاۋىيە 353].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُون،  الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ، أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا لَهُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ تەرجىمىسى: « پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ». [سۈرە ئەنپال 2-3-4-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ‏  تەرجىمىسى: « شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر». [سۈرە ھۇجرات 15 -ئايەت.]

   -مۇناپىقلىقتىن ئەنسىرەش.

نىپاقلىقتىن قورقۇش ماختىلىدۇ، بۇ قورقۇش ياخشى ئەمەللەردە تىرىشچانلىق قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بەندە ئىبادەت جەريانىدا رىيا بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە، بۇ قورقۇشى ئابىدنى ئىبادەتنى كۆپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن رىياغا قارشى كۆرەش قىلىشتا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ مۇسۇلماننى ئىبادەتتىن ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىغان، رىيادىن قورقۇشنى باھانە قىلىپ ئىبادەتتىن يۈز ئۆرۈيدىغان قورقۇش ئەمەس.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن[  335146- 34630- 9359 - 101968 -].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android