نۇرغۇن ئالىملار بەدەندىن نىجاسەت چىقسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، چۈنكى بۇ يەردىكى ئەسلى قائىدە، تاھارەتنىڭ بۇزۇلماسلىقىدۇر، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ دەيدىغانغا سەھىھ دەلىل يوق.
قاننىڭ چېقىشى تاھارەتنى بۇزامدۇ؟
سوئال 45666
بەدەندىن قان چېقىش بىلەن تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
مۈندەرىجە
بەدەندىن نىجاسەت چېقىش ئەھۋالى:
بەدەندىن نىجاسەت چېقىش ئەھۋالى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1-بەدەندىن سۈيدۈك ياكى چوڭ تەرەت، ئادەتتە چېقىدىغان ئورۇندىن چېقىدىغان بولسا، بۇ قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىجمانىڭ دەلىلى بىلەن تاھارەتنى بۇزىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيداً طَيِّباً فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ تەرجىمىسى: «ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار). ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار) ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار». [سۈرە مائىدە 6 -ئايەت].
سەپپان ئىبنى ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى سەپەردە بولۇپ چوڭ-كېچىك تەرەت ۋە ئۇيقىدىن ئاياغلىرىمىزنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز سالماسلىققا بۇيرۇيتتى، لېكىن جۇنابەت بولغاندا سېلىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى». [تىرمىزى رىۋايىتى 96 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
چوڭ-كېچىك تەرەت ۋە ئۇيقۇنى تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن دەپ مۇنداق بايان قىلغان:
1-بەدەندىن سۈيدۈك ياكى تەرەت ئادەتتە چېقىدىغان ئورنىنىڭ غەيرىدىن چىققان بولسا، مەسىلەن: ئوپېراتسىيە قىلىنغان كىشىنىڭ قورسىقىنىڭ كېسىلگەن جايدىن چوڭ-كېچىك تەرەت چىققان بولسا، بۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ، چۈنكى ئىلگىرىكى دەلىللەر چوڭ-كېچىك تەرەتنىڭ چىقىشى ئادەتتە چېقىدىغان ئورۇندىن بولسۇن ياكى باشقا جايدىن چىقسۇن "چىقىش" دېگەن سۆزنىڭ ئومۇمى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ.
2-بەدەندىن چوڭ-كېچىك تەرەتتىن باشقا: قان، قۇسۇق دېگەندەك نىجىس نەرسىلەر چىققان بولسا، بۇنى نىجىس دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە:
بەدەندىن چىققان قان ۋە قۇسۇققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ چىقىشى تاھارەتنى بۇزامدۇ؟
دېگەن بۇ مەسىلىدە ئالىملار پەرقلىق قاراشتا بولدى، بەزى تەپسىلاتلارمۇ بايان قىلىندى. ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام ئەھمەدكە ئوخشاشلار ئالىملار بۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى. ئۇلار بۇ ھەقتە بىر قانچە دەلىللەرنى بايان قىلدى:
-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇن كېسىلى بولغان ئايالغا: «بۇ تومۇردىن كەلگەن قان، ھەر بىر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئىلىڭ » دېگەن.
ئۇلار: بۇنىڭدا تاھارەتنىڭ ۋاجىپ بولۇشنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ تومۇردىن كەلگەن قان بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، قانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ دېدى.
مەئدان ئىبنى ئەبۇ تەلھە، ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىدۇكى، ئۇ : «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەي قىلىپ ئىپتار قىلغان ۋە تاھارەت ئالغان دېگەن، مەن دەمەشىقتىكى مەسچىتتە سەۋبان رەزىيەللاھۇ بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ، راست ئېيتىپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالىدىغان سۈيىنى مەن قۇيۇپ بەرگەن دېدى». [تىرمىزى رىۋايىتى 87 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
نۇرغۇن ئالىملار بەدەندىن نىجاسەت چىقسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، چۈنكى بۇ يەردىكى ئەسلى قائىدە، تاھارەتنىڭ بۇزۇلماسلىقىدۇر، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ دەيدىغانغا سەھىھ دەلىل يوق.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ گۈزەل قارىشىم، شەرئى دەلىل ئىسپاتلانمىغۇچە تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، بۇنىڭدا شەرئى دەلىل ئىسپاتلانمىدى".
تاھارەت بۇزۇلىدۇ دېگەنلەرنىڭ كەلتۈرگەن دەلىلىگە مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:
خۇن كېسىلى بولغان ئايالنىڭ ھەدىسىگە كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن، ئۇنىڭ ھەيزنىڭ قېنى ئەمەسلىكىنى مەقسەت قىلغان، يەنى بۇ ھەيزنىڭ قېنى ئەمەس بەلكى تومۇردىن كەلگەن قان، شۇنداق بولغان ئىكەن، سىزنىڭ نامازنى تەرك قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ بەلكى ھەر بىر نامازغا بىر قېتىمدىن تاھارەت ئىلىپ نامازنى ئادا قىلىسىز دېمەكتۇر.
ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇ"تا مۇنداق دەيدۇ: "مۇبادا خۇن كېسىلى بولغان ئايال توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇنىڭ مەنىسى: بۇ قاننىڭ ھەيزنىڭ قېنى ئەمەسلىكىنى بەلكى تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئورۇندىن چىققانلىقى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، ھەرگىزمۇ ھەرقانداق ئورۇندىن قان چىقسا تاھارەت ئېلىشنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەستۇر".
ئەمما سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسكە بىرقانچە تەرەپتىن جاۋاپ بەردى:
1-ئۇ ھەدىس زەئىپ. ئىمام نەۋەۋىي"ئەل مەجمۇ"تا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى دەلىل كەلتۈرۈشىگە بىر قانچە تەرەپتىن جاۋاپ بېرىدۇ: بەيھەقى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنىڭ ئەڭ گۈزەل يولى، زەئىپ مۇزتەرىپتۇر دېگەن.
2-مۇبادا ئۇ ھەدىسنى سەھىھ سابىت ھەدىس دېگەندىمۇ، بۇ قەي-قۇسۇقنىڭ چېقىشى بىلەن تاھارەتنىڭ بۇزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قېتىم ئۇنداق قىلىپ قويىشى قەي-قۇسۇقتىن كېيىن تاھارەت ئېلىۋىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
"ئەل مەجمۇ" 1 -توم 185-189 -بەت، "ئەل مۇغنى" 1-توم 233-234 -بەت. 1 -توم 247-250 -بەتلەر. "ئەششەرھىل مۇمتى" 1 -توم 185-189 -بەتلەر.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى