جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىسلامدا دىنى تەبرىكلەشلەر

سۇئال

ئىسلامدىكى دىنى تەبرىكلەشلەر ۋە بايراملارنى بىلمەكچىدىم .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا بايرام بار : رامىزاندىن كىيىنكى روزا ھېيت ، ۋە چوڭ ھەج كۈنىدىكى قۇربان ھېيت ، بىز بۇ ئىككى بايرامدا ئۆزئارا تەبرىكلىشىمىز ، خۇشاللىقنى كىڭەيتىمىز ھەمدە بالا-چاقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىمىز . بىراق ئەڭ مۇھىمى ، بىز ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى تەكبىيرۋە تەھلىيل (لائىلاھە ئللەلاھ دىيىش) بىلەن ياد ئىتىمىز ، ۋە ئىككى ھېيىت نامىزى ئوقۇيمىز . ھەمدە بىزنىڭ بۇ ئىككى بايرامدىن باشقا يىلنىڭ مۇئەييەن كۈنلىرىنى تەبرىكلەش كۈنىمىز يوق .
ئەلۋەتتە ، بۇنىڭدىن باشقا ئىسلام شەرىئىتى مۇۋاپىق تەبرىكلەشكە بۇيرىغان خۇشاللىق مۇناسىۋەتلەر بار ، مەسىلەن ، توي بولغاندا ياكى بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە تائامغا يىغىلىش . قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ كۈنلەر يىلدىكى مۇئەييەن كۈنلەرگە خاس قىلىنمىغان ؛ بەلكى ئۇلار مۇسۇلماننىڭ ھايات باسقۇچىدا يۈز بەرگەندە تەبرىكلىنىدۇ .
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد