پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىلاھى خاھىش( قازا) ۋە تەقدىر ھەققىدە ئەھل سۈننەتنىڭ ئىتىقادى ھەققىدە ئومۇمى بايان

سۇئال

ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدە ئىسلام كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز ؟ بۇ تىما توغىرسىدا مەن نىمىگە ئىشىنىشىم لازىم؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
بىز ئىسلامنىڭ ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدىكى قارىشىنى ئۇزۇن سۆزلىمەيمىز . بىراق بۇ ماۋزۇنى چۈشىنىشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن ، بۇ تىمىنىڭ ئومۇمى بايانى بىلەن باشلايمىز . ئاندىن مۇمكىنقەدەر كۆپ چۈشەنچە بىرىمىز . بۇ ئارقىلىق ئاللاھتىن بىزگە مەنپەئەت بىرىشىنى ، تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز:
بىلگىنكى ، ئىلاھى خاھىش ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى _ بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يۈز بىرىدۇ دەپ جەزمەن ئىشىنىش .
تەقدىر( ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش ) ھەققىدە ئىشىنىش : ئۇ بولسا ئىيماننىڭ ئالتىنچى تۈۋرىكى ھەمدە ئۇنىڭسىز ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ . سەھىيھ مۇسلىمدا(8) ئىبنۇ ئۇمەردىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەقدىرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : " ئەگەر مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ، مەن ئۇلارغا : مىنىڭ ئۇلاردىن ئادا-جۇدالىقىمنى ، ئۇلارنىڭ مىنىڭدىن ئادا-جۇدالىقىنى دەيمەن . ئابدۇللاھ بىن ئۇمەر قەسەم قىلىدىغان زات بىلەن قەسەمكى ، ئەگەردە ئۇلارنىڭ بىرىدە ئۇھۇد تېغىغا تەڭ كىلىدىغان ئالتۇنى بولسا ۋە ئۇنى خىراجەت قىلسا ، ئۇ تەقدىر ھەققىدە ئىشەنگەنگە قەدەر ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ . " دىدى . ۋە يەنە شۇنى بىلىش كىرەككى ، سىز تەقدىرنىڭ تۆت تەرىپىگە ئىشەنمىگۈچە ، سىزنىڭ تەقدىرگە بولغان ئىشىنىشىڭىز توغرا ئەمەس ، ھەمدە ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1- ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈ ئومۇميۈزلۈك ، تەپسىلىي بىلىدىغانلىقىغا ، شۇڭا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى بىر ئاتوم مىقدارى نەرسىمۇ ئۇنىڭغا نامەلۇم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش .
2- ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلارنى ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش .
3- ئاللاھنىڭ خاھىشىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ، ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكى ، شۇڭا كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسە ياخشى ياكى ئەسكى بولسۇن ئۇنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش .
4- بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ، شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ،ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار . ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھ يوق ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى . [ ئەنئام ( چاھارپايلار) : 102 ]
تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ توغرا بولۇشى مۇنۇ ئىشىنىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئەركىنلىكى بار بولۇپ ، ئۇ ئارقىلىق ئىش-ھەركەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن توغرا مىڭىشنى خالايدىغانلارغىلا [ تەكۋىير : 28 ] ، ئاللاھ بىرسىگە ئۇنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى يۈكلىمەيدۇ . [ بەقەرە( ئىنەك ) : 286]
- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى ، ھەمدە ئۇ بولسا بەندىگە ئۇنى بەرگەن ، ۋە ئۇنى ( ئاق-قارىنى) پەرىقلەندۈرۈشكە قادىر قىلغان ۋە ئىختىيارلىقنى بەرگەن زات . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : ھەمدە سىلەر دۇنيالار ( ئاللاھتىن باشقا ، ئىنسانلار دۇنياسى ، جىنلار دۇنياسى ۋە باشقا دۇنيالار) نىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىسا خالىيالمايسىلەر .
[ تەكۋىير: 29 ]
- تەقدىرنىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدىكى سىرى ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئايان بولغانلىرىنى بىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزگە يۇشۇرۇن بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزنىڭ چەكلىك ئەقلىمىز ۋە ئاجىز چۈشىنىشىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ ھەركەتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى توغىرسىدا مۇنازىرلەشمەيمىز . بەلكى ئاللاھنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە يۈكسەك ئاقىلانىلىقىغا ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ قىلغان ئىشلىرى توغىرسىدا سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ . ئۇ پاك ، مەدھىيە ئۇنىڭغا بولسۇن .
بۇ بولسا توغرا يوللۇق پىشقەدەملەر( سەلەفەر) نىڭ بۇ مۇھىم تىما ھەققىدىكى ئىتىقادىنىڭ خۇلاسىسى . بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تىخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىمىز . ھەمدە ئاللاھتىن توغرىسىنى دىيىشكە مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز :
بىرىنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) ۋە تەقدىر( قەدەر) نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى :
قازا نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى : نەرسىنى پۇختىلاش ، ئىشنى تاماملاش . قەدەرنىڭ بولسا : باھالاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش .
ئىككىنچى : ئۇلارنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى :
قەدەر( تەقدىر) بولسا : ئاللاھنىڭ شەيئىلەرنى ئەزەلدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ نەزىرىدىكى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ۋە ئاللاھ خالىغان ۋە پۈتكەن مەخسۇس سۈپەتلەردە يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلىشى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە يارىتىلىشى بويىچە يۈز بىرىدىغانلىقى .
ئۈچۈنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) بىلەن تەقدىر ئوتتۇرسىدا پەرىق بارمۇ ؟
بەزى ئالىملار ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق بار دىدى . بىراق ئەڭ توغرا قاراش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەنە جەھەتتىن پەرق يوق . ھەمدە ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كىتاب ۋە سۈننەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى كۆرستىدىغان ئىنىق دەلىل يوق . ئالىملار بىرسىنىڭ يەنە بىرسىنىڭ ئورنىدا قوللۇنىلىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى . بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، بۇ ئىماننىڭ بۇ تۈۋرىكىگە ئىشىنىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ۋە ھەدىيس تېكىستلىرىدە قەدەر( تەقدىر) سۆزى ئەڭ كۆپ كىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
تۆتىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى :
تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئالتە تۈۋرىكىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ جەبرائىل پەيغەمبىرىمىزدىن( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىمان ھەققىدە سورىغاندا ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدە تىلغا ئىلىنغان . ئۇ مۇنداق دىگەن : ئۇ بولسا ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، ئەلچىلىرىگە ، كىتاپلىرىغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ھەمدە قەدەر( تەقدىر) نىڭ ياخشىسى ۋە يامىنىغا ئىشىنىشىڭ . [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ،8 ] قەدەر( تەقدىر) قۇرئاندىمۇ تىلغا ئىلىنغان : بىز ھەقىقەتەن ھەممە شەيئىنى قەدەر( بارلىق شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشتىن بۇرۇنقى تەقدىر كىتابى لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھى ئالدىن بەلگىلەش ) بىلەن ياراتتۇق .
[ قەمەر( ئاي ) : 49 ] ، ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بەلگىلىنىپ بولغان قەدەر( تەقدىر) بولدى . [ ئەھزاب( قوشۇنلار) : 38 ]
بەشىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ تەرەپلىرى :
بىلىڭكى ، ئاللاھ سىزنى ئۇنىڭ رازىلىقىغا نىسىپ قىلسۇن . تەقدىرگە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت تەرەپكە ئىشەنمىگۈچە تولۇق بولمايدۇ :
ئا- بىلىش : يەنى ئاللاھنىڭ بىلىمى بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئاسمانلاردىكى ۋە ياكى زىمىندىكى بىرەر تال ئاتوممۇ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش . ئاللاھ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن بىلەتتى ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈلۈك بىلىمى بىلەن بىلەتتى . بۇنى كۆرسىتىدىغان دەلىلەر كۆپ ، ئۇلاردىن : ئۇ بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق ئاللاھ . ئۇ كۆرۈنمەس ۋە كۆرۈنىدىغاننى بىلگۈچى . [ ھەشىر( سۈرگۈن قىلىش ) : 22] ، ھەمدە ئاللاھ بالىق شەيئىلەرنى بىلىش بىلەن ئوراپ تۇرىدۇ . [ تالاق : 12]
ئە-پۈتۈش : يەنى ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارىنى لەۋھۇل مەھفۇزغا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش . بۇنىڭ دەلىلى : بىلمەمسەنكى ، ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زىمىندىكى بارلىق نەرسىنى بىلىدۇ . ھەقىقەتەن ئۇلار كىتاپتا بار ، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھقا ئاسان . [ ھەج: 16 ] ، پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى : ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارلىرىنى ئاسمانلار ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتكەن . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2653 ]
ب- ئىرادە قىلىش ۋە خالاش : يەنى بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان بارلىق نىمە ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن يۈز بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش . شۇڭا ئاللاھ خالىغان نىمە بولىدۇ ، ئۇ خالىمىغان نىمە بولمايدۇ ، ھەمدە ھىچ نەرسە ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ دەلىلى : مەن ئەتە مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلماقچى دەپ ھەرگىز بىرنىمە دىمە ! پەقەت ئاللاھ خالىسانى ( قوشۇپ دىگىن) [ كەھىف( ئۆڭكۈر) : 23-24 ] ، سىلەر دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىغۇچە خالىيالمايسىلەر . [ تەكۋىير : 29 ]
پ _ يارىتىش : يەنى ئاللاھنىڭ بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ، ھەمدە ئۇ بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، شۇڭا بۇ كائىناتتا قانداق نەرسە يۈز بەرمىسۇن ، پەقەت ئۇ ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ ئىشىنىش . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئاللاھ بولسا بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى . [ زۇمەر( كىشىلەر توپى ) : 62] ، ھەمدە ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەر قىلىۋاتقان نىمىنى ياراتتى . [ ساففات( سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلار) : 96 ]
ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى : ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەر بىر ياسىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ياسىغىنىنى ياسايدۇ .
[ ئۇنى بۇخارىي بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ يارىتىلىشى بابىدا( 25) ، ھەمدە ئىبنۇ ئەبۇ ئاسىم سۈننەت تە(257، 358) چىقارغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھەدە ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 1637 ]
پېشىۋا ئىبنۇ سەئېدىي مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ، يەنى ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بولغىنىدەك ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرىدىن ئىبارەت ئۇلار مۇشۇلار ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان نىمىلەرنمۇ ياراتقۇچى ؛ ئاندىن ئۇلار بولسا بويسۇنۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھەر خىل ئىش-ھەركەتلەرنى ئاللاھ ياراتقان ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرى بىلەن قىلىدۇ .
[ دۇررەتۇل بەھىييە شەرھى قەسىيدەتۇت تائىييە ، 18-ب ]
تەقدىر مەسىلىلىرى توغىرسىدا ئەقىلگە تايىنىپ بەس-مۇنازىرە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش :
تەقدىرگە ئىشىنىش بولسا بىر ئادەمنىڭ ئاللاھقا توغرا يۇسۇندا ئىشىنىش دائىرسىدە بىر ھەقىقى سىناق بولۇپ ، ئۇ ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ بىلىمدىن كىلىپ چىقىدىغان ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ، مۇكەممەل سۈپەتلىرىگە قەتئىي راست ئىشىنىدىغانلىقىنى كۈچلۈك سىناش . چۈنكى ئۇ چەكلىك ئەقلىنى ئۇنى چۈشىنىشكە قويۇۋەتكەن كىمگە نۇغۇن سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ . تەقدىر مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار بولدى ھەمدە كىشىلەر بەس-مۇنازىرىگە ، ۋە ئۇنى تلغا ئالغان قۇرئان ئايەتلىرىنى خاتا چۈشەندۈرۈشكە چۈشۈپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ھەر بىر دەۋىردىكى دۈشمەنلىرى تەقدىر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا شەك-شۈبھىلەرنى ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە قايمۇقۇشنى قوزغاپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرى بىلەن تونۇيدىغان ، كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان كىشىدىن باشقا ھىچكىمدە توغرا ئىيمان ۋە قەتئىي ئىشىنىشنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى . شۇڭا ئاشۇنداق بولغاندىلا ھىچقانداق شۈبھىلەر ۋە شەكلەر ئۇنىڭ قەلبىگە كىرىشكە يول تاپالمايدۇ ، مانا بۇ شۈبھىسىزكى تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىماننىڭ باشقا تۈۋرۈكلىرىگە قارىغاندا تىخىمۇ مۇھىملىقىغا ئەڭ چوڭ دەلىل . ھەمدە ئىنسان ئەقلى مۇستەقىل ھالدا تەقدىرنى چۈشىنەلمەيدۇ ، چۈنكى تەقدىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توغىرسىدىكى سىرلىرىنىڭ بىرى . شۇڭا ئاللاھ كىتابىدا ياكى ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) تىلى بىلەن بىزگە ئىچىۋەتكىنىنى بىلىمىز ، ئۇنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز . ھەمدە پەرۋەردىگارىمىز بىزگە دىمىگەنلىرىگە ئىشىنىمىز ھەمدە ئۇنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە ۋايىغا يەتكەن دانالىقىغا ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ پاك ئاللاھ قىلغىنىدىن سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ ، بەلكى ئۇلار سوئال-سوراق قىلىنىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ ، ئاللاھ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەدنى ۋە ئائىلىسىنى ، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ( ساھابىلەرنى ) تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
[ ئەئېلام سۈننەتۇل مەنشۇرە 147 ، پېشىۋا د. ئابدۇررەھمان مەھمۇدنىڭ كىتاب ۋە سۈننەت يورۇقىدا ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ، پېشىۋا مۇھەممەد ھەمدنىڭ ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش كە قاراڭ ]

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى