جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

باشقىلار ئۈچۈن تاش ئېتىپ قويۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ياشانغان بىر كىشى ئۈچۈن تاش ئېتىپ قويدۇم، توغرا بولۇپتىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئەگەر سىزنى تاش ئېتىپ قويۇشقا ۋەكىل قىلغان كىشى ياشانغانلىق ياكى بەك قىستاڭچىلىقتىن ئەنسىرەپ، ئۆزى ئاتالمايدىغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن سىز ئېتىپ قويسىڭىز توغرا بولىدۇ.

    "دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى"11-توم 286-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ياشانغانلىق ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزى تاش ئېتىشقا قادىر بولالمىغان كىشى ئورنىغا شۇ يىلى ھەج قىلغان ئىشەنچىلىك بىر كىشىنى تاش ئېتىپ قويۇشقا ۋەكىل قىلسا توغرا بولىدۇ".

     شۇنىڭغا ئاساسەن سىزنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ئورنىغا تاش ئېتىپ قويغىنىڭىز توغرا بولاپتۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن (ئاللاھ خالىسا) سىزگە ساۋاپ بولىدۇ، باشقا نەرسە بولمايدۇ.

    تاش ئاتقاندا ئالدى بىلەن سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئاتىسىز ئاندىن سىزنى ۋەكىل قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاتىسىز، سىز ئالدى بىلەن ئۈچ شەيتاننىڭ ھەممىسىگە ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئېتىۋېتىپ ئاندىن قايتىپ كېلىپ سىزنى ۋەكىل قىلغان كىشى ئۈچۈن تاش ئېتىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىر شەيتانغا ئاتقاندا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئاتىسىز ئاندىن سىزنى ۋەكىل قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاتىسىز. بۇ توغرىدا 36853- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى