ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن كىشىنىڭ ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايدا تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ قىلغان ئەمىلىگە زىت بولىدۇ. (ئەگەر ھېيت نامىزى مەيداندا ئوقۇلماستىن مەسجىدتە ئوقۇلىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ).
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.