قەبرىستانلىقتا چوڭ-كىچىك ھاجىتىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 6050

بەزى شەھەرلەردە بەزى كىشىلەرنىڭ تەرىتى قىستاپ قالسا، تەرەت سۈندۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپنى ئوراپ قويغان قەبرىستانلىققا كىرىپ ئۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسى بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇ يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ، بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ ھەقىقەتەن ۋاپات بولغانلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان، قەبىھ، ناچار ئىشتۇر. مېيىتنىڭ قەبرىسى ھاياتلىقتىكى ئۆيىگە ئوخشاشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلمىشنىڭ بەك ناچار  ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « كۆيۈۋاتقان چوغ ياكى قىلىچ ئۈستىدە مېڭىش، مەن ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ قەبرىسى ئۈستىدە مېڭىشتىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. قەبرىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاجەت قىلساممۇ، پەرۋا قىلمايمەن». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى"زەۋائىد" تا ئىسنادى سەھىھ دېگەن. "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە سەھىھ دەپ63 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.]

ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئايىغىمنى پۇتۇمدا تۇرغۇزۇپ تىكىمەن-ئوڭشايمەن-  » دېگىنىمۇ گەرچە مۇمكىن بولسىمۇ بەك قىيىن ئىش، بۇنىڭدا قاتتىق چارچاش بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئىش ماڭا مۇسۇلماننىڭ قەبرىسى ئۈستىدىن مېڭىشتىنمۇ بەك ياخشى كۆرەلگۈچى دەيدۇ «. «قەبرىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاجەت قىلساممۇ، پەرۋا قىلمايمەن» دېگەن سۆزى بولسا، بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ناچار، قەبىھ ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئىككىلىسىنى قىلىشتىنمۇ پەرۋا قىلمايدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

دەپنە قىلىش ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدىكى ئەھكاملار

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android