ئۆلچەم دېگەن: زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ۋە ئىنسان ئىگە بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن بەلگىلىمە بولۇپ، ئەگەر ئىنسان ئۇنىڭدىن ئاز مىقداردا بىر نەرسىگە ئىگە بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئىسلام شەرىئىتىدە مالنىڭ زاكىتى ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ئىبارەت نەق ئىقتىسادتا ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان دوللار، يورۇ، رىيال ياكى جۇنەي قاتارلىق ھازىرقى دەۋرىدە ئېقىۋاتقان قەغەز پۇلدا بولىدۇ.
ئالتۇننىڭ زاكات ئۆلچىمى يىگىرمە مىسقال بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بەرگەن، بىر مىسقال ھازىرقى دەۋرىدە 4.25 گىرامغا باراۋەر كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇننىڭ ھازىرقى دەۋرىدىكى زاكات ئۆلچىمى 85 گىرام بولىدۇ، كىمكى ھەر قانداق تۈردىكى ئالتۇندىن 85 گىرام ئەتراپىدىكى مىقدارغا ئىگە بولغاندا ۋە بۇنىڭغا بىر يىل توشقاندا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، زاكات يۈزدە 2.5% بولىدۇ.
كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمى ئىككى يۈز دىرھەم بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بەرگەن، دىرھەم ھازىرقى دەۋرىدە 2.975 گىرامغا باراۋەر كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈمۈشنىڭ ھازىرقى دەۋرىدىكى زاكات ئۆلچىمى 595 گىرام بولىدۇ، كىمكى ھەر قانداق تۈردىكى كۈمۈشتىن 595 گىرام ئەتراپىدىكى مىقدارغا ئىگە بولغاندا ۋە بۇنىڭغا بىر يىل توشقاندا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، زاكات يۈزدە 2.5% بولىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھازىرقى زاماندا ئالتۇننىڭ زاكات ئۆلچىمى بىلەن كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمى بولغان قىممەت ئارىسىدا مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان زور پەرق بار، سىزگە ئېھتىيات ۋە كەمبەغەلگە ياخشى بولغىنى، سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتۈپ ھىجىرىيە ھېسابى بويىچە تولۇق بىر يىل ئۆتكەن بولسا، بۇ پۇل كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمى قىممىتىگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان بولسا، سىز ھەر مىڭ دوللاردىن 25 دوللار زاكات ئايرىسىز، بۇنى شەرىئەتتە زاكات ئېلىشىغا لايىق بولغان سەككىز تۈردىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىپ ياكى بىر-ئىككىسىگە بېرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشنى، مال-دۇنيانىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ كۈندىلىك باھاسىنى ئېنتىرنىت ئارقىلىق كۆرسىڭىز بولىدۇ.