بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئاچچىقلىنىش ( ئاللاھ بىلىدىغان يامانلىق) بالايىئاپەتلەرگە سەۋەپ بولىدىغان شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشىدۇر. شۇڭلاشقا ، شەرىئەتتە بۇ ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىللەت كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇ كېسەللىكتىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۇسۇللىرى مەۋجۇتتۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1- ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەش.
سۇلايمان ئىبنى سەرد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئولتۇراتتىم، ئارىدا ئىككى كىشى بىر-بىرى بىلەن تىللىشىپ قالدى، بىرىنىڭ يۈزى قىزىرىپ گەدەن تومۇرلىرى كۆپۈشۈپ چىقىپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن ئەلۋەتتە بىر سۆزنى بىلىمەن، ئەگەر ئۇ كىشى ئۇ سۆزنى دېگەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭ ئاچچىقى دەرھال كېتىپ قالاتتى، ئەگەر (أعوذ بالله من الشيطان) ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن دېسە، ئۇنىڭ ئاچچىقى كېتىپ قالاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى پەتھۇل بارى 6/337. مۇسلىم رىۋايىتى 2619 -ھەدىس].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاچچىقى كەلگەن كىشى: ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن دېسە، ئاچچىقى بوشايدۇ». [جامىئۇس سەغىر 695-ھەدىس].
2-سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالسا جىم تۇرۇۋالسۇن» . [مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 1/329. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 693 - 4027 -ھەدىس].
ئاچچىقلانغان كىشى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ سېزىمى ۋە كونتۇرۇللىقىدىن چېقىپ كېتىپ، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھقا كاپىر بولىدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ، باشقىلارغا لەنەت قىلىدۇ، ئايالىنى تالاق قىلىپ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدۇ، باشقىلارنى تىللاپ، ھاقارەت قىلىدۇ، باشقىلاردا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، ئومۇمەن بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى سۈكۈت قىلىشتۇر.
3-ساكىن بولۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالسا ئۇ كىشى ئۆرە تۇرغان بولسا، ئولتۇرۇۋالسۇن، ئەگەر يەنە ئاچچىقى كەتمىسە يىتىۋالسۇن».
بۇ ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىس بولۇپ، بۇنىڭدىكى ۋەقەلىك: ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆگىلىرىنى سۇغىرىدىغان بىر كۆلچىكى بولۇپ، بىر توپ كىشىلەر ئۇ يەرگە كېلىپ: قايسىڭلار ئەبۇ زەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، قايسىڭلار ئەبۇ زەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ بېشىنىڭ تۈكلىرىنى سانايسىلەر؟دېدى، ئۇلاردىن بىرى مەن شۇنداق قىلىمەن دەپ، ئەبۇ زەرنىڭ سۇ ساقلايدىغان كۆلچىكىنىڭ يېنىغا كېلىپ سۇ ئېغىزىنى بۇزۇپ سۇنى سىرتقا چىقىرىۋەتتى، ئەسلىدە ئەبۇ زەر ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ياردەملىشىپ تۆگىلىرىنى سۇغۇرۇپ بېرىشىنى كۈتكەنىدى، لېكىن بۇ كىشى ناچارلىق قىلىپ كۆلنى ۋەيران قىلىشقا سەۋەپ بولدى.
بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ زەر ئۆرە تۇرغانىدى، دەرھال ئولتۇردى ئاندىن ياتتى، ئۇنىڭغا: ئەي ئەبۇ زەر! نېمە ئۈچۈن ئولتۇرۇپ ئاندىن ياتىسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن دەپ يۇقىرىدىكى ھەدىسنى بايان قىلدى. بۇ ۋەقەلىكنى ئىمام ئەھمەد مۇسنەدتە 5/152 زىكىر قىلغان، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 694-ھەدىسگە قارالسۇن.
يەنە بىر ھەدىستە: «ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ كۆلگە سۇ توپلاۋاتقان بولۇپ، بىر كىشى ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنىدى، ئولتۇرۇۋالغان». [مەناۋىي پەيزۇل قەدىر 1 -توم 408 -بەتتە كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىنىڭ پايدىلىرىدىن: ئاچچىقلانغان كىشىنى بۇ ھالەتتە ھەرىكەت قىلىشتىن چەكلەش، چۈنكى ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقىلارنى ئۇرۇش، تىللاش، ئەزىيەت يەتكۈزۈش، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەتتا ئۆلتۈرۈش دەرىجىسىگە يېتىپ قىلىشى مۇمكىن، بۇ سەۋەبتىن، ئەگەر ئۇ ئولتۇرسا، ئۇ پاراكەندىچىلىك ۋە غەزەپلىنىشتىن يىراق بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ياتسا، ھەددىدىن ئاشىدىغان ھەرىكەت ۋە زىيانلىق ئىشلاردىن تىخىمۇ يىراق بولىدۇ.
ئەللامە خەتتابى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدتا بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ھەرىكەتلىنىش ۋە ۋەھشىلىككە تەييار بولىدۇ، ئولتۇرغاندا بۇ قەدەر بولمايدۇ، ياتقاندا بولسا بۇنىڭ ھەممىسىدىن چەكلىنىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئولتۇرۇش ۋە يېتىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۇ كىشى ئاچچىقى كېلىپ ئۆرە تۇرغان ياكى ئولتۇرغان ھالىتىدە بىر ئىشلارنى قىلىپ كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدىغان بولۇپ قالمىسۇن دېگىنىدەكتۇر. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. سۈنەن ئەبۇ داۋۇد، ۋە مەئالىمۇ سۈنەن 5/141 -بەت".
4-رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاچچىقلانما» دېگەن ئەمرىگە بويسۇنۇش.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىندۇكى، بىركىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ماڭا بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلسىلا دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانما» دېگەن، ئۇ كىشى تەكرار سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان». [بۇخارى رىۋايىتى پەتھۇل بارى 10/456].
يەنە بىر ھەدىستە: ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا ئاچچىقلانما دېگەن ۋاقتىدا ئۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئويلىنىپ باقسام، ئاچچىق يامانلىقنىڭ ھەممىسىنى جۇغلايدىكەن». [مۇسنەد ئەھمەد 5/373 ].
5-ئاچچىقلىنىشنى قايتۇرۇش تەقۋادارلارنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلىش. سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاچچىقلانمىغىن، ساڭا جەننەت بولىدۇ». سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 7374-نومۇرلۇق ھەدىس. ئىبنى ھەجەر تەبرانىيغا قاتقان. پەتھۇل بارى 4/465 ].
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆز نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىپ ئاچچىقلىنىش سەۋەپلىرىدىن يىراق بولغان تەقۋادار بەندىلىرىگە تەييار قىلغان مۇكاپاتلىرىنى ئەسلەش بولسا، ئاچچىقنى پەسەيتىشكە ياردەم بولىدىغان كاتتا سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر، بۇنىڭغا كاتتا ئەجىر بېرىلىدىغان توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئاچچىقىدا بىر ئىشنى قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ، ئاچچىقىنى يۇتقان كىشىنىڭ قەلبىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن توشقۇزىدۇ». [تەبرانى بايان قىلغان 12/453. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 176-ھەدىس].
بۇنىڭ ئەجىرنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئاچچىقىدا بىر ئىشنى قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ، ئاچچىقىنى يۇتقان كىشىنى قىيامەت كۈنىدە پۈتۈن خالايىقلارنىڭ ئالدىدا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ھۆرلەردىن خالىغاننى تاللىۋېلىش ئىختىيارلىقى بېرىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4777-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 6518 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
6-ئۆزىنى كونترول قىلغۇچىلارنىڭ يۇقىرى مەرتىۋە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە پەزىلىتىنى بىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چېلىشتا يېڭىۋالغان كىشى باتۇر ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى كونترول قىلغان كىشى باتۇردۇر ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. ئىمام ئەھمەد كەلتۈرگەن 2/236 ].
روھ قانچە جىددىيلەشسە ۋە مەسىلە قانچە كەسكىن بولسا ، ئاچچىقنى بېسىشنىڭ دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «باتۇر دېگەن: بەك ئاچچىقى كېلىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ، تەنلىرى شۈركۈنۈپ، چاچلىرى تىكلىنىپ كەتكەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان كىشىدۇر». [ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان 5/367. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3859 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلار ئارىسىدا بۇنداق ئىش يۈز بەرگەندە، بۇ ئىشنىڭ خەتىرىنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ساھابىلارغا بۇنى بايان قىلىپ بەرگەن.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چېلىشىۋاتقان بىر توپ كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: « نېمە ئىش؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: پالانى بەك ماھىر چېلىشچى ئىكەن، ئۇ ھەممە كىشىنى يېڭىۋەتتى، ھېچ كىشىنى ئۇنى يېڭەلمىدى دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭدىن كۈچلۈك، ماھىر بىرىنى دەپ بىرەيمۇ؟، ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بولۇپ، زالىمدىن دەردىنى ئېلىشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، ئاچچىقىنى يۇتۇپ، ئۆزىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ھەمراھىنىڭ شەيتىنىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن كىشىدۇر، دېدى.» [بەززار كەلتۈرگەن، ئىبنى ھەجەر پەتھۇل بارىدا 10/519 دا ھەسەن ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن].
7-ئاچچىقنى بىر تەرەپ قىلىشتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىغا ئەگىشىش. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ بەلگىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئۈلگىمىز، يېتەكچىمىز، بۇ نۇرغۇن ھەدىسلەردە ئېنىق بايان قىلىنغان. ئۇ ھەدىسلەردىن: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كېتىۋاتاتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا نەجراندا توقۇلغان چۆرىسى قاتتىق-قېلىن بولغان تون بارئىدى، يولدا بىر سەھرالىق ئەرەب ئۇچراپ قىلىپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تونىنى تۇتۇپ قاتتىق تارتتى، قارىسام، قاتتىق تارتقانلىقتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دولىسى بىلەن بوينىنىڭ ئارىسى قىزىرىپ كېتىپتۇ، ئاندىن ئۇ: ئى مۇھەممەد! ماڭا سېنىڭ يېنىڭدىكى ئاللاھنىڭ مېلىدىن بۇيرۇپ بەرگىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ، مال بېرىشكە بۇيرىدى». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. پەتھۇل بارى 19/375].
ئاچچىقنى بىر تەرەپ قىلىشتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىغا ئەگىشىپ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرى ئاياغ-ئاستى قىلىنسا بۇنىڭ ئۈچۈن غەزەپلىنىپ ئاچچىقىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماختىلىنىدىغان غەزەپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلىپ كىشىلەرنى جامائەت نامىزىدىن ئۈركۈتۈپ قويغان ئىمام ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەندە بەك ئاچچىقلىغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ئۆيىدە پەردىدىكى جانلىق نەرسىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە بەك ئاچچىقلانغان.
ئۇسامە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەخزۇمىيە قەبىلىسىدىكى ئايال ئوغرلىق قىلىپ، قولىنى كەسمەكچى بولغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن شاپائەت تىلىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇنىڭغا بەك ئاچچىقلىنىپ : «ئاللاھنىڭ ھەد-ھۇدۇدى، جازاسى ھەققىدە شاپائەت تەلەپ قىلامسەن؟» دېگەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بەزىلەر ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى سورىغاندا ئاچچىقلانغان. بارلىق ئىشلاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەقەت ئاللاھ ھەققىدە ئاچچىقلانغان، ئۆزى ئۈچۈن ئاچچىقلانمىغان.
8-ئاچچىقنى كونترۇل قىلىش تەقۋادارلارنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلىش. ئاللاھ تائالا كىتابىدا ئۇلارنى مەدھىيىلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە ئۇلارنى ماختىغان، ئۇلارغا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندىن كەڭ بولغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: كەڭرىچىلىك، قىيىنچىلىقتىمۇ خەيرى-ئېھسان قىلىش، ئاچچىقىنى يۇتۇش، كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، ئاللاھ تائالا مۇھسىنلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاشۇ ئاللاھ تائالا گۈزەل ئەخلاقى، ئېسىل سۈپەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى زىكىر قىلغان، ئۇلارغا قېتىلىش ئۈچۈن كۆڭۈل خالىغان ۋە بويۇنلار سوزۇلغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەخلاقىدىن: ئۇلار ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان كىشىلەرنى كەچۈرىدۇ.
9-ئەسكەرتىلگەندە ئېسىگە كېلىش.
ئاچچىقلىنىش ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا كىشىلەر پەرقلىق بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئاچچىقلىنىشى تىز بولىدۇ، لېكىن راستچىل سەمىمىي كىشىلەر ئاچچىقلانغاندا، ئاللاھ ئەستىلسە، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مىسالىدۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، «بىر ئادەم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېرىشكە ئىزنى سورىدى، ئۇنىڭغا ئىزنى بېرىلگەندە، كېرىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! سەن بىزگە مالنى كۆپ بەرمىدىڭ، ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلمىدىڭ دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ، ئۇنى جازالىماقچى بولىۋېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىكى يېقىنلىرىدىن بىرى بولغان ھۆر ئىبنى قەيس: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئەلەيھىسسالامغا: خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ تەرجىمىسى: « ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن) دېگەن، بۇ نادانلاردىن، بۇنى ئەپۇ قىلغىن دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغاندا، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە بەك تۇرىدىغان زات ئىدى». [بۇخارى رىۋايىتى. پەتھۇل بارى 4/304 ].
مۇسۇلمان مۇشۇنداق بولىدۇ. ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن خەۋەر بېرىلسە چېچىلىدىغان مۇناپىققا ئوخشىمايدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «مۇناپىقتىن بىرسى ئاچچىقلانغاندا، ساھابىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلىگىن دېگەندە، ئۇ ساھابىغا: مېنى ساراڭ كۆرۈۋاتامسەن؟ ئىشىڭنى قىلغىن دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى، پەتھۇل بارى 1/465 ].
ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ خارلىقتىن پاناھ تىلەيمىز.
9-ئاچچىقلىنىشنىڭ ناچار ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش.
بۇ بەك كۆپ بولۇپ، ئومۇمىسى ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زەرەر بېرىدۇ، تىلنىڭ ھەرىكىتى دەشنام قىلىش، تىللاش، سۆكۈش ۋە ناچار سۆزلەرنى قىلىش، قولنىڭ ھەرىكىتى ھېسابسىز ئازابلاش بەزى ۋاقىتتا ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.
تۆۋەندىكى ۋەقەلىكتە كۆپ ئىبرەت بار: ئەلقەمە ئىبنى ۋائىلنىڭ ئاتىسى ۋائىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز بىركىشى يەنە بىر كىشىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ ئېلىپ كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئادەم قىرىندىشىمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «راست ئۆلتۈردۈڭمۇ؟» دەپ سورىغانىدى، ئۇ: شۇنداق ئۆلتۈردۈم دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قانداق ئۆلتۈردۈڭ؟» دەپ سورىدى، قاتىل: مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قويلىرىمىزنى ئوتلىتىش ئۈچۈن دەرەختىن غازاڭ قېقىۋاتاتتۇق، ئۇ مېنى تىللىدى، مېنىڭ بەك ئاچچىقىم كېلىپ، بېشىغا پالتا بىلەن بىرنى سېلىپ ئۆلتۈرىۋەتتىم دەپ بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى». [مۇسلىم سەھىھ كىتابىدا 1307 -ھەدىستە كەلتۈرگەن. مۇھەممەد پۇئاد ئابدۇل باقىنىڭ تەرتىپى].
ئەڭ ئاددىيسى ئەزالىرىنى سۇندۇرۇش ۋە جاراھەتلەندۈرۈشتۇر، غەزەپلەندۈرگۈچى نەرسە قېچىپ كەتسە، غەزەپلەنگۈچى ئەسلىگە قايتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كىيىمىنى يېرتىدۇ، مەڭزىگە كاچاتلايدۇ، بەزى ۋاقىتتا كونترۇللىقىنى يوقۇتىدۇ، قاچا-قۇچىلارنى سۇندۇرىدۇ، ئۆي-سايمانلىرىنى چاقىدۇ.
ئاچچىقتىن نەتىجىلىنىدىغان ناچار ئىشلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى، ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئائىلە ھالقىسىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ۋەيران بولىشىدىكى سەۋەپ تالاقتۇر، ئاياللىرىنى تالاق قىلغانلارنىڭ كۆپچىلىكىدىن نېمە ئۈچۈن تالاق قىلغانلىقى ۋە قانداق ھالەتتە تالاق قىلغانلىقى سورالسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەكلا ئاچچىقلانغان دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن ئەۋلادلارنىڭ چېچىلىپ كېتىشى، پۇشايمان، ئۈمىدسىزلىك، ئاچچىق تۇرمۇش، بۇنىڭ ھەممىسى ئاچچىقنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەگەر ئۇلارغا ئاللاھ تائالا ئەسلىتىلگەندە ئۆزىگە قايتقان، ئاچچىقىنى يۇتقان، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلىگەن بولسا ئىدى، بۇنداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايتتى، لېكىن ئاللاھنىڭ پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغاننىڭ نەتىجىسى زىيان تارتىش بولىدۇ.
دوختۇرلار سۈپەتلىگەندەك، ئاچچىقلىنىش سەۋەبىدىن بەدەنگە يەتكەن زەرەردىن: قان نۆكچىسى، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولىشى، قەلب سوقۇشىنىڭ زىيادە بولىشى، نەپەس ئېلىشىنىڭ تىز بولىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، بۇ قەلبى توختاپ ئۆلۈپ كېتىش ياكى شېكەر كېسىلى ياكى باشقا كېسەللەرگە گېرىپتار بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىك تىلەيمىز.
10-غەزەپلەنگۈچى ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا ئۆزىنى ئويلاش.
غەزەپلەنگۈچى غەزەپلەنگەن ۋاقتىدا ئەينەكتە ئۆزىنىڭ شەكلىنى كۆرگەن بولسا ئىدى، چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئۆزىنى تونىيالماي قالاتتى، رەڭگىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، قاتتىق تەۋرىنىپ تېترىگەنلىكى، شەكلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ يۈزىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكى، كۆز جىيەكلىرى كېڭىيىپ، ئەسلى ھەرىكىتى تەرتىپتىن چېقىپ كەتكەنلىك ئەھۋاللارنى كۆرىدۇ، ئۇ ساراڭلاردەك ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، تاشقىرى قىياپىتىنىڭ قورقۇنۇچلۇق بولىشى، ئىنساننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنىڭ قەبىھلىكىدىن روھىيىتىنىڭ قەبىھلىكى ياماندۇر. ئىنساننىڭ بۇ ھالىدىن شەيتان بەك خۇرسەن بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن ۋە خارلىقتىن پاناھلىق تىلەيمىز.
11-دۇئا قىلىش. دۇئا بولسا مۆمىننىڭ دائىملىق قورالى بولۇپ، رەببىگە يامانلىق، بالايى-ئاپەت ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن خالاس قىلىشنى تىلەپ يېلىنىدۇ، كۇپۇرنىڭ ھاڭلىرىغا ياكى ئاچچىقلىنىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىشنى تىلەپ ئاللاھ تائالاغا سېغىنىدۇ، چۈنكى ئۈچ تۈرلۈك ئىنساننى قۇتقۇزىدۇ: ئادالەت، رازىلىق ۋە ئاچچىقىنى بېسىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئالىرىدىن بىرى: «ئاللاھىم! سەن غەيىپنى بىلىدىغان ئىلمىڭ، مەخلۇقاتلىرىڭغا بولغان قۇدرىتىڭ بىلەن ھاياتلىقنىڭ ماڭا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ-سەن بىلىسەن-مېنى ھايات قويغىن، ۋاپات بولۇشنى ياخشى دەپ بىلسەڭ- سەن بىلىسەن-مېنى ۋاپات تاپتۇرغىن، ئاللاھىم! سەندىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتلەردە قورقۇشنى، رازىلىق ۋە غەزەپتە سەمىمى سۆز قىلىشنى، بايلىق ۋە كەمبەغەللىكتە نورمال بولۇشنى سورايمەن، سەندىن دائىملىق نېمەت، ئەبەدىي خۇرسەنلىك، تەقدىرگە رازى بولۇشنى سورايمەن، ئۆلگەندىن كېيىنكى راھەت تۇرمۇشنى، سېنىڭ جامالىڭغا قاراش لەززىتىنى، زىيانغا ئۇچرىماستىن ۋە پىتنىگە چۈشۈپ قالماستىن ساڭا ئۇچرىشىشنى ئىشتىياق قىلىمەن. ئاللاھىم! بىزنى ئىمان بىلەن زىننەتلىگىن، بىزنى توغرا يول تاپقۇچى ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچىلاردىن قىلغىن». [ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3039 -ھەدىس].
تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 5733- 21357- 45174- 201702-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.