پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىدا ناماز باشلاش دۇئاسىنى ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

تەراۋىھ نامىزىنىڭ ھەر ئىككى رەكىتىنىڭ دەسلەپكى رەكىتىدە ناماز باشلاش دۇئاسىنى ئوقۇيمىزمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     شۇنداق، قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنغان دەلىلنىڭ ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن تەراۋىھ نامىزى ۋە باشقا نەپلە نامازلارنىڭ ھەممىسىدە، ھەر ئىككى رەكەت نامازنىڭ دەسلەپكى رەكىتىدە ناماز باشلاش دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.

    كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازلارنى باشلاشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان ئايرىم دۇئالار بايان قىلىندى: لائىلاھە ئىللەللاھۇ دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېيىش، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېيىش، ئاللاھۇئەكبەر كەبىيرا، ۋەلھەمدۇلىللاھى كەسىيرا، ۋە سۈبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا دېيىش، ساھابىلاردىن بىرى بۇ دۇئا بىلەن باشلىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەيران قالدىم، بۇ دۇئا ئۈچۈن ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلدى دېدى.

    ساھابىلاردىن يەنە بىر كىشى "ئەلھەمدۇلىلاھى ھەمدەن، كەسىيرەن، تەييىبەن، مۇبارەكەن پىيھ" دەپ نامازنى باشلىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن ئون ئىككى پەرىشتىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بۇ دۇئانى ئاسمانغا كۆتۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدۇ دېدى.

    ئى ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن  ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ نۇرىسەن، بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىسەن، بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ پادىشاھىسەن، بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر، سەن ھەقسەن، سېنىڭ ۋەدىلىرىڭ ھەقتۇر، سۆزۈڭ ھەقتۇر، سەن بىلەن ئۇچرىشىشىمىز ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر، پەيغەمبەرلەر ھەقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، ساڭا ئىمان كەلتۈردۈم، ساڭا قايتتىم، سېنىڭ ئۈچۈن داۋالاشتىم ۋە ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، قايتىشىمىز سېنىڭ تەرىپىڭگىدۇر، مېنىڭ ئىلگىرى قىلغان، كېيىن قىلغان، ئاشكارا قىلغان ۋە يوشۇرۇن قىلغان ۋە مەندىن سەن بەكرەك بىلىدىغان بارلىق گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەممىدىن ئىلگىرى سېنىڭ باشلىنىشىڭ يوق، سەن ھەممىدىن كېيىن ئاخىرلىشىشىڭ يوق، سەن مېنىڭ ئىلاھىم، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە يۆتكۈلۈش پەقەت سەن بىلەن بولىدۇ.

    ئى جىبرائىلنىڭ، مىيكائىلنىڭ ۋە ئىسراپىلنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقۇچى، غايىپنى ۋە ھازىرنى بىلگۈچى ئاللاھ! بەندىلىرىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشتا سەن ھۆكۈم قىلغۇچىسەن، سەن ئىزنىڭ بىلەن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشتا مېنى ھەققە باشلىغىن، سەن خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلىغۇچىسەن.

      پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون قېتىم تەكبىر ئېيتاتتى، ئون قېتىم ھەمدە ئېيتاتتى، ئون قېتىم تەسبىھ ئېيتاتتى ۋە ئى ئاللاھ! مېنى كەچۈرۈم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق ئاتا قىلغىن ۋە مېنى تېنچ-ئامان قىلغىن دەپ ئون قېتىم دەيتتى. ئى ئاللاھ! مەن سەن بىلەن ھېساب كۈنىنىڭ قىيىنچىلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دەيتتى. پادىشاھلىق، كۈچ-قۇۋۋەت، كاتتىلىق ۋە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولغان ئاللاھ بۈيۈكتۇر دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى. [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ سۈپەتلىرى"ناملىق رىسالىسىنىڭ 94-95-بەتلىرىگە قارالسۇن].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى