دۇشەنبە 24 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 25 نويابىر 2024
Uygur

ئىنسانغا ئىقتىسادى مۇئامىلە ۋە سودىغا ئالاقىدار پىقھى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولامدۇ؟

سۇئال

   ئىنسانغا ئىقتىسادى مۇئامىلە ۋە سودىغا ئالاقىدار پىقھى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولامدۇ؟ يەنى سودا-سېتىق ئىشلىرىنى قىلغۇچى، دورىخانا خىزمەتچىلىرى ۋە دورا شېركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى دېگەندەك كىشىلەرنىڭ ھەر بىرىگە بۇ بىلىمنى ئۆگىنىش پەرز ئەين بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ دۇنياغا يارىتىلىشىدىكى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ۋە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش ۋە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان مەقسەت، غايىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئۇ كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلىش، دىنى مەجبۇرىيەتلەرنى تونۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى، ۋاجىپ مۇكەممەل بولىدىغان ئىشلارنى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىمۇ ۋاجىپ بولىدۇ.

    ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 224-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادلىرى ۋە شاھىتلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن مىززىي، زەركىشىي، سۇيۇتىي، ساخاۋىي، زەھەبىي، مەناۋىي ۋە زۇرقانىي قاتارلىق ئالىملار ھەسەن دېگەن. بۇ ھەدىس ئەلبانىينىڭ: ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بايان قىلىنغان].

    ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە دەلىل بايان قىلغان.

   ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملار گەرچە ھەدىسنىڭ لەۋزى توغرىسىدا بىر-بىرىگە يېقىن تەرەپتىن ئىختىلاپ قىلىشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىدا ھەدىسنىڭ مەنىسى سەھىدۇر. ["جامى بايانۇل ئىلىم" 1-توم 53-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەنسۇرات" 287-بەتتە، ئىبنىل قەييىم "مىپتاھۇ دارۇسسائادە" 1-توم 480-بەتتە بۇنىڭ ئوخشىشىنى دېگەن.

   ئىبنى ئابدۇلبەر يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئالىملار ئىلىمدىن ھەر بىر كىشىگە پەرز ئەيىن بولغانلىرى ۋە ئۇنىڭدىن پەرز كۇپايە بولۇپ بەزى كىشىلەر ئادا قىلسا شۇ ئورۇندىكى قالغان كىشىلەردىن چۈشۈپ كېتىدىغانلىرى بار". ["جامى بايانۇل ئىلىم" 1-توم 56-بەت].

    ھەقىقەتەن ئالىملار ھەر بىر كىشىنىڭ بىلىشى ۋاجىپ بولغان ئىلىمنى بايان قىلىپ، ھەر بىر مۇسۇلمانغا بىلىشى كېرەك بولغان پەرز ئەيىننىڭ مىقدارى توغرىسىدا سۆز قىلدى، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: تىجارەت، سودا-سېتىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىنىڭ ھارامغا ۋە جازانىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سودىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى بىلىشى زۆرۈر دېدى. ساھابىلارنىڭ بەزىسىدىنمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدىغان ئەسەرلەر بايان قىلىنغان.

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "دىنى بىلىملەرنى ۋە سودا-سېتىقنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلمىگەن كىشىلەر بىزنىڭ بۇ بازىرىمىزدا سودا-سېتىق قىلمىسۇن". [تىرمىزى رىۋايىتى487-ھەدىس. ھەسەن غەرىيب دېگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "سودا-سېتىقنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلمەي تىجارەتكە كىرگەن كىشى جازانىگە چۈشۈپ قالىدۇ،  ئاندىن جازانىگە چۈشۈپ قالىدۇ، ئاندىن جازانىگە چۈشۈپ قالىدۇ". ["مۇغنى ئەلمۇھتاج" 2-توم 22-بەت].

    ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئىلىمنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى لازىم تۇتۇش بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: ئىنسانغا ئۆزىگە پەرز قىلىنغان پەرزلەرنىڭ جۈملىسىنى بىلمەي قىلىشى لايىق بولمايدۇ يەنى توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: تىلى بىلەن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش، دىلى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ يەككە يىگانە، ھېچ قانداق شېرىكى يوق ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ دائىم ئۆزىنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئەۋۋەلىيتىنىڭ باشلىنىشى يوق ئىكەنلىكى، ئاخىرىنىڭ تۈگىشى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەرشىگە قارار ئالغانلىقى قاتارلىق دىندا بىلىش زۆرۈر بولغان ئەقىدىلەرنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ شاھادەت كەلتۈرۈش، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكى، ئەمەلگە كۆرە جازا-مۇكاپات بولىدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكى ۋە قۇرئاندا بايان قىلىنغانلارنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش.

    بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكى، نامازغا ئالاقىدار بىلىملەردىن  تاھارەت ۋە ئۇنىڭ باشقا ھۆكۈملىرىدىن ئىبارەت ئۇ مۇكەممەل بولمىسا ناماز ئادا تاپمايدىغان ئىشلارنى بىلىش لازىم.

   رامىزان روزىسى تۇتۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ۋە روزىنىڭ تولۇق بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىملەرنى بىلىش.

   ئىقتىسادى بولسا، ھەج قىلىشقا قادىر بولالىسا، ئۇ كىشىگە زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ۋە قاچان ۋاجىپ بولىدىغان، قانچىلىك مىقداردا ۋاجىپ بولىدىغان مەلۇماتلارنى بىلىشى پەرز بولىدۇ، يەنە يول تەرەپتىن قادىر بولالىسا ھاياتىدا بىر قېتىم ھەج قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    يەنە نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۇنى ئومۇمى جەھەتتىن بىلىشى، بىلمەي قالغانلىقىنىڭ ئۈزۈر بولمايدىغانلىقى، ئۇ ئىشلاردىن: زىنا، جازانىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ھاراق، چوشقا گۆشى يېيىش، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ۋە بارلىق نىجاسەتلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يېۋىلىش، ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر، ئانىلىرى، سۈت ئانىلىرى، ھەمشىرىلىرى ۋە سۈت ھەمشىرىلى بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، بىر مۆمىننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىشى زۆرۈردۇر.

    شۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان، ھەدىستە سۆزلەنگەن ۋە ئىسلام ئۈممىتى بىرلىككە كەلگەن ئىشلارنى بىلىش كېرەك بولىدۇ". ["جامى بايانۇل ئىلىم" 1-توم 57-بەت].

   "پىقھى توپلاملىرى" 30-توم 293-بەتتە ئىبنى ئابىدىين ئەلامىيدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر-ئايالغا دىننى ۋە ھىدايەتنى بىلگەندىن كېيىن: تاھارەت ئىلمىنى، غۇسلىگە ئالاقىدار ئىلىملەرنى، ناماز، روزا ۋە ئۆلچەمگە يەتكۈدەك مالغا ئىگە بولغان كىشىگە زاكات پەرز بولىدىغانلىقى ۋە يولغا قادىر بولغان كىشىگە ھەجنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    تىجارەتچىلەرنىڭ مۇئامىلات ئىشلىرىدا شەكلىك ۋە مەكرۇھ بولغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن سودىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىشى شۇنىڭدەك باشقا ھۈنەر-سانائەتچىلەرنىڭمۇ ئالاقىدار بىلىملەرنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ.

   ھەرقانداق بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىگە بۇ ئىشىدا ھارامدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە ۋاجىپ بولمايدىغان نىكاھ، سودا-سېتىق ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا قەدەم بېسىش ھارام بولىدۇ".

    ئىمام غەزالى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنىڭدەك بۇ تىجارەتچى مۇسۇلمان بولۇپ ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەردە جازانە ئىشلىرى كەڭ تارقالغان بولسا، جازانىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئىلىملەرنى بىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، مانا بۇ پەرز ئەيىن بولغان ئىلىمنىڭ ئۆزىدۇر، بۇنىڭ مەنىسى: ۋاجىپقا قانداق ئەمەل قىلىشنى بىلىش دېمەكتۇر". ["ئىھيا ئۇلۇمىددىن " 1-توم 33-بەت].

    ئەلى ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى شەقىيق ئىبنى مۇبارەكتىن: "مۇسۇلماننىڭ تەلەپ قىلىپ بىلىشى كېرەك بولغان ئىلىم قايسى؟ ئۇنىڭغا نېمىنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولىدۇ؟دەپ سورىغاندا، ئىبنى مۇبارەك: بىر ئىشنى بىلمەي تۇرۇپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ ھەتتا ئۇنى سوراپ بىلىشى كېرەك دەپ جاۋاپ بەرگەن". ["جامى بايانۇل ئىلىم" 1-توم 56-بەت].

    ئىمام غەزالى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ كېچە-كۈندۈزدە ئىجرا بولىدىغان ئىشلىرى ئىبادەتتە بولسۇن ياكى مۇئامىلە ئىشلىرىدا بولسۇن بىلىشى كېرەك بولغان يېڭىلىقلاردىن خالى بولمايدۇ، ھەر قانداق غەيرى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە ئۇنى سوراپ بىلىشى كېرەك بولىدۇ، ھەر ۋاقىت يېقىندا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلارنىمۇ تىزدىن بىلىۋېلىشى كېرەك بولىدۇ". ["ئىھيا ئۇلۇمىددىن " 1-توم 34-بەت].

    تىجارەت ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەربىر كىشىگە قىلىدىغان تەۋسىيە: سودا-مۇئامىلىلەرگە ئالاقىدار بولغان قىسقىچە پىقھى بىلىملەرنى ۋە بۇ توغرىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشى زۆرۈر بولىدۇ. شەيخ پەۋزاننىڭ"ئىخچام پىقھى"، ئابدۇللاھ سالىھ ۋە سىلاھ ساۋىينىڭ:" تىجارەتچىلەرنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولىدۇ" دېگەن كىتابىنى كۆرۈپ چىقىشى كېرەك.  بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 20092 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى