بىز بۇ سوئالنى پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھغا سۇنغان ئىدۇق، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىسلام مەركەزلىرى پىتىر سەدىقىسى بېرىدىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئۇنى پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە رىغبەتلىنىۋاتقانلارغا سېتىپ بەرسە، ئاندىن ئۇنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا چىقارسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.