پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ كامىرىلىرىدا ۋاقىتنى بىلمەيدىغان مەھبۇسلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟

سۇئال

يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ كامىرىغا سولانغان، قول-پۇتلىرى زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن مەھبۇسلار ناماز ۋاقتىنى بىلمەيدۇ ۋە رامزاننىڭ قاچان بولىدىغان ياكى بولغانلىقى بىلمەيدۇ، ئۇلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن تۈرمىدىكى بارلىق مەھبۇسلار ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتتا چېقىش يولى بېرىشىنى، ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن سەۋرچانلىق ئاتا قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىشەنچ ۋە ئارامدىللىققا چۆمدۈرۈشىنى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرا يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىنى كۈچلاندۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنى خار قىلىشىنى سورايمىز.

ئىككىنچى: ئىسلام ئالىملىرى تۈرمىدىكى ئەسىر-مەھبۇسلاردىن ناماز بىلەن روزىنىڭ ساقىت بولمايدىغانلىقىنى بېكىتتى، ئۇلار كۈچىنىڭ يېتىشچە ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ، ئۆز قارىشىدا ناماز ۋاقتى بولدى دەپ ئىشەنچ قىلسا نامازنى ئوقۇيدۇ، رامىزان ئېيى كىردى دەپ ئىشەنچ قىلسا روزا تۇتىدۇ، ۋاقىتنى بىلەلمىگەندە، كۈنلۈك تاماق ۋاقتىغا قاراپ بەلگىلىسە ياكى تۈرمىدىكىلەردىن (يەنى ۋاقىتنى بەلگىلەشتە مەھبۇسقا قايسى ئۇسۇل ئاسان بولسا شۇنى قىلىشى كېرەك) سورىسىمۇ بولىدۇ.

ناماز بىلەن روزىنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاندىن ۋاقىت بولدى دەپ پەرەز قىلىپ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان بولسا توغرا قىلغان بولىدۇ. گەرچە ئۆز ۋاقتىدا قىلسۇن ياكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قالسۇن مەزكۇر ئىبادەتلەرنى قايتا ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا تەرجىمىسى: ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ. [سۈرە تالاق 7-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئەگەر ئۇقۇشماسلىقتىن روزا ھېيت كۈنىنى رامىزان دەپ روزا تۇتقان بولسا، بۇ كۈننىڭ روزىسىنى قايتا تۇتىدۇ، چۈنكى ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئۆزىنىڭ نامازنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇغانلىقىنى، روزىنىمۇ رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن تۇتقانلىقىنى بىلسە، ئۇ كىشىگە ناماز بىلەن روزىنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ.

پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى ناملىق ئەسەرنىڭ 28-توم 84-85-بەتلىرىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا، ئايلارنى ئايرىيالمىغان كىشىدىن رامىزان روزىسى ساقىت بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدە قالىدۇ، ئاينى ئايرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ روزا تۇتقان كىشى تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ:

1-قىيىنچىلىق داۋاملاشقان، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلىنمىگەن، يەنى تۇتقان روزىسى رامزاندا بولدىمۇ ياكى رامزاندىن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ قالدىمۇ بۇنى بىلمىگەن كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، كىيىن قايتىدىن ئىئادە قىلىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشى ۋاقىتنى بەلگىلەشكە تىرىشچانلىق قىلىپ ئاندىن ئىبادەتنى باشلىغان.

2-مەھبۇسنىڭ تۇتقان روزىسى رامىزان ئېيىغا مۇۋاپىق كەلگەن بولسا، بۇ روزا ئۇ كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ.

3- مەھبۇسنىڭ تۇتقان روزىسى رامزاندىن كىيىنكى ئايغا توغرا كەلگەن بولسا، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا توغرا بولىدۇ.

4-بۇنىڭدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچىسى: تۇتقان روزىسى رامزاندىن بۇرۇنقى ئايغا توغرا كەپقالغان بولسا، مەھبۇس بۇنى رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن بىلگەن بولسا، رامىزان ئېيى كىرگەندە رامىزان روزىسىنى قايتا تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى رامزاننىڭ ئۆزىدە روزا تۇتۇشقا مۇيەسسەر بولدى. ئىككىنچىسى: تۇتقان روزىسى رامزاندىن بۇرۇنقى ئايغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ كىشى بۇنى رامىزان ئېيى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىلگەن بولسا، بۇنىڭ توغرا بولۇش بولماسلىقىدا ئىككى خىل قاراش بار: 1- ئۇ كىشىنىڭ رامزاندىن بۇرۇن تۇتقان روزىسى رامىزان روزىسىغا ھېساب بولمايدۇ بەلكى ئۇ كىشىگە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش پەرز بولىدۇ، بۇ مالىكى، ھەنبەلى ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى. 2-ئۇ كىشىنىڭ رامىزان ئېيى كېلىشتىن بۇرۇن تۇتقان روزىسى رامىزان روزىسىغا كۇپايە قىلىدۇ، بۇ خۇددى ھاجىلار ئەرەپات كۈنىنى بىلەلمەي، ئەرەپات كۈنىدىن بۇرۇن ئەرەپات مەيدانىدا تۇرغان بولسا ئۇلارغا بۇ كۇپايە قىلغانغا ئوخشاش. بۇ شاپىئى مەزھەپ قارىشىدىكى بىر قىسىم ئالىملارنىڭ سۆزىدۇر.

5-مەھبۇسنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ بەزىسى رامىزان ئېيىغا مۇۋاپىق كەلگەن بەزىسى رامىزان ئېيىغا مۇۋاپىق كەلمىگەن بولسا، رامىزان ئېيىغا مۇۋاپىق كەلگەن ۋە رامزاندىن كېيىن تۇتقان روزىسى رامىزان روزىسىغا كۇپايە قىلىدۇ. رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن تۇتقىنى رامىزان ئېيىغا كۇپايە قىلمايدۇ. تۈگىدى. "ئەل مەجمۇئ ناملىق ئەسەر 3- توم 72-73-بەتلەر. ئەلمۇغنى 3-توم 96-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى