كىچىك تەرەتتىن كىيىن سۇيۇقلۇق كىلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى ھەج قىلماقچى بولسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

سوئال 83987

مەن ۋاپات بولغان قېرىندىشىمنىڭ نامىدىن ھەج قىلماقچى، ئەمما پەرقلىق ۋاقىتلاردا سىيگەندىن كېيىن سۈزۈك، يېپىشقاق  (سۈيدۈك ئەمەس) تامچىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئازابلىنىۋاتىمەن، بۇنىڭ بىلەن مەن ھەر نامازدىن بۇرۇن كىيىملىرىمنى يۇيۇشقا مەجبۇر بولىمەن.  مېنىڭ سوئالىم:  مەن ئېھرام ۋە نامازدا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولساممۇ، بۇ يىل قېرىندىشىمنىڭ نامىدىن ھەج قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى داۋالىنىپ ساقايغانغا قەدەر ھەجنى كېچىكتۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟.

مېنىڭ يەنە بىر سوئالىم:  بۇ تامچىلار ۋەدىي ياكى مەزىي سۇيۇقلۇقى ياكى باشقا تۈردىكى سۇيۇقلۇق دەپ قارىلامدۇ؟ ھەر بىر ھالەتنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  ئادەتتە سىيگەندىن كېيىن چىقىدىغىنى پروستات سۇيۇقلۇقى (ۋەدىي)بولۇپ، ئۇ قويۇق، ئاق سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئاق تامچىلار شەكلىدە چىقىدۇ.  ئۇ ناپاك (نىجىس) بولۇپ، تاھارەتنى بۇزىدۇ.

ئىمام نەۋەۋى(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن (مەزىي بىلەن ۋەدىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۇپ مۇنداق دېگەن: " مەزىيگە كەلسەك، ئۇ نېپىز، يېپىشقاق، ئاق سۇيۇقلۇق بولۇپ، شەھۋەت قوزغالغاندىمۇ ۋە شەھۋەت قوزغالمىغاندىمۇ چىقىدۇ، مەزىي  چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل بوشىشىپ قىلىش بولمايدۇ،  بەزىدە، ئادەم مەزىينىڭ ئېقىپ چىققانلىقىنىمۇ ھېس قىلمايدۇ. بۇ، ئەرلەر ۋە ئاياللاردىمۇ بولىدۇ.   پروستات سۇيۇقلۇقىغا (ۋەدىيگە) كەلسەك، ئۇ قويۇق، تۇتۇق، ئاق سۇيۇقلۇق بولۇپ، قويۇقلۇقتا مەنىيگە ئوخشىسىمۇ، ئەمما قويۇقلۇقى پەرقلىق بولۇپ،  ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، سىيگەندىن كېيىن ۋە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەندە چىقىدۇ.  ئۇ بىر ياكى ئىككى تامچە بولىدۇ.  ئالىملار مەزىي ياكى ۋەدىي سۇيۇقلۇقى چىققاندىن كېيىن غۇسۇل قىلىشنىڭ لازىم ئەمەسلىكىدە بىردەك قاراشتا بولدى". ["ئەلمەجمۇئ"  2 -توم 160 -بەت.]

شەيخ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھدىن:  سۈيدۈك ئاخىرلاشقاندا، مەن بەزىدە مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.  مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەر قېتىم سۈيدۈكتىن كېيىن غۇسۇل قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى نېمە قىلىشىم كېرەك؟، چۈنكى مەن:  ئۇنىڭ تەسىرى جىنسىي مۇناسىۋەتتە چىققان مەنىي بىلەن ئوخشاشمۇ ياكى ئەمەسمۇ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالدىم؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " سۈيدۈكتىن كېيىن چىققان مەنىي سۇيۇقلۇقى بولسا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ۋەدىيدىن ئىبارەتتۇر، ئۇ سۈيدۈكتىن كېيىن چىقىپ ئېقىپ كېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، غۇسۇل قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، ئۇ پەقەت تاھارەتنى بۇزىدۇ، شۇڭا ۋەدىي چىققاندىن كېيىن ئەۋرىتىنى يۇيۇپ ئاندىن تاھارەت ئىلىش كېرەك، يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ. غۇسۇل قىلىش دېگەن، مەنىينىڭ ۋەدىيدەك تامچىلاپ ئېقىپ چىقىشى بىلەن ئەمەس بەلكى لەززەت ھېس قىلىپ كۈچلۈك شەكىلدە ئېتىلىپ چىقىشى بىلەن بولىدۇ، سۈيدۈكتىن كېيىن چىققان ۋەدىينىڭ ھېچ زىيىنى يوق غۇسۇل قىلىش كېرەك بولمايدۇ". [ ئىسلام پەتىۋالىرى 1 -توم 226 -بەت].

ئىككىنچى:  بۇ تامچىلار پەقەت سۈيدۈكتىن كېيىنلا كېلىدىغان بولسا، بۇ ساھىبىنىڭ ئىختىيارىسىز ئۈزلۈكسىز تامچىلاپ تۇرىدىغان سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلى دەپ قارالمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا نامازغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن نامازنىڭ ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى بۇ تامچىلارنىڭ ئۈزۈلىشىگە كۇپايە قىلغۇدەك ۋاقىت چىقىرىش لازىم، بۇ نىجاسەتنىڭ كىيىمگە ياكى بەدەنگە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئورۇنغا قېلىن بولغان تازىلىق قەغىزى ياكى پارچە رەخت قويۇۋېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا پەقەت شۇ ئورۇنغا قويغان قەغەز ياكى لاتىنى ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنداق قىلىش سىزگە كىيىمنى يۇيۇپ ياكى ئالماشتۇرۇشتىن ئاسان ۋە قولايلىق بولىدۇ.  مۇبادا تازىلىق قەغىزى ياكى پارچە رەخت قويىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ياكى نىجاسەت كىيىمگە ئۆتەپ كەتكەن بولسا، سىز ئۈچۈن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كىيىمنى ئالماشتۇرۇش ياكى يۇيۇش قىيىن بولسا، شۇ ھالەتتە نامازنى ئادا قىلسىڭىز بىر خاتالىق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۈزلۈكسىز تامچىلاپ تۇرىدىغان سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى، داۋالىنىپمۇ ساقىيالمىغان بولسا، ئۇ كىشى ھەر بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، بەدىنىگە ۋە كىيىمىگە يۇقۇپ قالغان بولسا بۇنى يۇيىدۇ، ئەگەر قىيىن بولمىسا نامىزىنى پاكىز كىيىم ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، قىيىن بولۇپ قالسا شۇ كىيىمىدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭدىن ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: «ئاللاھ دىندا سىلەرگە ھېچقانداق قىيىنچىلىق قويمىدى». [سۈرە ھەج 78 -ئايەت. ]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ  تەرجىمىسى: « ئاللاھ سىلەرگە دندا ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 185 -ئايەت. ]

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن سىلەرگە بىرەر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇسام، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئۇنى قىلىڭلار». يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت، ھەدىسلەرگە كۆرە، ئۇ كىشى كىيىمىگە، بەدىنىگە ۋە ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇنغا سۈيدۈك تارقاپ كېتىشتىن بەك ئېھتىيات قىلىش كېرەك". [ئىسلام پەتىۋاسى 1 -توم 192 -بەت].

بۇ تامچىلار چىقىپ تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ توختاپ قالىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە ناماز ئوقۇشىڭىز توغرا بولمايدۇ، ھەتتا بۇ جامائەت نامىزىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا سەۋەپ بولسىمۇ مەيلى.

دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئىتى ئالىملىرىدىن: سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى، كىچىك تەرەت قىلىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە پاك بولىدۇ، لېكىن سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ توختىشىنى كۈتۈپ تۇرسا جامائەت نامازنى ئوقۇپ بولىدۇ، بۇ كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئەگەر ئۇ كىشى سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ توختايدىغانلىقىنى بىلسە، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىمەن دەپ، ئۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئۇ كىشى سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ توختىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، توختىغاندىن كېيىن ئىستىنجا قېلىپ تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى يالغۇز بولسىمۇ ئوقۇيدۇ، جامائەت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمەي قالسىمۇ مەيلى.

ئۇ كىشى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيالايدىغان بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىنلا ئىستىنجا قىلىپ، تاھارەت ئېلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، شۇنداق قىلسا جامائەت نامىزىغا ئۈلگۈرىدۇ."  [دائىمىي كومىتېت پەتىۋالىرى 5 -توم 408 -بەت].

ئۈچىنچى:  سىزنىڭ بۇ يىل ياكى داۋالىنىپ كېلەر يىلى قېرىندىشىڭىىز ئۈچۈن ھەج قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئاسان بولغىنىغا قاراڭ، قېرىندىشىڭىز ئۈچۈن ھەج قىلىشنى كېلەر يىلغا كېچىكتۈرۈشىڭىزنىڭ زىيىنى يوق.

ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

تاھارەت

مەنبە

[ئايلىق ئۇچرىشىش 17-سان]

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android