ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن باشقا شەھەرگە بارسا، ئۇ يەردە نامازنى قەسىر ئوقۇمدۇ؟

سوئال: 84028

بىز ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بىر تۇرىۋاتقان شەھەردە ئالى مەكتەپ يوق، مەكتەپ باشقا شەھەردە، بىزنىڭ مۇساپىرغا ئوخشاش نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشىمىز توغرا بولامدۇ؟، بىز ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان شەھەرگە قايتىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سىلەر ئۆز شەھرىڭلاردا بولغاندا ياكى مەكتەپتىن يۇرتۇڭلارغا قايتقاندا نامازنى تولۇق ئوقۇيسىلەر، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ ئەسلى ۋەتىنىڭلار.

ئىككىنچى: سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار بىلەن سىلەر ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بار شەھەرنىڭ ئارىسىدكى مۇساپە سەكسەن كىلومتىر ئەتراپىدا بولسا، سىلەر سەپەر جەريانىدىمۇ نامازنى قەسىر ئوقۇيسىلەر.

ئۈچىنچى: سىلەر ئوقۇيدىغان مەكتەپ بار شەھەرگە كەلگەندە، ئۇ يەردە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلساڭلار، سىلەر مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ نامازنى تولۇق ئوقۇيسىلەر. ئەمما سىلەر ئۇ يەردە تۆت كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق تۇرۇشنى مەقسەت قىلساڭلار ياكى قانچىلىك تۇرۇشتا ئىككىلىنىپ قالساڭلار، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولىسىلەر، تۆت رەكئ‍ەتلىك پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيسىلەر، لېكىن مۇقىم ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغاندا، ئىمام بىلەن نامازنى تولۇق ئوقۇيسىلەر، سىلەرگە نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. 38079-21091- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android