سەيشەنبە 22 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1441 - 19 نويابىر 2019
Uygur

توي قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۇھەببەتمۇ چەكلىنەمدۇ؟

سۇئال

   ئىسلامدا توي قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۇھەببەتمۇ چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: يات ئەر بىلەن يات ئايالنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان، كىشىلەر مۇھەببەت دەپ ئاتىۋالغان ئالاقىلەر شەرئى تەرەپتىن ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ھەزەر قىلىنغان چەكلىمىلەرنىڭ توپلانمىسىدۇر.

    ئەقىللىق كىشى بۇ ئالاقىنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن ھېچ شەك قىلمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا: يات ئەر بىلەن ئايالنىڭ يالغۇز قىلىشى، ئەرنىڭ ئايالغا بېقىشى، نەپسى-شەھۋەتلىرىنى قوزغايدىغان ئىشقى-مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەرنى قىلىشى قاتارلىق چەكلىمىلەر بولىدۇ، بەزىدە بۇ ئالاقە بىز ئەمەلىيەتتە كۆرۈۋاتقاندەك بۇنىڭدىن چوڭراق بىر چەكلىمىگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

    بىز بۇ چەكلىمىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى 84089- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق، ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئىككىنچى: ئەمەلىي تەتقىقات ئەر-ئاياللارنىڭ ئىلگىرىكى مۇھەببەت ئالاقىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ كۆپلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، بۇنىڭ ئەكسىچە كۆپىنچە چەكلەنگەن ئالاقە ئاساسىغا قۇرۇلمىغان كىشىلەر "ئۆرپە-ئادەت" بويىچە توي قىلىش دەپ ئاتايدىغان شەكىلدە توي قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    فرانسىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ئۇستاز سول جوردۇننىڭ ئەمەلىي تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە، توي قىلىشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپ مۇھەببەت ئالاقىسىغا چۈشمىگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى توي قىلغاندىن كېيىن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

    جەمئىيەتشۇناس ئۇستاز ئىسمائىل ئابدۇلبارىنىڭ 1500 ئائىلىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىلگىرى مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭ 75% تىن كۆپرەك ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى تالاق بىلەن ئاخىرلاشقان، ئىلگىرى مۇھەببەتلەشمەستىن ئۆرپە-ئادەت بويىچە توي قىلغانلارنىڭ تالاق قىلىنىش نىسبىتى 5% تىن تۆۋەن بولغان.

    مۇشۇ نەتىجىگە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىش مۇمكىن بولىدۇ:

   1-ھېسسىياتقا ئەگىشىش قارشى تەرەپنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى ۋە قارشىلىقلىرىنى كۆرۈشتىن ئىنساننى كۆر قىلىدۇ. دانىشمەنلەر ئېيتقاندەك: "بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن رازى بولىدىغان كۆز ئاجىزدۇر" ئىككى تەرەپنىڭ بىرىدە ياكى ھەر ئىككىلىسىدە بىر-بىرىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئەيىپ-نۇقسانلار بولىشى مۇمكىن، بۇ توي قىلغاندىن كېيىن ئىلگىرى ئەيىپ بىلىنمىگەن ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ.

   2-ئىككى ئاشىق-مەشۇق ھاياتلىقنى چەكسىز كەتكەن مۇھەببەت سەپىرى دەپ ئويلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دائىم شېرىن خىيال ۋە مۇھەببەت توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزىدە ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ قارشىلىق يوللىرى توغرىسىدا ھېچ ئورۇن يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ گۇمانى توي قىلغاندىن كىيىن بىت-چېت بولىدۇ، ئۇلار ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىگە دۇچ كېلىدۇ.

   3-ئىككى ئاشىق-مەشۇق دىئالوگ ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن، بەلكى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، ئۆزىنى پىدا قىلىش، ياخشى كۆرگەن نەرسىسىدىن ۋاز كېچىش ۋە قارشى تەرەپنى رازى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ نوقتىنى چىقىش قىلىپ مۇئامىلە قىلىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى رازى قىلىش ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشنى خالايدۇ، لېكىن توي قىلغاندىن كېيىن ئىش ئۇنداق بولمايدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرى يېشىلمەي ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى ھەر بىرى مۇھاكىمە قىلماستىن قارشى تەرەپنىڭ پىكرىگە مۇۋاپىق كېلىشكە ئادەتلەنگەن.

   4-ئىككى ئاشىق-مەشۇقنىڭ ھەر بىرىدىن ئاشكارا بولغان مۇلايىملىق، كۆيۈمچانلىق، قارشى تەرەپنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇش قاتارلىق كۆرۈنىشلىرى ھەقىقى كۆرۈنۈش ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەر بىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان دەۋرىدە ئاشكارا قىلىشقا ئۇرىنىدىغان كۆرۈنىشلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن ھاياتنى بۇ كۆرۈنۇش ئاساسىدا داۋاملاشتۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى كۆرۈنىشى توي قىلغاندىن كېيىن ئاشكارا بولىدۇ، بەزى قىيىنچىلىق ۋە چۈشىنىشمەسلىكمۇ شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

   5-مۇھەببەتلىشىۋاتقان دەۋر بولسا كۆپ ۋاقىتلاردا شېرىن چۈش ۋە مۇبالىغە ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، تويدىن كېيىنكى ئەمەلىي ۋاقىئەگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ. 

    ئاشىق مەشۇقىغا ئاينىڭ پارچىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ۋەدە قىلىدۇ، مەشۇقىنىڭ دۇنيادىكى ھەممە ئىنسانلاردىن بەكرەك بەختلىك بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇنىڭ قارشىسىدا قىز يىگىت بىلەن بىر ئۆيدە ياشايدۇ، قىز يىگىتكە ئېرىشىدىكەن قىزنىڭ يىگىتتىن تەلەپ قىلىدىغان ھېچقانداق ئارزۇ-تەلەپلىرى بولمايدۇ، قىزغا بۇنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىككى ئاشىق-مەشۇقنىڭ تىلىغا ئاساسەن نەقىل قىلغىنىدەك: "قۇچقاچتەك ياشاش بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، كىچىك بىر لوقما يېمەك بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ماڭا بىر تال زەيتۇن بىلەن بىر پارچە پىشلاق بەرسەڭ كۇپايە" دېگەندەك، بۇ ھېسلار بىلەن ئاشۇرۇپ ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆزنى ئىككى تەرەپ تىزدىن ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى توي قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئايال ئېرىنىڭ بېخىللىقىدىن، تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ، ئەر تەلەپنىڭ كۆپلۈكى ۋە خىراجەتنىڭ تولىلىقىدىن ئۇھ تارتىدۇ.

   يۇقىرىقى ۋە بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى توي قىلغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئالدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلغانلىقىدىن ھەيران قالمايمىز، چۈنكى ئۇلار ئالدىراپ قالغان، يىگىت ئاتا-ئانىسى كۆرسەتكەن پالانىخان بىلەن توي قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلسا، قىز بولسا ئاتا-ئانىسى ياقتۇرغان پالانى بىلەن توي قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۆز رىغبىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

    بۇنىڭ نەتىجىسى: ئاتا-ئانىسى پەرزەنتلىرىمىز ئۆزى ياخشى كۆرگەن جۈپلىرى بىلەن توي قىلدى، ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك، ئۈلگىلىك ئەر-ئاياللاردىن بولىدۇ دەپ ئويلىغانلارنىڭ تالاق قىلىنىش نىسبىتى ئادەتتىكىدىن ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ!.

   ئۈچىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىغان سەۋەپلەر بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئاشكارا ھېسسى سەۋەپلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەر-ئاياللارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۈچىرىشىدىكى ئاساسى سەۋەپكە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئالاقىدۇر، ئىسلام دىنى ئاسىيلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇنداق ئالاقىنى گەرچە ئۇلارنىڭ مەقسىتى توي قىلىش بولسىمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئادالەت ئاساسىدىكى رەببانى جازا ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنْكاً  تەرجىمىسى: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز.» [سۈرە تاھا 124-ئايەت].

    خاتىرجەمسىز، دەرتلىك تۇرمۇش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىق ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدىن بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَى آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالأَرْضِ  تەرجىمىسى: «(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق.» [سۈرە ئەئراپ 96-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغان بەرىكەت ئىمان ۋە تەقۋادارلىققا ئاساسەن بولىدىغان مۇكاپات بولۇپ، ئىمان بىلەن تەقۋادارلىق بولمىسا ياكى مۇكەممەل بولمىسا، بەرىكەت ئاز بولىدۇ ياكى تۈپتىن بولمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَنْ عَمِلَ صَالِحاً مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ  تەرجىمىسى:«ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.» [سۈرە نەھل 97-ئايەت].

   ئوبدان ياشاش ۋە ياخشى ھاياتلىق دېگەن، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَفَمَنْ أَسَّسَ بُنْيَانَهُ عَلَى تَقْوَى مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانٍ خَيْرٌ أَمْ مَنْ أَسَّسَ بُنْيَانَهُ عَلَى شَفَا جُرُفٍ هَارٍ فَانْهَارَ بِهِ فِي نَارِ جَهَنَّمَ _ وَاللَّهُ لا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ  تەرجىمىسى: «(دىننىڭ) بىناسىنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلىق ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئۇنى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە قۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» [سۈرە تەۋبە 109-ئايەت].

    ئائىلە تۇرمۇشى مۇشۇنداق چەكلەنگەن ئاساسقا قۇرۇلغان ئەر-ئاياللار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىرىشى، ئىمان، تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەللەر ئاساسىغا قۇرۇلغان توغرا ھاياتنى يېڭىدىن باشلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 23420- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش