چارشەنبە 22 شەۋۋال 1445 - 1 ماي 2024
Uygur

نامازنى بۇزىدىغان ئامىللار

سۇئال

    نامازنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ سانى چەكلىكمۇ؟ ئەگەر ئىش شۇنداق بولسا بۇنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نامازنى بۇزىدىغان ئامىللار مەلۇملۇق بولۇپ، پىقھى ئالىملىرىنىڭ بۇنىڭ بەزىسىدە پەرقلىق قارىشى بولغانلىقى ئۈچۈن سانى پەرقلىق بولىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

   1-تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە تۆگە گۆشى يېيىش قاتارلىق تاھارەت بۇزىدىغان ئامىللار نامازنىمۇ بۇزىدۇ.

    2-قەستەن ئەۋرىتىنى ئېچىپ قويۇش، لېكىن مەقسەتسىز ئېچىلىپ قالسا، ئەۋرەتتىن ئېچىلىپ قالغان ئورۇن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن دەرھال يۆگىۋالسا بۇنىڭ بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ.

   3-قىبلە تەرەپتىن بەك بۇرۇلۇپ كېتىش.

   4-بەدىنىدە، كىيىمدە ياكى ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇندا نىجاسەت تېپىلسا، بۇنى بىلسە ياكى ناماز جەريانىدا يادىغا يەتسە، شۇ ۋاقىتتا يوق قىلىۋەتسە نامىزى توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك نىجاسەتنىڭ بار ئىكەنلىكىنى نامازدىن كېيىن بىلگەن بولسىمۇ نامىزى توغرا بولىدۇ.

   5- نامازدا زۆرۈر  بولمىغان ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش.

   6-رۇكۇ ۋە سەجدىگە ئوخشاش نامازنىڭ ئاساسلىق پەرزلىرىنى تەرك قىلىش.

   7-رۇكۇ ۋە سەجدىگە ئوخشاش بىر پەرزنى قەستەن زىيادە قىلىش.

   8-نامازنىڭ پەرزلىرىنىڭ بەزىسىنى قەستەن بەزىسىدىن ئىلگىرى قىلىش.

   9-نامازنى تاماملاشتىن بۇرۇن قەستەن سالام بېرىۋېتىش.

   10-قىرائەتتە ئايەتنىڭ مەنىسىنى قەستەن ئۆزگەرتىۋېتىش.

   11-يادىدا تۇرۇپ قەستەن نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرىنچى تەشەھھۇتقا ئوخشاش بىرنى تەرك قىلىش. ئەمما ئۇنتۇپ قىلىپ تەرك قىلغان بولسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىۋەتسە نامىزى توغرا بولىدۇ.

   12-نىيەتنى بۇزۇش يەنى نامازنى تولۇق ئادا قىلماي تۇرۇپ، نامازدىن چېقىشنى نىيەت قىلىش.

   13- قاقاھلاپ كۈلۈش، ئەمما تەبەسسۇم قىلىش بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ.

   14-بىلىپ تۇرۇپ ۋە يادىدا تۇرۇپ قەستەن سۆز قىلىش، ئەمما ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي سۆز قىلغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن نامىزى بۇزۇلمايدۇ.

   15- يېيىش ۋە ئېچىش.

    شەيخ مەرئىي ئىبنى يۈسۈپ ھەنبەلىينىڭ "دەلىل تالىپ لىنەيلىل مەتالىب" ناملىق ئەسىرى 34-بەت".  پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى بازنىڭ" مۇھىم دەرسلەر".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى