يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىدا ئىككى رەكەتتىن كېيىن سالام بەرمەي ئۈچىنچى رەكەتنى باشلىغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟

سۇئال

   تەراۋىھ نامىزىدا ئىمام ئۈچىنچى رەكەتكە تۇرۇپ كەتتى ۋە نامازنى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، ئۇنىڭغا ئۈچ رەكەت ئوقۇغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەندە، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلامدۇ ياكى تۆتىنچى رەكەتنى تولۇقلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىز بۇ سوئالنى ھۆرمەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۈسەيمىنگە سۇنغان ئىدۇق، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلىدۇ، ئاندىن نامازنى ئىككى رەكەتتىن جۇپ ئوقۇيدۇ، ئەگەر بۇ پەرز ناماز بولغان بولسىمۇ شۇنداق قىلىدۇ".

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.