بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئىنسان ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىستىنجا قىلىپ ئاندىن تاھارەت ئالغان بولسا، ئۇ كىشى تاھارىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر تاھارەتلىك ھالىتىدە بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى پەقەت شەك قىلىش بىلەن بۇزۇلمايدۇ، گەرچە شەك كۈچلۈك بولۇپ ئىشەنچ دائىرىسىگە يەتسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.
شۇنىڭغا كۆرە: مەقئەتتىن بىر نەرسىنىڭ چىققانلىقىنى ھېس قىلىش بىلەنلا تاھارىتى بۇزۇلغان ھېسابلانمايدۇ. ۋەسۋەسىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك، سىز ئىستىنجا قىلىپ، ئورۇننى پاكىزلاپ تاھارەت ئالغان بولسىڭىز، نامازدىن ئىلگىرى ئورۇننى تەكشۈرۈش كېرەك بولمايدۇ.
ئىلگىرى ئادا قىلغان نامازلارنىمۇ قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى سىز ئۇ نامازلارنى تاھارەت بىلەن ئادا قىلدىڭىز، ئۇنى بۇزۇۋېتىدىغان ئامىل يوق دەپ قارىغانلىقىڭىز ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتىكى نامازنى ئوقۇدىڭىز.
بۇ ئەسلى قائىدىنى ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس دەلىللەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نامازدا تاھارەتنى بۇزىدىغان بىر نەرسىلەرنى تاپقاندەك خىيال كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىز تاھارەتنى بۇزىدىغان بىرەر ئاۋازنى ئاڭلىغان ياكى بىرەر پۇراقنى پۇرىغانغا قەدەر نامازدىن چىقىپ كەتمەڭ» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى137-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى361-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر، پىقھى قائىدىلىرىدىن بولغان بىر چوڭ قائىدىدۇر. ئۇ بولسىمۇ: نەرسىلەرگە ھەتتا ئۇنىڭ خىلاپى تېپىلغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئەسلىگە كۆرە ھۆكۈم قېلىنىدۇ. ئۇنىڭغا كەلگەن بەزى بىر شەك-شۈبھىلەرنىڭ تەسىرى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ھەدىستە بايان قىلىنغان مەسىلە، ئۇ بولسىمۇ تاھارىتى بارلىقىغا ئىشەنچ قىلغان كىشى تاھارىتى بۇزۇلغانلىقىدا شەك قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بۇ مەسىلىدە شەكنىڭ نامازنىڭ ئىچىدە پەيدا بولىشى بىلەن نامازنىڭ سىرتىدا پەيدا بولىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. بۇ بىزنىڭ ۋە ئىلگىرىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.
بىزنىڭ مەزھەپتىكىلەر مۇنداق دەيدۇ: تاھارەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى ياكى بۇزۇلمىغانلىقى توغرىسىدىكى شەكنىڭ ئىككى ئېھتىماللىق ئارىسىدا باراۋەر بولىشى ياكى ئىككى ئېھتىماللىقىنىڭ بىرىنىڭ كۈچلۈك بولىشى ياكى قارىشىنىڭ غالىپ كېلىشى ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، ھەر قانداق ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بولمايدۇ". "مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدىن".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەن كېچىك تەرەت قىلىپ ۋە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئادا قىلىمەن، شۇ جەرياندا ئەۋرىتىمدىن بىر نەرسە چىققانلىقىنى ھېس قىلىمەن، ئەگەر تەكشۈرسەم ئەلۋەتتە ئاز مىقداردا سۈيدۈك چىققانلىقىنى كۆرۈمەن، بۇنىڭ چارىسى نېمە؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:"شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن چوڭ-كېچىك تەرەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەتتا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چېقىپ كەتمەيدىغان ھالەتتە تۇتىدىغان نېرۋىلارنى قىلدى، لېكىن بەزى ۋاقىتتا بۇ نېرۋىلارغا كېسەللىك يەتسە، نېرۋىلارنىڭ بوشىشى بىلەن سۈيدۈك چىقىپ كېتىدۇ، بۇ داۋاملىق بولىدۇ ياكى ۋاقىتلىق بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇنىڭغا ئىنسان ئۆزى سەۋەبچى بولىدۇ، بەزى كىشىلەر كېچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك يولىنىڭ ئاخىرىدىن تۇتۇپ زەكەرنىڭ ئۇچىغىچە سۈيدۈكنى چىقىرىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر زەكەرنى تۇتۇپ ئۇنى سىقىپ ئۇنىڭدىن سۈيدۈكنىڭ ئاخىرقى تامچىسىغىچە چىقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، گەرچە بەزى پىقھى ئالىملىرى سۈيدۈك يولىدىن سۈيدۈك تامچىسىنى چىقىرىۋېتىش سۈننەت دېگەن بولسىمۇ بۇ ئاجىز قاراش. بەلكى بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك بىدئەت ئىشلاردىندۇر. بۇ سۈننەتتىمۇ ئېنىقتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك يولىنىڭ ئاخىرىدىن تۇتۇپ زەكەرنىڭ ئۇچىغىچە ئېچىپ سۈيدۈكنى چىقارغانلىقى توغرىسىدا بىر ئەسەر بايان قىلىنمىغان، بەزى كىشىلەر بۇنى بىر تۈرلۈك پىقھى ئالىملىرىغا ئەگىشىپ قىلىدۇ ياكى بۇنداق قىلمىساق سۈيدۈك تامچىسى زەكەردە قالىدۇ دەپ ۋەھىمىلىنىپ قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. ئىنسان كېچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن پەقەت زەكەرنى يۇيىدۇ بۇ كۇپايە قىلىدۇ، زەكەرنى سىقىش ياكى ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى زەكەردىن سۈيدۈك يەتكەن جاينى يۇيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگەيدۇ، ئەگەر ئىنسان بۇنداق قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولسا، بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبچىسى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ قېرىندىشىمىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: بۇ ئىشقا پەرۋا قىلماڭ. ئەھمىيەت بەرمەڭ، زەكەرنى سىقماڭ ياكى سىلكىمەڭ، ئۆز ھالىغا قويۇڭ، سۈيدۈكنىڭ ئاخىرقى تامچىسى چىققاندىن كېيىن زەكەرنىڭ ئۇچىنى يۇيۇڭ، ئىنسان بەزى ۋاقىتتا زەكەردە ھەرىكەت بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى بەزى كىشىلەر زەكەردە بىرەر ھەرىكەتنى ھېس قىلسا، ئىشتاننى يېشىپ زەكەرنى ئۈستىدىن سىقىدۇ، زەكەرنى سىقسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چىقىدۇ، لېكىن ئۇنى ئۆز ھالىغا قويۇپ پەرۋا قىلماسلىق كېرەك. ھەتتا بەزى ئالىملار -ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن-مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان مۇشۇنداق ۋەسۋەسىگە گىرىپتار بولغاندا، ئىشتىنىنىڭ ئۈستىدىن ئەۋرىتىگە سۇ چېچىۋەتسۇن، بۇ سۈ ئىنساننىڭ پىكىر قىلغان ياكى شەك قىلغان ئىشنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. لېكىن بىز دەيمىزكى: بۇنداق قىلىشنىڭ كېرىكى يوق، بۇ ئارتۇقچە بىر ئىش، بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولماڭ، ئاللاھ خالىسا بۇ شەكنى سىزدىن يوق قىلىدۇ، زەكەرنىڭ ئۇچىدا سوغۇقلۇقنى ھېس قىلسىڭىز ياكى زەكەرنىڭ ئىچىدە بىرەر ھەرىكەتنى ھېس قىلسىڭىز ئىشتاننى سىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ يۈرمەي ئىشىڭىزنى داۋام قىلىڭ". "ئايلىق ئۈچرىشىش سۆھبىتىدىن ئىلىندى".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.