دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

ھۆكۈمنى ياكى ۋاقىتنى بىلمەستىن بەزى نەرسىلەرنى يېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن 80425- نومۇرلۇق سوئالغا بېرىلگەن جاۋابنى ئوقۇدۇم، مەنمۇ مۇشۇ سوئالنى سورىغۇچى قېرىندىشىمغا ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىمەن، لېكىن مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىق، مەن يىمەكلىك كانىيىمغا كېلىپ قالسا بۇ روزىنى بۇزمايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇنى يۇتىۋېتىمەن، چۈنكى بۇ يىمەكنىڭ ئەسلى ئورنى ئاشقازان بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بىلمەسلىكتىن ئۇ يىمەكنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئورنى بولغان ئاشقازانغا قايتۇرىمەن، مەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئوقۇسام، بۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدىكەن، ئۇ ئىلگىرى بولغان ئىشلار بولۇپ، قانچە قېتىم بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەن ھازىر بۇ ئادىتىمنى تۈزەتتىم، ئەمدى نېمە قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىز كانايغا كېلىپ قالغان بۇ يىمەكنى يۇتۇۋەتسە روزىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسىڭىز سىزگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ، يەنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنى ئىنسان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستىمال قىلغان بولسا، تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ:

    بىرىنچى: بۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىدىغان بولىشى كېرەك، چۈنكى جاھىللىق دېگەن بىلىشنىڭ ئەكسىدۇر.

    ئەگەر ئىنسان بۇنىڭ ھۆكمىنى بىلمەستىن ئىستىمال قىلغان بولسا، ئۇ كىشى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، بىلمەسلىك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1-ھۆكۈمنى بىلمەسلىك، بۇنىڭ مىسالى: ئىنسان قەستەن قەي قىلىدۇ، لېكىن قەستەن قەي قىلسا روزىنىڭ بۇزىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇ كىشىنىڭ بۇنى بىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. ھۆكۈمنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ روزىسىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەدى ئىبنى ھاتىمدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئۇ كىشى رامزاندا ئۇخلىغاندا ياستۇقنىڭ ئاستىغا ئاق يىپ بىلەن قارا يىپنى ياكى ئاق ئارغامچا بىلەن قارا ئارغامچىنى قويۇپ ئۇخلايدىغان بولۇپ، ھەر ئويغانغاندا بۇنىڭغا قارايتتى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇدەك بولغۇچە سۇھۇرلۇق يەيتتى. يەنى ئايرىغۇدەك بولغاندا يېمەك-ئىچمەكتىن توختايتتى. ئەتتىگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سېنىڭ ياستۇقۇڭ ئاق يىپ بىلەن قارا يىپنى سىغدۇرغۇدەك كەڭرىكەن، ھەقىقەتتە بۇ كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدۇر دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىدى، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتى.

2 -ۋاقىتنى بىلمەسلىك: بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى رامزاندا تاڭ يورىمىدى دەپ بىر نەرسە يەپتۇ، كېيىن تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، بۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، يەنە بىر كىشى كەچ بولغاندا كۈن ئولتۇردى دەپ ئويلاپ ئىپتار قىلغان بولسا، كېيىن كۈننىڭ ئولتۇرمىغانلىقى مەلۇم بولسا بۇ كىشىگىمۇ شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھاۋا تۇتۇق بولغان بىر كۈنى كۈن ئولتۇردى دەپ ئويلاپ ئىپتار قىلدۇق، كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ قۇياش ئاشكارا بولدى. بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان دەلىل: ئەگەر ئاشۇ كۈندىكى روزا بۇزۇلغان بولسا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولاتتى، ئەگەر قازاسىنى قىلىش كېرەك بولغان بولسا ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇتتى، قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىغان بولسا بۇ دەلىللەر بىزگە نەقىل قىلىناتتى، چۈنكى بۇ شەرىئەتنى ساقلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بىزگە نەقىل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمىغانلىقى بىلىندى، ئۇلارنى قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمىغانلىقى بىلىنگىنىدە، ئۇ كۈندىكى روزىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقى ۋە بۇنداق ھالەتتىكى روزىنىڭ قازاسى قىلىنمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى، لېكىن ئىنساننىڭ يېمەك –ئىچمەكتىن توختايدىغان ۋاقىتنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇنى بىلگەندە، توختاش ۋاقتى كەلگەندە، ئاغزىغا سىلىپ بولغان يىمەكنى بولسىمۇ چېقىرۋىتىش كېرەك بولىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى"19-توم 116-بەت].

    ئاندىن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى شەرتنى بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ ئېسىدە بولغان ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان بولىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن سىزگە ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى