جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ياخشىلىقى يامانلىقىدىن كۆپ بولغان كىشىنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن شۇنى بىلىشنى ياخشى كۆرىمەن؛ مۇسۇلماننىڭ قىيامەت كۈنىدە بارلىق ئەمەللىرى مىزانغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ياخشىلىقى يامانلىقىدىن زىيادە بولسا جەننەتكە كېرەمدۇ ياكى قىلغان خاتالىقلىرىدىن پاكلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا كېرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  ئاخىرەت ئىشلىرىدىن ئىمان ئېيتىش-ئىشىنىش زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن، بەندىلەرنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى ئۆلچىنىدىغان مىزاندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَإِنْ كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا وَكَفَى بِنَا حَاسِبِينَ  تەرجىمىسى: «قىيامەت كۈنى بىز ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ( يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز». [سۈرە ئەنبىيا 47-ئايەت].

     ئىمام تەھاۋىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەقىدە كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىشىنىمىز، قىيامەت كۈنىدە قىلغان ئەمەللىرىمىزنىڭ جازا-مۇكاپاتىغا ئىشنىمىز، ئەمەللەرنىڭ توغىرلىنىدىغانلىقىغا، ھېسابقا، ئەمەل دەپتىرىمىزنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىغا، جازا، مۇكاپاتقا، سىرات كۆۋرۈكىگە ۋە ئەمەللەر ئۆلچىنىدىغان تارازىغا ئىشىنىمىز".

    ئەمەللەر تارتلىنىدىغان تارازا ھېسابتىن كېيىن ۋە سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بولىدۇ.  

   بۇ توغرىدا ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ھېساب تۈگىگەندىن كېيىن ئەمەللەر تارتىلىنىدۇ، چۈنكى تارتىلىش جازا-مۇكاپات ئۈچۈن بولغانلىقتىن ھېسابتىن كېيىن بولىدۇ، ھېساب ئەمەللەرنى بېكىتىش، مىزان بولسا ئەمەللەرنىڭ مىقدارىنى ئاشكارا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېكىتىش ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا  تەرجىمىسى: «قىيامەت كۈنى بىز ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ». [سۈرە ئەنبىيا 47-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   فَأَمَّا مَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ  تەرجىمىسى: «تارازىسى ئېغىر كەلگەن يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ، تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ». [سۈرە قارىئە 6-9-ئايەتلەر].

    "ئەتتەزكىرە" ناملىق ئەسەر 359-بەت.

    ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئەمەللەرنىڭ مۇشۇ تەرتىپ بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل يوق. بۇ توغرىدا پەقەت بەزى ئالىملاردىن كەلگەن ئىجتىھادلار بايان قىلىنغان. ئىمام قۇرتۇبى ئۆلىمالاردىن بايان قىلغان تەرتىپ بولسا ۋاقىت جەھەتتە بىر-بىرىگە مۇناسىپتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساندىن قىلغان ئەمەللىرىگە ئاساسەن ھېساب ئىلىپ، ئۇ كىشىنى قىلمىشىغا ئىقرار قىلدۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلىنغان ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ئادىل تارازا تىكلىنىدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئۇنىڭ ئەمەللىرىنىڭ تارازىدا ئاشكارا بولغان ھېساب بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شەيخ ئىۋاجىنىڭ "ئاخىرەت ھاياتى " ناملىق ئەسىرى 3-توم 1169-بەتكە قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئەمەللەر تارتىلغان ۋاقىتتا كىشىلەر ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ:

   بىرىنچىسى : ياخشىلىقى يامانلىقىدىن ئېغىر كەلگەن كىشىلەر، بۇلار بەختلىك، ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ فِي جَهَنَّمَ خَالِدُونَ  تەرجىمىسى: «تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر، تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.» [سۈرە مۆمىنۇن 102-103-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَأَمَّا مَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ نَارٌ حَامِيَةٌ  تەرجىمىسى: «تارازىسى ئېغىر كەلگەن يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ، تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر.» [سۈرە قارىئە 6-11 -ئايەتكىچە].

     ئىككىنچىسى: يامانلىقى ياخشىلىقىدىن ئېغىر كەلگەن كىشىلەر، بۇ كىشى گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئازابلىنىپ، گۇناھتىن پاكلىنىپ چىققاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر كاپىر بولسا ئەبەدىي دوزاختا قالىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۆمىنۇن سۈرىسىدىكىگە ئوخشاش.

    ئۈچىنچىسى:  ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى باراۋەر، تەڭ كەلگەن كىشى، بۇلار ئەئراپ ئىگىلىرىدۇر يەنى: جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر جايدا بولىدۇ، ئۇلار جەننەت ئەھلى ۋە دوزاخ ئەھلىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَبَيْنَهُمَا حِجَابٌ وَعَلَى الْأَعْرَافِ رِجَالٌ يَعْرِفُونَ كُلًّا بِسِيمَاهُمْ وَنَادَوْا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ لَمْ يَدْخُلُوهَا وَهُمْ يَطْمَعُونَ وَإِذَا صُرِفَتْ أَبْصَارُهُمْ تِلْقَاءَ أَصْحَابِ النَّارِ قَالُوا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ  تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە ( ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ. ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز»  دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ. [سۈرە ئەئراپ  46-47-ئايەت]. 

    شۇنىڭدىن كېيىن ئەئراپتا تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرىدا بارىدىغان جايى جەننەت بولىدۇ. ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ تەپسىر كىتابى 2-توم 289-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىگە خىتاپ قىلغاندا، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا توساق بار ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇ توساق بولسا دوزاخ ئەھلىنىڭ جەننەتكە كېلىشىنى توسايدۇ. ئىبنى جەرىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەئراپ دېگەن كۆپلۈك سۆز بولۇپ، ئەرەپلەر يەردىن ئۈستۈن بولغان جايلارنى ئەرپە-دۆڭلۈك دەپ ئاتايتتى، خورازنىڭ تاجىسىمۇ بىشىنىڭ ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرپە دەپ ئاتىغان".

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: ئەئراپ دېگەن جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدىكى بىر دۆڭلۈك بولۇپ، بۇ يەردە بىر جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا قالغان بىر تۈرلۈك كىشىلەر توختىتىپ قويۇلىدۇ دېيىلگەن، يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇ جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدىكى بىر سىپىل دېيىلگەن. زەھھاك ۋە باشقا تەپسىر ئالىملىرىدىنمۇ شۇنداق چۈشەندۈرۈشلەر كەلگەن.

    سۇددىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ جاينىڭ ئەئراپ دەپ ئاتىلىشى، ئۇ جايدا تۇرغان كىشىلەر جەننەت ۋە دوزاختا تۇرغان كىشىلەرنى تونۇيدۇ".

ئەئراپتا تۇرغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى توغرىسىدا تەپسىر ئالىملىرىنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ قارىشى بىر-بىرىگە يېقىن بىر مەناغا قايتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلار ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭ، باراۋەر كېلىپ قالغان كىشىلەر دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قاراشقا، ھۇزەيپە، ئىبنى ئابباس، ئىبنى مەسئۇد ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- ۋە باشقا ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ئالىملارنىڭ بايانلىرىنى كەلتۈردى.

    ئىبنى جەرىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا يەقۇپ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ھەزىيم ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ھۈسەين شەئبىيدىن ئۇ ھۇزەيپىدىن خەۋەر بېرىپ، ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئەئراپتىكى كىشىلەر كىم؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى: ئۇلار ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭ، باراۋەر كېلىپ قالغان كىشىلەر بولۇپ، يامانلىقى جەننەتكە كىرىشتىن چەكلەپ قويىدۇ، ياخشىلىقى دوزاخقا كىرىشتىن چەكلەپ قويىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئۆزلىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ بولغىچە ئۇ ئارىلىقتىكى بىر سېپىلدا تۇرىدۇ،  دەپ جاۋاپ بەرگەن".

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كىشى يامانلىقى بىلەن بىرگە ياخشىلىق قىلىدۇ، يامانلىقى بىلەن ياخشىلىقى تەڭ باراۋەر كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن دوزاختىن قۇتىلىدۇ، جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق بولالمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئەئراپتا قالىدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتى جەننەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار جەننەتكە يېقىنلاشتۇرۇلغۇچى كىشىلەردىن بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا ئاللاھ تائالادىن ھەقىقى قورقمىغان ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتمىغان كىشىلەردۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16-توم 177-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھغا: بىر كىشى:  مەن كىشىلەردىن ئەئراپ دېگەن جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدىكى بىر سېپىل بولۇپ كىشىلەر ئۇ يەردە مەلۇم يىللار تۇرىدۇ دەپ ئاڭلىدىم؟، دېگەندە، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ، بىرى ياخشىلىقى يامانلىقىدىن ئېغىر كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، بۇلار ئازابلانماستىن جەننەتكە كىرىدۇ. يەنە بىرى، يامانلىقى ياخشىلىقىدىن ئېغىر كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار قىلغان يامانلىقى بويىچە ئازابقا ھەقلىق بولۇپ، ئاندىن كېيىن دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرىدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر بولسا، ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭ باراۋەر كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، بۇلار ئەئراپ ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەت ئەھلىمۇ ئەمەس ۋە دوزاخ ئەھلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۈستۈن بىر جايدا بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنى ۋە جەننەت ئەھلىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا خالىغان مۇددەتكىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، ئاخىرىدا جەننەتكە كىرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق ئىنسانغا ھەقلىق بولغان نەرسىنى بىرىشتىن ئىبارەت بولغان مۇكەممەل ئادالىتىدىندۇر. ياخشىلىقى ئېغىر-زىيادە بولغان كىشى جەننەت ئەھلى بولىدۇ، يامانلىقى ئېغىر-زىيادە بولغان كىشى ئاللاھ تائالا خالىغان مۇددەتكىچە دوزاخ ئەھلى بولىدۇ، ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭ، باراۋەر كەلگەن كىشى بولسا، ئۇ ئەئراپ ئەھلىدۇر، لېكىن ئەئراپ ئۇلارنىڭ ئەبەدى قارار ئالىدىغان ئورنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاخىرىقى ئورنى يا جەننەت بولىدۇ ياكى دوزاخ بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىلەرنى جەننەت ئەھلىدىن قىلسۇن". ["ئوچۇق سۆھبەت ئۇچرىشىشى 14/16"].

    ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى