شەنبە 22 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 23 نويابىر 2024
Uygur

قەرزنى باشقا پۇل تۈرى بىلەن ئۆتەشنىڭ دۇرۇس بولىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان شەكىللىرى توغرىسىدا

سۇئال

بىر دوستۇمدىن مەلۇم مىقداردا دوللار قەرىز ئالدىم، ئۇنى قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا قەرزنى ئالغان ۋاقىتتىكى قىممىتى بويۇنچە سەئۇدى رىيالى ئۆتۈدۈم، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

ئەسلىدە قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايسى تۈردىكى پۇلدىن ئالغان بولسا شۇ پۇل بىلەن ئۆتىشى كېرەك بولىدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ قەرزنى باشقا تۈردىكى پۇل بىلەن ئادا قىلىشقا كېلىشكەن بولسا، بۇنىڭدا مەسىلە يوق. بۇنىڭ شەرتى؛ قەرزنى ئالغان ۋاقىتتىكى قىممەت بىلەن ئەمەس بەلكى قەرزنى ئادا قىلغان ۋاقىتتىكى قىممەت بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك، قەرزنى ھەر قېتىم ئۆتىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ئىككى تەرەپ يەنە  قەرزنى ئادا قىلغان كۈندىكى باھا قىممىتى بىلەن ھېساب قىلىشقا ئىتتىپاق كەلگەن بولسا بۇمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىدە چەكلەنگەن ئۈچ تۈرلۈك ھارام ئىشنى بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ:

بىرىنچى شەكلى: ئىككى تەرەپ قەرز كېلىشىمدە قەرزنى باشقا پۇل بىلەن ئۆتەشكە كېلىشىم قىلغان بولسا بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ھەقىقى مۇئامىلە دېگەن: نەخ پۇلنى باشقا تۈردىكى نېسى پۇلغا سېتىشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ نىسى شەكىلدىكى جازانىدۇر. چۈنكى ئوخشىمىغان پۇللارنى سېتىشنىڭ شەرتلىرىدىن: ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسى بىلەن ئالماشتۇرۇلغاندا نەخمۇ -نەخ ۋە قولمۇ-قول بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن ئالتۇن بىلەن، كۈمۈش كۈمۈش بىلەن ۋەزنىدە ئوخشاش بولۇش ۋە قولمۇ-قول بولىشى كېرەك. بۈ پۇللارنىڭ تۈرى پەرقلىق بولسا ئۇنى نەخمۇ-نەخ بولسا، قانداق ساتساڭلار بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1578-ھەدىس].

ھازىر ئېقىۋاتقان پۇللار ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئۇ پۇللارغا ئالتۇن، كۈمۈشكە بېرىلگەن ھۆكۈملەر بېرىلىدۇ.

ئىككىنچى شەكلى: قەرز بەرگەندە ئۇنى باشقا تۈردىكى پۇل بىلەن ئۆتەشكە كېلىشمەسلىك كېرەك، قەرزنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا كېلىشسە ۋە ئۇنى قەرز بەرگەن كۈندىكى قىممەت بىلەن ھېسابلىسا بۇمۇ ھارام بولىدۇ، بۇمۇ ئىلگىرىكى شەكىلگە ئوخشايدۇ. پىقھى ئالىملىرى بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بۇ مەشھۇر ھەدىسنى دەلىل قىلدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تۆگىنى دىنارغا (ئالتۇن پۇلغا) نېسى سېتىپ، ئورنىغا دىرھەم(كۈمۈش پۇل) تاپشۇرۇپ ئالاتتىم، دىرھەمگە سېتىپ، دىنار تاپشۇرۇپ ئالاتتىم، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئىككىڭلار ئايرىلىپ كەتمىگەن ۋە ئاراڭلار سودىغا ئالاقىدار ئىش بولغان ھالەتتە بولسا پۇلنى شۈ كۈندىكى باھا قىممىتى بىلەن ئالساڭ بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى6239-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3354-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 4582-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1242-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2262 -ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام نەۋەۋىي، ئەھمەد شاكىر قاتارلىق بەزى ئالىملار سەھىھ دېگەن. ھاپىز ئىبنى ھەجەر ۋە ئەلبانى قاتارلىق ئالىملار بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى ئەمەس بەلكى بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى دېگەن”. “ئىرۋائۇل غەلىيل” 5-توم 173-بەت].

بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا يەنە بىر سەۋەپمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ قەرزنى ئادا قىلىدىغان كۈندىكى باھا قىممىتىدىن كۆپرەك ئېلىشتۇر، بۇ ئۆز تەۋەلىكىگە كىرمىگەن نەرسىدىن پايدا ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدىن پايدا ئىلىشتىن توسقان». [سۈننەت ساھىبلىرى بۇ ھەدىسنى سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن].

ئۈچىنچى شەكلى: قەرزنى ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا باش تۈردىكى پۇل بىلەن ئۆتەشكە كېلىشكەن بولسا، لېكىن ئۇلار ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودىغا ئالاقىدار بىر نەرسە بولغان بولسا، بۇمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشىگە مىڭ (1000) دوللار قەرز بېرىدۇ، قەرز ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا بەشمىڭ(5000) جۇنەي ئۆتەيدىغانغا كېلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن تۆت مىڭ(4000) جۇنەينى ئىلىپ مىڭ(1000) جۇنەي قەرز قالىدۇ بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسى بىلەن ئالماشتۇرۇلغاندا نەخمۇ -نەخ ۋە قولمۇ-قول بولىشى كېرەك، بۇنىڭ جاۋابى ئىلگىرى بايان قىلىندى.

خەتتابى رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: “ئۇلار ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودىغا ئالاقىدار بىر نەرسە بولۇشنى شەرت قىلدى، چۈنكى سودا دىرھەمنى دىناردىن ئالماشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، پۇل ئالماشتۇرۇش دېگەن نەخمۇ-نەخ تاپشۇرۇپ ئېلىش بىلەن بولىدۇ”. [“ئەۋنىل مەبۇددىن نەقىل قىلىندى”].

لېكىن قەرزنى بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈپ ئۆتەيدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەر قېتىم قەرز ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا باشقا تۈردىكى پۇلنى قەرز ئۆتىگەن كۈندىكى باھا قىممىتى بىلەن ئالىدىغانغا كېلىشكەن بولسا، پۇل ئالماشتۇرۇشتا كېچىكتۈرۈشتىن ساقلانغانلىقى ئۈچۈن دۇرۇس بولىدۇ.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملارنىڭ دېگەن قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بىقىڭ:

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بىر كىشىدىن پارانسىيەدە قايتۇرۇش شەرتى بىلەن پارانسۇز پۇلى قەرز ئالدىم، لېكىن ئۇ كىشى ئالجىرىيەگە كەلگەندە مەندىن قەرزنى تەلەپ قىلىپ، ئالجىرىيە دىرھەمى بېرىشىمنى ۋە زىيادە بېرىشنى ئىستىدى، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: “قەرزنى ئادا قىلىدىغان كۈندىكى ئالجىرىيە پۇلىنىڭ قىممىتى بويۇنچە پارانسۇز پۇلىنىڭ ئورنىغا ئالجىرىيە دىرھەمى بەرسە توغرا بولىدۇ. لېكىن ئىككەيلەن ئايرىلىشتىن بۇرۇن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك”. [“دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى” 14-توم 143-بەت].

ئۇلاردىن يەنە مۇنداق سورىغان: “بىر كىشىگە رىيال قەرز بېرىپ ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قەرزنى لىرا بىلەن ئۆتىگەن بولسا، ئۇ جەرياندا پۇلنىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسا، قانداق بولىدۇ؟، دەپ سورالغاندا ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “بىر كىشىگە مەلۇم تۈردىكى پۇلنى قەرز بەرگەن ۋە بۇنىڭغا ئارتۇق پايدىنى شەرت قىلمىغان ياكى باشقا قەرزنى ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا تۈردىكى پۇلنىڭ شۈ كۈندىكى قىممىتى بىلەن ئۆتەشنى  شەرت قىلماستىن ۋە قەرز ئۈچۈن بىرەر پايدا-مەنپەئەتنى شەرت قىلمىغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش بولىدۇ. ئەمما بۇ قەرزگە بىرەر پايدا-مەنپەئەتنى شەرت قىلسا ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا تۆردىكى پۇلدىن قايتۇرۇشنى شەرت قىلسا ياكى قەرز بەرگۈچىگە مەنپەئەت يەتكۈزسە توغرا بولمايدۇ. يەنى ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇرئان، سۈننەت ۋە ئالىملارنىڭ ئىجماسى بىلەن ھارام قىلىنغان جازانىدىن ئىبارەتتۇر. [“دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى” 14-توم 144-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: “قاھىرەدە تۇرىدىغان يېقىنلىرىمدىن بىرى مەندىن ئىككى مىڭ بەش يۈز(2500) جۇنەي مىسىر پۇلى قەرز سورىدى، مەن ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ دوللار(2000) ئەۋەتتىم، ئۇنى ئىككى مىڭ تۆت يۈز توقسان(2490) جۇنەي مىسىر پۇلىغا ئالماشتۇرۇپتۇ، ئۇ يېقىنىم ھازىر قەرزنى ئادا قىلماقچى، بىلىشىمچە، بىز قەرزنى قايسى ۋاقىتتا قانداق ئادا قىلىش توغرىسىدا بىر نەرسە دىيىشمىدۇق، مېنىڭ سوئالىم: مەن ئۇنىڭدىن ئۆز ۋاقتىدا ئالماشتۇرغان ئىككى مىڭ تۆت يۈز توقسان(2490) جۇنەي مىسىر پۇلىنى ئالىمەنمۇ؟ (بۇ ھازىر بىر مىڭ سەككىز يۈز دوللارغا (1800) باراۋەر كېلىدۇ، مەن ئۇ كىشىگە بەرگەن دوللاردىن ئاز بولىدۇ، ياكى ئۇ كىشىگە بەرگەن ئىككى مىڭ دوللار(2000)نى تولۇق ئالىمەنمۇ؟، بىلىشىمچە ھازىر ئىككى مىڭ دوللار(2000) ئالماقچى بولسا ئىككى مىڭ سەككىز يۈز(2800) جۇنەيگە ئالىدۇ يەنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى ئېرىشكەن مىسىر پۇلىدىن ئۈچ يۈز(300) جۇنەي كۆپ بولىدۇ، بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟. شەيخ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “سىزگە سىز قەرز بەرگەن دوللارنى قايتۇرۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ قەرزنى ئۇنىڭغا سىز بەردىڭىز، شۇنداقتىمۇ، ئىككىڭلار كېلىشىپ سىزگە مىسىر پۇلى(جۇنەي) بېرىدىغان بولسا بۇمۇ بولىدۇ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەقىيدە ياكى نەقىيدە تۆگىنى دىنارغا (ئالتۇن پۇلغا) نېسى سېتىپ، ئورنىغا دىرھەم(كۈمۈش پۇل) تاپشۇرۇپ ئالاتتىم، دىرھەمگە سېتىپ، دىنار تاپشۇرۇپ ئالاتتىم، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئىككىڭلار ئايرىلىپ كەتمىگەن ۋە ئاراڭلار سودىغا ئالاقىدار ئىش بولغان ھالەتتە بولسا پۇلنى شۈ كۈندىكى باھا قىممىتى بىلەن ئالساڭ بولىدۇ». بۇ نەخ پۇلنى ئۆزىنىڭ جىنسىدىن بولمىغان باشقا بىر پۇلغا سېتىشتۇر. بۇ خۇددى ئالتۇننى كۈمۈشكە سېتىشقا ئوخشايدۇ، ئەگەر سىز قەرىز بەرگەن كىشى بىلەن سىزدىن ئالغان دوللارنىڭ ئورنىغا مىسىر پۇلى(جۇنەي) بېرىشكە كېلىشكەن بولسىڭىز، پۇل ئالماشتۇرۇشقا كېلىشكەن ۋاقىتدىكى سانىغا باراۋەر بولغاندىن ئارتۇق ئالماسلىقىڭىز شەرت بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: ھازىر ئىككى مىڭ دوللار(2000)، ئىككى مىڭ سەككىز يۈز(2800) جۇنەيگە باراۋەر بولسا، سىزنىڭ ئۇ كىشىدىن ئۈچ مىڭ (3000) جۇنەي ئېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئىككى مىڭ سەككىز يۈز(2800) جۇنەي ئالسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر ئىككى مىڭ دوللار(2000) ئالسىڭىز سىز بۈگۈنكى باھادا ياكى ئۇنىڭدىن ئازراقنى ئالغان بولىسىز، كۆپ ئالماڭ، چۈنكى كۆپ ئالسىڭىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىدىن پايدا ئالغان بولىسىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ئىگە بولالمىغان نەرسىدىن پايدا ئېلىشنى توسقان، ئەگەر سىز بەرگەن ۋاقتىدىكىدىن ئازراق ئالسىڭىز، ھەققىڭىزنىڭ بەزىسىنى ئىلىپ، بەزىسىدىن ئۆتىۋەتكەن بولىسىز. بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، [“ئىسلام پەتىۋالىرى” 2-توم 414-بەت. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 23388– ۋە 12541- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى