شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاشلىق، مېۋە ۋە ئۇلاردىكى زاكات نېسابىنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى، مېۋىلەرنىڭ زاكىتى قانداق بولىدۇ؟، ئۇنىڭدىكى زاكات نېسابىنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى، مېۋىلەرگە زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.  ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 2-توم 294-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار: بۇغداي، ئارپا، خورما، ئۈزۈم قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى. ئىبنى ئابدۇلبەر ۋە ئىبنى مۇنزىرمۇ شۇنداق دېگەن.

ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى، مېۋىلەرگە زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ﴾ تەرجىمىسى: «مېۋىنىڭ ھوسۇلىنى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار.» [سۈرە ئەنئام 141-ئايەت].

    زاكات كىلۇلىنىدىغان ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان، ئوزۇقلۇق بولىدىغان ياكى بولمايدىغان ئاشلىقلار ۋە مېۋىلەرگە ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى، ئېقىن سۇلار بىلەن سۇغۇرۇلغان زىرائەتلەردە ئوندىن بىرى، سۇ تارتىپ، چىقىم بىلەن سۇغۇرۇلغان زىرائەتلەردە يىگىرمىدىن بىرى بولىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 1483-ھەدىس].

    بۇ ھەدىس زېمىندىن چىققان ئوزۇقلۇق بولىدىغان ياكى بولمايدىغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋەسەقتىن ئاز بولغان نەرسىگە زاكات كەلمەيدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 979-ھەدىس].

   يەنى (650 كىلۇ) بۇ كىلۇ ئۆلچىمى، نېمەت ساقلىغاندىن كېيىن مۇكەممەل بولىدۇ، چۈنكى ساقلاش بىلەن ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ.

بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ" كەشاپۇل قىنا" 2-توم 205-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:"زاكات كىلۇلىغىلى بولىدىغان ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان، خورما، ئۈزۈم، بادام، پىستىق، بۇندۇق قاتارلىق مېۋىلەرگە ۋاجىپ بولىدۇ".

ئۇ مېۋىلەرگە زاكات ۋاجىپ بولۇشنىڭ شەرتى كىلولىغىلى ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.

ئىككىنچى: ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى، مېۋىلەرگە زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن مەھسۇلاتنىڭ مىقدارى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ بەش ۋەسەق بولۇپ بۇنىڭ ھازىرقى مىقدارى 650 كىلۇغا باراۋەر كېلىدۇ.

ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بەش ۋەسەقتىن ئاز بولغان ئاشلىق ۋە مېۋىگە

زاكات كەلمەيدۇ»مۇسلىم (979) رىۋايىتى.

زېمىننى سۇغۇرۇش ئەھۋالىنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن زېمىندىن چىققان زىرائەت ۋە مېۋىلەرگە ۋاجىپ بولىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، زېمىن جاپا تارتماستىن ۋە چېقىم قىلىنماستىن يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى، ئېقىن سۇلار بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا ئۇ زىرائەتلەردە ئوندىن بىرى، جاپا تارتىپ سۇ تارتىپ، چىقىم بىلەن سۇغۇرۇلغان زىرائەتلەردە يىگىرمىدىن بىرى بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى، ئېقىن سۇلار بىلەن سۇغۇرۇلغان زىرائەتلەردە ئوندىن بىرى، تۆگە، كالا، ئارغامچا بىلەن سۇ تارتىپ، چىقىم بىلەن سۇغۇرۇلغان زىرائەتلەردە يىگىرمىدىن بىرى بولىدۇ».

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتى" 6-توم 77-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىكى ھېكمەت: تەمىنات بىلەن سۇغۇرۇلغان يەردە ھەددىدىن زىيادە چىقىم بولىدۇ،  تەمىناتسىز سۇغۇرۇلغان يەردە چىقىم ئاز بولىدۇ".

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 74-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "خورما، ئۈزۈم، بۇغداي ۋە ئارپا قاتارلىق يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى، ئېقىن سۇلار بىلەن سۇغۇرۇلغان زىرائەتلەر ۋە مېۋىلەرگە ئوندىن بىرى، سۇ تارتىش ماشىنىسى ۋە باشقا سايمانلار بىلەن سۇغۇرۇلغان مېۋە، زىرائەتلەردە يىگىرمىدىن بىرى بولىدۇ".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى