پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋەسىلە قىلىشنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا

سۇئال

ۋەسىلە قىلىشنىڭ تۈرلىرى قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن!.

ۋەسىلە ۋە ۋەسىلە قىلىش بىلەن تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرى مەقسەت قىلىنىدۇ:

بىرىنچىسى: ئىيمان پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىيمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ۋەسىلە قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت ـ ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىق ئىزدەڭلار. [مائىدە سۈرىسى 35-ئايەت].

بۇنىڭ قاتارىغا ئاللاھقا ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىش ۋە ۋەسىلە قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن ھاجىتىنى تىلىشىمۇ كىرىدۇ.

ئىككىنچىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا دۇئاسىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ۋە مۆمىنلەرنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئۆزىگە دۇئا قىلىپ قويىشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋەسىلە قىلىش، بۇ بىرىنچى قىسىمغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىنغان.

ئۈچىنچىسى: مەخلۇقاتلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيى بىلەن ۋەسىلە قىلىش، مەسىلەن: ئى ئاللاھ! مەن پەيغەمبىرىڭنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى بىلەن ساڭا يۈزلىنىمەن دېگەندەك، بەزى ئۆلىمالار بۇنى توغرا دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاجىز قاراشتۇر. توغرىسى: ئۇنداق قىلىشنى كەسكىن چەكلەشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا دۇئادا پەقەت گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەنلا ۋەسىلە قىلىنىدۇ.

تۆتىنچىسى: كېيىنكى ئۆلىمالاردىن كۆپچىلىكىنىڭ قارىشىدىكى ۋەسىلە قىلىش بولۇپ، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش (يەنى ئۆلۈكلەر ۋە ئەۋلىيالاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش) بولۇپ، بۇ چوڭ شېرىكنىڭ قاتارىدىندۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەردە دۇئا قىلىش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىش ئىبادەت بولۇپ، بۇنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە يۈزلەندۈرۈش چوڭ شېرىكتۇر.

ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد