پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەت

تارقاتقان ۋاقىت : 05-03-2020

كۆرگۈچىلەر : 8370

سۇئال

مەندە بېشىمنىڭ يېرىمى ئاغرىش، نېرۋا چارچاشقا ئوخشىغان كېسەللىكلەر داۋاملىشىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن دوختۇر ئارام ئېلىشىمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. يولدىشىم مېنىڭ قايسى شەكىلدە بولمىسۇن ئارام ئېلىشىمنى ياقتۇرمايدۇ، (بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز بار) ھەتتا ئۇ مېنىڭ سالامەتلىك جەھەتتە ئارامسىزلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مەن ياش بولغاندىن كېيىن مېنىڭ سالامەتلىك تەرەپتىن راھەتسىزلىككە دۇچ كېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. يولدۇشۇمنىڭ مېنىڭ مەلۇم مۇددەت ئارام ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلماسلىقىنىڭ ھۆكمى قانداق؟، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

ئاللاھ شەرىئەتتە يولغا قويغان نىكاھلىنىشتىن بولغان ئەڭ چوڭ مەقسەت ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەتنى بەرپا قىلىش بولۇپ، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ مۇھەببەت ۋە ھېسداشلىق ئۇستىگە قۇرۇلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. [سۈرە رۇم21-ئايەت].

ھاپىز ئىبنى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: "ئەر ئايالىنى  ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت ۋە ھېسداشلىقى بىلەن تۇتۇپ تۇرىدۇ".

سىڭلىم سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا بايان قىلغان ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەت تۇيغۇسىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى، شۇنداقلا خەدىچە ئانىمىزنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان تۇرمۇش ھاياتىدىكى رولى قاتارلىقلارنى ئويلىنىپ بېقىڭ. ئائىلىڭىزنى بەختلىك قىلىشقا تىرىشسىڭىز ئاللاھ خالىسا بۇنىڭ ياخشى تەسىرىنى كۆرىسىز. قەلبنى مايىل قىلىدىغان ۋە ئېرىتىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ياخشى سۆزدۇر. ياخشىلىق قىلىش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، "باشقىلارغا ئوچۇق چىراي ئېچىپ چىرايلىق سۆزلەشتىن ئىبارەتتۇر".

سىز يولدىشىڭىزغا ياخشى مۇئامىلىدە بولسىڭىز، ئۇنىڭ قەلبىدە سىزگە بولغان مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەت تۇيغۇسى قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى ئاللاھنىڭ بۇ ئايىتىگە رىئايە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ﷲ قا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن. [پۇسسىلەت34-35-ئايەت].

شەيخ ئىبنى سەئدىي رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان تائەت ۋە ياخشىلىقلار باراۋەر بولمىغىنىدەك، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان چەكلەنگەن ئىشلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى خەير-ئېھسان ۋە يامانلىقلا زاتىدا، سۈپىتىدە ۋە جازا-مۇكاپاتلىردىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاندىن كىيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئورنى يۇقىرى بولغان ئېھسانغا تەۋسىيە قىلىپ، سىزگە يامانلىق قىلغان كىشىگىمۇ ياخشىلىق قىلىشىڭىزنى يەنى كىشىلەر سىزگە ئاغزاكى ياكى ئەمەلىيىتى بىلەن ئەسكىلىك قىلسا، بولۇپمۇ سىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ بىرىدىن كۆڭلىڭىز ئاغرىغان بولسا، سىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىڭ. ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزسە، ئۇنىڭ ئەكسىچە سىز داۋاملاشتۇرۇڭ. زۇلۇم قىلسا ئەپۇ قىلىڭ. سىز بار-يوق جايلاردا سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى قىلسا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرماستىن ئەپۇ قىلىڭ ۋە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىڭ. سىزگە سۆز قىلمىسا، سىز سالام قىلىپ، ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭ. يامانلىق قىلغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولسىڭىز، نەتىجىدە دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدىغا ئىرىشكەن بولىسىز. سىز بىلەن ئاداۋىتى بولغان كىشىمۇ سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىز ۋە قېرىندىشىڭىزغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئېسىل خىسلەتلەرگە نەپسىنى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا سەۋىر قىلدۇرغان ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا بويسۇندۇرغان كىشىلەرلا مۇيەسسەر بولالايدۇ، چۈنكى ئىنسان تەبىئىتىگە يامانلىققا يامانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەپۇ قىلماسلىق دېگەن ئاڭ سېڭىپ كەتكەن بولۇپ، يامانلىق قىلغۇچىلارغا ياخشىلىق قىلىش قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ؟ دېگەن چۈشەنچىدە بولىدۇ.

ئىنسان نەپسىنى سەۋىر قىلىش، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا كۆندۈرسە بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ياخشى مۇكاپاتنى چۈشىنىدۇ ۋە يامانلىق قىلغۇچىغا يامانلىق قىلىشنىڭ ھېچ پايدا بەرمەيدىغانلىقىنى، ئاداۋەت تۇتۇشنىڭ دۈشمەنلىكنى زىيادە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. مەزكۇر كىشىنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشى ۋە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشى بولسا، ئۆز ئابرۇيىنى چۈشۈرگەنلىك بولماستىن بەلكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلغىنىدۇر. بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ يامانلىقىنى ئاددى ساناش ۋە رەنجىمەسلىك بىلەن بۇ قىلمىشىدىن لەززەت ھېس قىلالايدۇ. بۇ ئالى سۈپەت، ئېسىل خىسلەتلەرگە پەقەت ئالى مەرتىۋىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق پەزىلەتلىك كىشىلەرلا مۇۋەپپەق بولالايدۇ.

يۇقىردا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى يات كىشىلەرگە قىلىنغان ئېھسانلار بولۇپ، ئەگەر بۇ ئىشلارنى يولدىشىڭىزغا قىلسىڭىز بۇنىڭدىن كىلىدىغان گۈزەل نەتىجىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىنساننى ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇشقا بۇيرۇلغان بولسام ئىدىم، ئاللاھنىڭ ئاياللار توغرىسىدا ئەرلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن مەجبۇرىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئەلۋەتتە ئايالنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2140- ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1192- ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1203- نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ ھەدىس دەپ كۆرسەتكەن].

سىزنىڭ سوئالىڭىزغا كەلسەك، سىز بىزنىڭ نەسىھىتىمىزگە قۇلاق سالسىڭىز ۋە بەزى ھوقۇقىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز يەنى سىزگە زۇلۇم قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى كۆرىسىز، بەزىلەر زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىپ بەزى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن چۈشۈپ بېرىشنى ئەيىب-نۇقسان دەپ قارايدۇ، بەلكى ئۇ كامالەتكە يەتكەن كامىل ئەخلاقتۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، كىمكى ئەپۇچان بولىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئىززىتىنى زىيادە قىلىدۇ، كىمىكى ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2588- ھەدىس].

سىزنىڭ يولدىشىڭىز بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنى تەنقىت قىلىشىڭىز بۇ كۆيۈمچان نەسىھەتچىنىڭ سۆزىدۇر، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنى كېيىنكى ئاقىۋەتتىن ئەنسىرەپ، شەيتانلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن، ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ غەزىپىگە ئۇچراشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، نەسىھەت قىلىش ياخشىدۇر.

شەيتانغا ئەگىشىپ كېتىشنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا، جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىبلىس ئۆزىنىڭ تەختىنى سۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، لەشكەرلىرىنى ھەر تەرەپكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىبلىسقا ئەڭ يېقىن بولغانلىرى كىشىلەرنى ئەڭ چوڭ پىتنىگە تاشلىغانلىرىدۇر، بىرى كېلىپ: مەن مۇنداق، مۇنداق(باشقىلارنى ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش، بۇلاڭچىلىق قىلىش) ئىشلانى قىلدىم دىسە، شەيتان ئۇنىڭغا: سەن ھېچ ئىش قىلماپسەن دەيدۇ، يەنە بىرى كېلىپ: ياخشى ئۆتىدىغان ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىپ كەلدىم دەيدۇ، شەيتان ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ: سەن نېمىدېگەن ياخشى خىزمەتچىم! دەپ مۇكاپاتلايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى2813-ھەدىس].

ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ غەزىپىگە ئۇچرىغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى دەپ ئالدىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن مەنپەئەتلىنىشنى ھالال قىلدىڭلار. [مۇسلىم 1218-ھەدىس].

ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ئاللاھنىڭ ئامانىتى مۇشۇنداق بولامدۇ؟!!.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ئاللاھنىڭ سۆزىنى مۇشۇنداق قىلامسىلەر؟!!.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار.  [بۇخارىي رىۋايىتى 3331-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 1468-ھەدىس].

سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى قارىغانلار، مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئائىلەمگە ئەڭ ياخشى قارىغۇچىمەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 3895-ھەدىس، ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1977-ھەدىس] دەپ ۋەسىيەت قىلغان تۇرسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىنى مۇشۇنداق قىلامسىلەر؟!!.

ئاللاھ تائالا ئۇلار بىلەن ياخشى تۇرمۇش قۇرۇڭلار دېگەن تۇرسا، ياخشى تۇرمۇش مۇشۇنداق بولامدۇ؟!!. ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار. [سۈرە نىسا 19-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرەڭلاردىن سۇئال قىلىنىسىلەر، يۇرت بېشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە مەسئۇل، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە مەسئۇل، ئايال كىشى ئۆز ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى تەربىيە قىلىشقا مەسئۇل، خىزمەتچى خادىم خوجايىنىنىڭ پۇل-ماللىرىغا مەسئۇل، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ساھىبى، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە سۇئال قىلىنىدۇ دېگەن تۇرسا، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش مۇشۇنداق بولامدۇ؟!!.

ئائىز ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكىدە، ئۇ زالىم ۋالى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زەييادنىڭ يېنىغا كىرىپ: "ئى بالام! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ ئەسكىسى دوزاختا دېگەن ھەدىسىنى ئاڭلىغان، سەن ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشتىن ساقلانغىن دەيدۇ." [مۇسلىم رىۋايىتى 1830-ھەدىس].

قېرىندىشىم! سىز ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭىزدىن قورقمامسىز؟، سىز كېسەلنىڭ ياشقا بېقىپ، مەلۇم ۋاقىت ۋە ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟ بىز بۇنداق نادىر سۆزنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز! بىزنىڭ سۆزىمىزگە قۇلاق سىلىڭ: ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەقىيدىن قايتىپ كەلگەندە مېنىڭ بېشىم ئاغرىپ قالغانتى، ۋاي بېشىم دەپ ياتسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرىپ: ئى ئائىشە سىنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بېشىم ئاغرىسۇن دېگەن. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1465-ھەدىس].

مۇسۇلمان قېرىندىشىم! ئويلاپ بېقىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندە ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا 18 ياشتا ئېدى، شۇنداق كېچىك ياشتا باش ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغان ۋە ئۇنى خوش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغان، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىدە قىلىدىغان ئىشلىرى توغرىسىدا سورالغاندا: ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، ناماز ۋاقتى بولغاندا نامازغا چىقىپ كېتەتتى دېگەن. [بۇخارىي رىۋايىتى 676-ھەدىس].

يۇقىرىقىلارنى سىز ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ! يول ئالدىڭىزدا، ئازغىنە نەسىھەت مەنپەئەت قىلمىغان كىشىگە كۆپ نەسىھەتمۇ مەنپەئەت قىلمايدۇ. سىز ئايالىڭىز دۇچار بولغان كىسەلگە كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇپتىلا بولۇپ قىلىشىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟، بۇ ئاجىز رەپىقىڭىز سىزنىڭ ھىمايە قىلىشىڭىز، كۆڭۈل بۆلىشىڭىز ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولىشىڭىزغا مۇھتاج!. ياكى ئايالىڭىزنىڭ سىزگە، سىز ئۇنىڭغا قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولىشىنى خالامسىز؟، ئۇ سىزنىڭ ئىززەت-ئىكرام قىلىشىڭىز، سۆزىنى ئىنكار قىلماستىن ئىشىنىشىڭىز، ھىمايە قىلىشىڭىز، مېھرى شەپقەت قىلىشىڭىز ۋە بەخت-سائادەتلىك قىلىشىڭىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟ بۇنى ئويلاپ بېقىڭ!.

قېرىندىشىم! ئۆز نەپسىڭىز ئۈچۈن خەير-ئېھسان يولىنى تاللاڭ، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپىتى ياخشىلىق بولىدۇ،  ياخشىلىق قىلغان كىشى ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى خەيرى ساخاۋەت كېتىپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. [سۈرە رەھمان 60-ئايەت].

ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلىپ ئائىلەڭلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى