شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى توغرىسىدا

سۇئال

  ئايال كىشى رامىزان ئېيىدا ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، رامزاندىن كېيىن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئايال كىشىنىڭ ئادەت كۆرۈپ قالغاندا روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ۋە رامىزاندىن كېيىن روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىدىكى روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: دائىمى كومېتىتى پەتىۋاسى