
يېڭى جاۋابلار
ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشىغا ئېلىپ بارىدىغان يول توغرىسىدا
ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشى دېگەن: بەندىنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولىشى، بارلىق گۇناھ-خاتالىقلىرى ئۈچۈن سەمىمى تەۋبە قىلىشى، تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشىلىق ئەمەللىرىگە يۈزلىنىشى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاندىن مۇشۇ ياخشى ھالەتلەردىن كېيىن ۋاپات بولغان بولسا، بۇ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدىندۇر. ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۆپ بولۇپ: ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش، پېشانىسىدىن تەر ئېقىپ تۇرغان ھالەتتە ۋاپات بولۇش، جۈمە كۈنى ۋە كېچىسى ۋاپات بولۇش، ئاللاھ يولىدا غازات قىلىپ ۋاپات بولۇش، ۋابا كېسىلىدە ۋاپات بولۇش، قورسىقى ئاغرىپ، ئېچى سۈرۈلۈپ ۋاپات بولۇش، تام بېسىۋىلىپ ۋاپات بولۇش ، سوغا غەرق بولۇپ كېتىش بىلەن ۋاپات بولۇش، ئايال بالا تۇغقانلىق سەۋەبىدىن ياكى ھامىلدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇش، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىش، بېقىنى ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىش، سىل كېسىلىدە ئۆلۈپ كېتىش، دىنىنى، مېلىنى، جېنىنى قوغداپ ئۆلۈپ كېتىش، ئاللاھ يولىدا رىباتتا تۇرۇپ(چېگرا قاراۋۇللىقىدا تۇرۇپ) ئۆلۈپ كېتىش ۋە ياراملىق ئەمەللەرنى قىلىۋاتقان ھالەتتە ۋاپات بولۇش قاتارلىقلاردۇر.مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى شۇ مالنىڭ ئۆزىنى ساتقۇچىغا سېتىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا
كېسەل دادىغا قاراش سەۋەبىدىن جامائەتنى ۋە جۈمە نامىزىنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
توي قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىگە نەسىھەت قىلىش توغرىسىدا
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى توغرسىدا
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ۋە تۇغۇلغان كۈنىنى بېكىتىشتە ئىتتىپاققا كەلگەن ئورۇنلاردىن: تۇغۇلغان يىلى بولسا: پىئىل يىلى، تۇغۇلغان كۈنى بولسا: دۈشەنبە كۈنىدۇر. ئەمما ئىختىلاپنىڭ ئورنى بولسا: تۇغۇلغان ئاينى ۋە ئۇ ئايدىكى كۈننى بېكىتىش مەسىلىسىدۇر. بۇ توغرىدا نۇرغۇن سۆزلەر بار. ئۇ سۆزلەردىن: رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ -ھىجىرىيە ئۈچىنچى ئاي- ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، سەككىزىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، ئونىنچى كۈنى دېگەنلەر بار ۋە ئون ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار. ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئۇ بولسىمۇ دۈشەنبە كۈنىدۇر. يىلى بولسا: ھېچ ئىختىلاپسىز ھىجىرىيەنىڭ ئون بىرىنچى يىلى، ۋاپات بولغان ئاي بولسا: ھېچ ئىختىلاپ يوق رەبىئۇل ئەۋۋەل ئىيىدۇر.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ توي ئىشلىرىدىكى كۆرسەتمىسى توغرىسىدا
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشى كېرەك بولغان ئەدەپ-ئەخلاق: سەۋرچان بولۇش، ئىخلاسمەن بولۇش، ئوقۇغان ئىلمىگە ئەمەل قىلىدىغان بولۇش، دائىم ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا ۋە تولۇق ئىگىللەش، كۆپ كىتاپ كۆرۈش، ياخشى ھەمرا تاللاش ۋە ئۇستازلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەدەپلىك بولۇش قاتارلىقلار.جەمىيەتتە ھەمجىنىسلىقلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا
ھارام كەسىپلەرنىڭ تۈرلىرى قايسى؟ ساھابىلەرنىڭ كەسىپ مەنبىيى قانداق ئىدى؟، ئۇنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى قايسى؟
غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا