ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋىتىر نامىزىنى كېچىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇغاندا بىر رەكەتنى زىيادە قىلىپ ئادا قىلىش توغرىسىدا

14-03-2024

سۇئال 3453

بەزى كىشىلەر ئىمام بىلەن بىرگە ۋىتىر نامىزى ئادا قىلغاندا ئىمام سالام بەرگەندە ئۆزى ۋېتىرنى كېچىدە ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر رەكەت قېتىپ تۆت رەكەت قىلىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلسا بولامدۇ؟، بۇمۇ ئىمام بىلەن بىرگە نامازدىن قايتىش ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بۇ توغرىدا ئۆلىمالارنىڭ بىر خاتالىق بولىدۇ دېگەنلىكى توغرىسىدا دەلىل كۆرمىدۇق، ۋېتىرنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنداق قىلسا خاتا بولمايدۇ.

   ئۇ كىشى نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە ئادا قىلىپ قايتتى دېگەن سۆز مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلدى، ھەتتا ئىمام بىلەن بىرگە قايتتى، ئۇ كىشىنىڭ ئىمام بىلەن ئادا قىلغان ۋىتىر نامىزىغا بىر رەكەتنى زىيادە قىلىشى بولسا، ۋېتىرنى كېچىنىڭ ئاخىردا ئادا قىلىمەن دېگەن شەرئى مەسلەھەت بىلەن بولدى، بۇنىڭدا خاتالىق يوق، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئىمام بىلەن بىرگە قايتمىغان دېيىلمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ئىمام بىلەن بىرگە تۇردى ۋە نامازدىن كېيىن بىر ئاز كېيىن قايتقان بولىدى.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىماملىق توغىرسىدا تەراۋى نامىزى ۋە قەدىر كېچىسى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش