جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىبادەت مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغلاش بولۇپ، ھەرگىزمۇ قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت ئەمەس

سۇئال

ئەرلەر ئۈچۈن ئىبادەت جەريانىدا ئاياللارغا ئوخشاش مەلۇم ۋاقىت ئارام ئالىدىغان ۋاقىتنىڭ بولماسلىقىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بىز روزا تۇتىمىز، ناماز ئوقۇيمىز، ئاياللار ئادەت كۆرۈپ قالغاندا ۋە نىپاسدار بولۇپ قالغاندا روزا تۇتمايدۇ ۋە ناماز ئوقۇمايدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىبادەت، مۇسۇلمان ئۇنىڭدىن راھەتلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالاغا بولغان سەمىمى رىغبەتئىبادەتكە يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىشتىياق ئىبادەتكە قوزغايدۇ، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئىگىسىگە يۈزلىنىپ، تۆۋەنچىلىك بىلەننىدا قىلىدۇ ۋە ئىلتىجا قىلىدۇ، رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىدۇ، پەزلى، سېخىلىقى ۋە يېقىنلىقىنى سورايدۇ، مۇشۇنداق ھالەتتىكى مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ ھەرگىزمۇ ئىبادەتتىن قول ئۈزۈش ۋە ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئىبادەت مەۋسۇملىرىنى يەنىمۇ كۆپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ئەي بىلال! بىزنى ناماز بىلەن راھەتلەندۈرگىن، دەيتتى.[ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن بەندىچىلىكنىڭ مۇكەممەل بولىشى قەلىبتىكى ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك، قەلبىدىكى ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇكەممەل بولىشى قەلبىدە ياخشى كۆرۈلگۈچىنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك، تائالا ھېچقانداق كەمچىللىك ۋە ئەيىب نۇقسانسىز، ھەممە تەرەپتىن تولۇق، مۇكەممەل، مۇتلەق كامالەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ساغلام ئەقىل، ساغلام تەبىئەتكە ئىگە قەلبگە ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا نەرسە سىغمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن بۇ ياخشى كۆرۈش؛ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش، تائەت-ئىبادەت قىلىش، رازىلىقىغا ئېرىشىش، پۈتۈن تېرىشچانلىقىنى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا سەرپ قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە قايتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئۇ بەندىچىلىك قىلىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە مۇكەممەل تۈرىتكىسىدۇر، ھەتتا ئىبادەتلەر بۇيرۇق-چەكلىمىسىز، جازا-مۇكاپاتسىز بىكىتىلسىمۇ ئۇ كىشى ھەقىقى ئىبادەت قىلىنغۇچى زات ئۈچۈن قەلبىنى ساپ ۋە خالىس قىلىدۇ. سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "مېنى ئىبادەتكە باشقىلارنىڭ سۆزى ئەمەس بەلكى قەلبىمدىكى ئاللاھغا بولغان مۇھەببەت يېتەكلەيدۇ".

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇسۈھەيب توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "سۈھەيب ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمىدى، ئۇنى ئىبادەتكە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇش ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈشيېتەكلىدى".

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ پۇتىنىڭ تاپانلىرى ئىششىپ كەتكەندە، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ ئىلگىرى ۋە كىيىنكى بارلىق گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغان تۇرسا نېمە ئۈچۈن بۇنداق جاپا تارتىلا؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىدىغان بەندە بولمايمەنمۇ؟، دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىنىدۇ، مەدھىيە ئېيتىلىدۇ، ياخشى كۆرىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ھەقلىق ۋە لايىقتۇر، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن ھەقلىق بولغان ئىشقا ئۇلارنىڭ تاقىتى، ئىرادىسى ۋە ئەقلى تەسەۋۋۇرى يەتمەيدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچ بىر كىشى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى رەۋىشتە ئىبادەت قىلالمايدۇ، ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەر ۋە ياخشى كۆرۈشتىن بولغان ھەقنى تولۇق ئادا قىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىن ئەڭ ئەۋزەل، مۇكەممەل، ئاللاھ تائالانى ھەممىدىن بەك تونۇغۇچى، ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرگۈچى ۋە ھەممىدىن بەك ئىتائەت قىلغۇچى بولغان زاتمۇ ئۆزىنىڭ دۇئاسىدا ئى ئاللاھ! سېنى لايىغىڭدا ماختاپ-مەدھىيلىيەلمىدىم دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭلا ئۇنى قۇتقۇزالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلارنى قىلغان ئەمىلى قۇتقۇزالمايدۇ دېگەندە، ساھابىلار: سىلىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مېنىمۇ شۇنداق، لېكىن مېنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئورايدۇ،دېگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسماندا يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ سانىدا، زېمىندا يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ سانىدا، ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىسىدا يارىتىلغان نەرسىنىڭ سانىدا ۋە ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىلەرنىڭ سانىدا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

مەشھۇر بولغان سەھىھ ھەدىستە: پەرىشتىلەردىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ياراتقاندىن بىرى باش كۆتۈرمەي سەجدە قىلىۋاتقانلىرى بار، ئۇلاردىن ئاللاھ ياراتقاندىن بىرى رۇكۇ قىلىپ قىيامەتكىچە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرىۋاتقانلار بار، ئۇلار قىيامەت كۈنى: ئى ئاللاھ! ئۆزلىرىنى بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك ياد قىلىمەن، سىلىگە ھەقىقى رەۋىشتە ئىبادەت قىلالمىدۇق دەيدۇ. ["مىپتاھ دارۇس سائادە" ناملىق ئەسەر 2 -توم 88-90- بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 49016- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى