جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىپتار ۋاقتىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىت توغرىسىدا

سۇئال

روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا ئىجابەت بولىدىغان دۇئانىڭ ۋاقتى ئىپتاردىن ئىلگىرىمۇ ياكى ئىپتار قىلىۋېتىپ قىلامدۇ ياكى ئىپتاردىن كېيىن قىلامدۇ؟ مۇشۇ ۋاقىتتا قىلىدىغان دۇئا بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بۇ سۇئالسورالغاندا، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:"كۈن پاتقاندا ئىپتاردىن ئىلگىرى دۇئا قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتقۇچىنىڭ نەپسى ئېزىلىپ ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن تۇتىدۇ، مۇشۇنىڭ ھەممىسى دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن، ئەمما ئىپتاردىن كېيىن بولسا ئىنساننىڭ نەپسى راھەتلىنىپ، خۇرسەن بولىدۇ بەزى ۋاقىتتا غەپلەتتە قالىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس سەھى بولسا ئىپتاردىن كېيىن دۇئا قىلغان دېيىلگەن، ئۇ دۇئا: ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئەجىرلەر بېكىتىلدى [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا (2066) كەلتۈرگەن]. بۇ دۇئا ئىپتاردىن كېيىن بولىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى ساھابىلاردىن: ئەي ئاللاھ! سىلى ئۈچۈن روزا تۇتتۇق، سىلى بەرگەن رىزىقتا ئىپتار قىلدۇق دېگەن مەزمۇندا قىلىنغان دۇئالارمۇ بايان قىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ بولغان دۇئانى قىلسىڭىز بولىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ 8-نومۇرلۇق ئايلىق ئۇچرىشىش پروگراممىسى ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى"]