بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: سىز سورىغان مۇئامىلىنىڭ ھۆكمى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، سىزنىڭ ئۆزىڭىزدە بولمىغان نەرسىنى سېتىشىڭىز، تۆلىتىشكە ۋە سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىنى سېتىشىڭىز باشقىلارنى ئالداش ۋە قىمار سودىسى بولىدۇ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن تالاش-تارتىش ۋە دەۋالىشىش كېلىپ چېقىدۇ، بەزى ۋاقىتتا سىز ساتقان نەرسىنىڭ باھاسى ساتقاندىن ئۆرلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك مال تولۇق بولمايدۇ. ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش سىزنىڭ قىلغان مۇئامىلىڭىزدە نامايەن بولاپتۇ، ئۇ بولسىمۇ مال ساتقۇچىنىڭ ئورتىدا بولماسلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە بولمىغان مەلۇم بىر مالنى ھەتتا باشقىلاردىمۇ ئۇ سۈپەتتە بولمىغان مالنى ئىككىنچى بىرىگە سېتىشى توغرا بولمايدۇ. (يەنى ئالدىدىن پۇل بېرىپ مال سېتىۋېلىش). سەلەم سودىسى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر.
ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىر كىشىنىڭ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ مەندىن مېنىڭ يىنمدا بولمىغان بىر مالنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنى مەن بازاردىن سېتىۋىلىپ ئۇ كىشىگە بەرسەم توغرا بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يېنىڭدا ياكى ئۆزۈڭدە بولمىغان نەرسىنى ساتمىغىن» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 1232-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3503-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 4613-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى2187-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قەرىزنى سېتىش، ئۆزىدە يوق نەرسىنى سېتىش توغرا بولمايدۇ، بىر سودىدا ئىككى تۈرلۈك شەرت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىدىن پايدا ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ئۆزىدە يوق نەرسىنى سېتىش توغرا بولمايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى1234-ھەدىستە ھەسەن سەھىھ دېگەن. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3504-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى4611-ھەدىس].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق ديدۇ: "ئىككى ھەدىسنىڭ لەۋزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىشتىن چەكلىگەنلىكىگە ئىتتىپاق. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ لەۋزىدىن ساقلانغان سۆزدۇر. بۇ ئالداشتىن بولغان ئىشلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ھەقىقەتەن بىر كىشى ئۆزىنىڭ يېنىدا بولمىغان مەلۇم بىر نەرسىنى ساتسا، ئاندىن ئۇنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياكى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بارسا، بۇ ئۇنىڭغا ئېرىشىش بىلەن ئېرىشەلمەسلىكنىڭ ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ماھىيتى ئالدامچىلىق ۋە قىمارغا ئوخشاپ قالىدۇ، بۇ ئىش دىنىمىزدا چەكلەنگەن. ["زادۇل مىئاد پى خەيرى ھەديۇل ئىباد" 5-توم 808-بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يوق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ تۈرىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "يوق نەرسە دېگەن ئۇنى تاپقىلى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، ساتقۇچىدا ئۇنى تىپىشقا ئىشەنچ يوق، بەلكى ئۇنى سېتىۋالغۇچى خەتەردە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە ئۇ تۈردە ئىلىم-سېتىم قىلىشتىن چەكلىگەن، ئۇ نەرسىنىڭ يوق بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدا ئالداش بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەكىم ئىبنى ھىزام بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىردىن بايان قىلىنغان چەكلەشنىڭ سۈرىتىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ساتقۇچى ئۆزىدە بولمىغان ۋە تاپشۇرۇپ بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىنى سېتىپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ، مۇشتەرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى قىمارغا ئوخشايدۇ، مۇشۇ سودىنى قىلىشقا ھاجەت بولمىغان ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولمىغان بىر خەتەركە كىرگەنلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ". ["زادۇل مىئاد پى خەيرى ھەديۇل ئىباد" 5-توم 810-بەت].
ئەگەر سىزنىڭ شۇ تور بەتتىن مال سېتىۋېلىشىڭىز شەرئى جەھەتتىن توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنى يۆتكىگىلى بولىدىغان مال بولسا، ھەقىقى شەكىلدە يېنىڭىزغا ياكى دۇنكانغا ياكى ئامبارغا يۆتكەپ ئەكەلمەي تۇرۇپ باشقىلارغا سېتىشىڭىز خاتادۇر. بۇ سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىزنىڭ شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 39761- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراپ چېقىڭ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بازاردىن ياغ سېتىۋالغان ئېدىم، ئۇنى ئۆز يېنىمغا يۆتكەپ ئەكىتەي دەپ تۇرسام، بىر كىشى كېلىپ ماڭا ئوبدان پايدا بېرىپ ئۇ ماينى مەندىن سېتىۋالدى، مەن سېتىۋالغان كىشى بىلەن قول قېقىشىپ سودىنى پۇتتۈرەي دەپ تۇرسام تۇيۇقسىز بىر كىشى كەينىمدىن كېلىپ ئىككى بېلىكىمنى تۇتىۋالدى، بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇ زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېكەن، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مالنى ئۆزۈڭنىڭ تۇرىدىغان جايىڭغا يۆتكىمەي تۇرۇپ سېتىۋالغان يېرىڭدە ساتمىغىن، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مالنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ يېنىغا يۆتكىمەستىن سېتىۋالغان ئورۇننىڭ ئۆزىدە تۇرغۇزۇپ سېتىشتىن چەكلىگەن دېدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3499-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].
شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ ھەدىسنى سۆزلىگەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭ مەنىسىدىكى ھەقنى تەلەپ قىلغۇچى ئۈچۈن شۇنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇكى، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى سېتىشى ۋە ئاندىن بېرىپ سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ. بەلكى زۆرۈر بولغىنى، سودىنى كېچىكتۈرۈپ مالنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىن سېتىش كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭدىن شۇ ئېنىق بولىدۇكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا يوق بولغان مالنى، يەنى ساتقۇچىنىڭ يېنىدىكى نەرسىنى ئۆزى سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ ياكى بازارغا كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلىش بولىدۇ. شۇنىڭدەك سودا-مۇئامىلات ئىشلىرى بىلەن ئوينۇشۇش ۋە ئۇنىڭدا شەرئى پىرىنسىپنى لازىم تۇتماسلىق كېلىپ چېقىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇن پىتنە-پاسات، بۇزۇقچىلىق ۋە ئاقىۋېتىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىشى بىلەلمەيدىغان خەتەرلىك ئىشلار كېلىپ چېقىدۇ. ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەرىئەتنى چېڭ تۇتۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىسۇن". ["شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 19-توم 52-53-بەت].
ئىككىنچى: مۇئامىلىنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولىشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك يوللار بىلەن قىلىش كېرەك:
1-سىز مالنى سېتىۋالىدىغانلارغا شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىلىنمەسلىك تۈگەپ، تالاش-تارتىش ئۈزىلىدۇ، سىز مالغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ساتىدىغان باھاسىنى ئېنىق بېكىتىڭ، شۇنىڭ بىلەن مال سېتىۋالغۇچى شۇنىڭغا كۆرە پۇل تەييارلايدۇ، بۇ يەردە سىزگە مالنى سېتىش ۋە ئۇلارغا سېتىۋېلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپتە سېتىش- سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا ئىختىيارلىق بولىدۇ. سىز مالغا شەرئى يول بىلەن ھەقىقى ئىگە بولغاندا ئاندىن سېتىۋالغۇچى بىلەن سودا قىلسىڭىز، بۇ سودا ھەر ئىككى تەرەپ ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولغان ۋە مەلۇملۇق بولغان سودا ھۆكۈملىرىنى تۇتىدىغان سودا بولىدۇ، بۇ "ۋەدىلىشىش سودىسى" دېيىلىدۇ. بۇ تۈردىكى سودىنىڭ ھۆكمىنى بايانىنى ئېنىق بىلمەكچى بولسىڭىز 126452-نۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.
2-سىز مالنى سېتىۋالماقچى بولغان كىشىگە ئېنىق بىر پۇل بىرلىكىگە ياكى باھاسى ئېنىق بېكىتىلسە نىسى ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مالنى باشقىلارغا كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ باھاسىنى دوللار ياكى لىرا دېگەندەك ئېنىق بىر پۇل بىرلىكىگە بېكىتىڭ، مال سېتىۋالغان تالۇنغا 2% دىن پايدا قېتىڭ، مۇشۇ پۇل ياكى ئۇ مەبلەغ سىزنىڭ مالنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىدىن پۇل تۆلەپ چارچىغان جاپالارنىڭ نىسبىتىگە بولىدۇ، شۇنىڭدەك سىزنىڭ مال سېتىۋالغۇچىغا ياكى مالنى ساتقۇچىغىمۇ ئارىچى بولىشىڭىز مۇمكىن بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 154229- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.
قايتۇرۇلىشى تەلەپ قىلىنغان مالغا كەلسەك؛ سىزنىڭ ئۇ مالنى ئۇ ئايالغا قايتۇرۇپ بېرىشىڭىز لازىم، چۈنكى ئۇ شۇ ئايالنىڭ ھەققى، سىز باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق بەرگەن پۇلىڭىزنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئېنىق بولمىغان تور بەت ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىسىز، ئۇ ئايال پۇلىنى تەلەپ قىلىپ سىزگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، سىز ئۇ ئېنىق بولمىغان شېركەتنى تىپىپ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ ئېلىڭ ياكى قايتۇرۇپ ئالماڭ ئۇ ئىش ئاۋۇ ئايالنىڭ سىزدىن ئالىدىغان ھەققىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئايالنىڭ ھەققى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر زامان سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە بولىدۇ. بەلكى ئۇ ئايال سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز ياخشىلانغۇچە سەۋېر قىلىپ كۈتۈپ تۇرىشى ياكى بەزى ھەققىدىن تەنازۇل قىلىشى مۇمكىن، بۇنداق قىلىش ئۇ ئايال ئۈچۈن رەببىنىڭ ھوزۇرىدىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَإِن كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَن تَصَدَّقُواْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 280-ئايەت].
سىز ئېرىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقىنى ئۈستىڭىزگە ئالغىنىڭىزغا ئاللاھ تائالادىن كۆپلەپ ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلىشنى سورايمىز. ئاللاھ تائالادىن سىزگە گۈزەل، پاك ۋە ھالال رىزىق ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.