بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولۇپ، يالغۇز ئۇ كۈنىلا روزا تۇتۇش يامان كۆرۈلمەيدۇ." [چوڭ پەتىۋالار توپلىمى 5-توم].
ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھ" تۆھپەتۇل مۇھتاج" دا: يالغۇز ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ دېگەن". [3-توم نەپلە روزا تۇتۇش بۆلىمى].
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن بۇ ھەقتە سوئال سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "يالغۇز ئاشۇرا كۈنىلا روزا تۇتۇشمۇ توغرا بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئاشۇرا كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۇن كېيىن روزا تۇتۇش كېرەك، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر بايان قىلىنغان سۈننەتتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر مەن كېلەر يىلى ياشىسام توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتىمەن دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1134-ھەدىس].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە: ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتىمەن دەپ بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى"[11-توم 401-بەت
ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.