جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رازىلىقى بىلەن باشقا جايدا ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى

سۇئال

   تالاق ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ رازىلىقى بىلەن ھاسىل بولغان بولسا، ئايال ئوغلىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتسا توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇ ئايال ياشىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھەيزدىن توختاپ قالغان؟، ئۇ ئايال ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرماستىن ئوغلى قەيەرگە بارسا شۇنىڭ يېنىدا تۇرغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: رەجئى تالاقتىن ئىددەت تۇتىدىغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن باشقا ئۆيدە ئىددەت تۇتۇشى.

    رەجئى تالاقتىن ئىددەت تۇتىدىغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئۆيدىن ئۆز ئىختىيارى چېقىپ كېتىشى ياكى ئېرىنىڭ چىقىرىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئىككىيلەننىڭ رازىلىقى ياكى ئەرنىڭ ئايالىغا رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ ئېتىبارى بولمايدۇ، چۈنكى ئىددەت ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قىلىشى دېگەن ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر.

   "بەدائىئ سەنائىئ"3-توم 205-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئاللاھ تائالا ئايەتتە: «سىلەر قەيەردە تۇرساڭلار ئۇ ئاياللارنىمۇ شۇ يەردە تۇرغۇزۇڭلار» دېگەن، تۇرغۇزۇشقا بولغان بۇيرۇق بولسا ئايالنى چېقىرۋېتىشتىن ياكى ئۆزىنىڭ چېقىپ كېتىشىدىن چەكلەيدۇ. چۈنكى ئايال رەجئى يالاق قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۇ ئەرنىڭ ئايالى، ھەممە تەرەپتىن نىكاھ ئىگىدارچىلىقى بار، ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدىن تالاق قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چېقىپ كېتىشى توغرا بولمىغاندەك، تالاق قىلىنغاندىن كېيىنمۇ گەرچە ئەر رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ چېقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تالاق قىلىنغاندىن كېيىن چېقىپ كېتىشنىڭ چەكلىنىشى بولسا ئىددەت تۇتىدىغان ئورۇن بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئىددەت تۇتۇش ئاللاھنىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇنى بىكار قېلىۋېتىشكە بولالمايدۇ، ئەمما تالاق قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن چېقىش بولسا، بۇ يەردىكى مەسىلە ئەرنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولىدۇ، ئەر ئۆز ھەققىنى ئايالىنىڭ چېقىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق بىكار قىلىشقا ئىگە بولالايدۇ".

    "ئەل پەۋاكىھۇد دەۋانى" 2-توم 98-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "تالاقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ ئىددەت تامام بولۇشتىن ئىلگىرى ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئۆيىدىن چېقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ، يەنى ھارام بولىدۇ. بەلكى ئايال ئۇ ئۆيدىن ئېرى ۋاپات بولۇشتىن ياكى تالاق قىلىنىشىدىن ئىلگىرى يۆتكەلگەن بولسا، يۆتكەلگەنلىكىگە ئاساسەن ئەيىبلەنگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە قايتىشى زۆرۈر بولىدۇ.

   خەلىل مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئايال ئىلگىرى تۇرغان ئۆيگە يەنى ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئەگەر ئەيىبلىنىپ ياكى تۆھمەت قىلىنىپ يۆتكەلگەن بولسىمۇ ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىشى كېرەك بولىدۇ".

    "ھاشىيەتى قەليۇبى ۋە ئەمىيرەتە" 4-توم 56-بەتتە مۇنداق كەلگەن:" ئىددەت تۇتىدىغان ئايال ئېرى بىلەن ئايرىلغان ئۆيدە ئىددەت تۇتىدۇ، ئەرنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئۇ ئايالنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىش ھەققى يوق، شۇنداقلا ئايالنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن چېقىپ كېتىش ھەققى يوق، ئەگەر ئەر بىلەن ئايال سەۋەبسىز ئۇ ئۆيدىن يۆتكىلىشكە كېلىشكەن بولسا، ئۇ توغرا بولمايدۇ. ھاكىم ياكى قازى ئۇلارنى بۇنىڭدىن چەكلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ جايدا ئىددەت تۇتۇش دېگەن ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ ئۆيىدىن چىقمىسۇن» ئۆي ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەتتە ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقارماڭلار دەپ ئۆينى ئۇلارغا قېتىۋەتتى. ئاخىردا: رەجئى تالاق قىلىنغۇچىمۇ بۇ مەسىلىدە باشقا تالاق قىلىنغان ئاياللارغا ئوخشاشتۇر".

    "شەرھى مۇنھەل ئىرادات" 3-توم 206-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "رەجئى تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئۆيدىن چىقماي ئىددەت تۇتۇشى ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالنىڭ ئۆيدىن چېقىپ ئىددەت تۇتۇشىغا ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭ ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى دەلىل قىلغان: ﴿لا تُخْرِجُوهُنَّ مِن بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ ئۆيىدىن چىقمىسۇن» [سۈرە تالاق 1-ئايەت].

    رەجئى تالاق قىلىنغان ئايالغا ئىددەت ۋاقتىدا ئۆيدىن چىقىشقا ئېرى رۇخسەت قىلغان بولسۇن ياكى ئۆزى چىققان بولسۇن توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىددەت ھەققى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر، ئىددەت ھەققىدىن بولغان ھەقنىڭ ھېچ بىرىنى ئەرمۇ ۋە ئايالمۇ چۈشۈرۈۋېتىشكە ئىگە بولالمايدۇ".

    ئىككىنچى: رەجئى تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ تالاق قىلىنىشتىن ئىلگىرى باشقا ئۆيگە يۆتكىلىپ كېتىشى.

    ئەگەر ئايال تالاق قىلىنىشتىن ئىلگىرى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى تۇرۇش مەقسىتىدە ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن باشقا ئۆيگە يۆتكىلىپ كەتكەن بولسا، تالاق قىلىنغاندىن كېيىن شۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتىدۇ.

    ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ "ئەل ئۇم" 5-توم 243-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئايال ئېرى بىلەن ياشايدىغان ئۆيدىن باشقا ئۆيگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن تالاق قىلىنغان بولسا ياكى ئۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېرى ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ ئايال ئۆزى ئۈچۈن تۇرۇش رۇخسەت قىلىنغان ئۆيدە ياكى يۆتكەلگەن شۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتىدۇ، بۇ مەسىلىدە، ئەر ئۇ ئايالغا تۇرىدىغان ئۆينى بېكىتىپ بەرگەن بولسۇن ياكى سىز ئۆزىڭىز خالىغان ئۆيدە تۇرۇڭ دېگەن بولسا ياكى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ئۆيگە يۆتكىلىپ كېيىن ئېرى بۇ يەردە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا بۇنىڭ ھەممىسىدە شۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتىدۇ.

ئەگەر ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ئۆيگە يۆتكىلىپ، ئۇ ئايال تالاق قىلىنغۇچە ئەرنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقى بىلىنمەپتۇ، ياكى ئەر ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئايال ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئېرى بىلەن بىرگە تۇرغان ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئىددەتنى شۇ يەردە تاماملايدۇ".

    "تۆھپەتىل مۇھتاج"8-توم 264-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر ئايال باشقا ئۆيگە يۆتكىلىپ  كەلگەندىن كېيىن ئەر ئۇ يەردە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئايال ئەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۆتكەلگەننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ".

    "شىرۋانىينىڭ ھاشىيەسىدە" مۇنداق كەلگەن:"يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۇ ئايالنىڭ تالاق قىلىنىشى ۋە ئەرنىڭ ۋاپات بولىشى ئۇ ئايال ئىككىنچى بىر ئۆيگە يۆتكەلگەندىن بولغانلىقى، كېيىن ئۇ يەردە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقى، يۆتكىلىشكە رۇخسەت قىلغانلىققا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئايال كېيىن يۆتكەلگەن ئۆيدە ئىددەت تۇتۇشى كېرەك".

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر ئايالىنىڭ باشقا ئۆيگە ياكى باشقا شەھەرگە يۆتكىلىشىگە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، ئايال يۆتكىلىشتىن بۇرۇن ئەر ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئايالنىڭ ئېرى ۋاپات بولغان ئۆيدە ئىددەت تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئايال ئۇ ئۆيدىن نەرسە-كېرەكلىرىنى يۆتكەشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئېرى  ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ ئايالنىڭ ئۆيى، شۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتىدۇ". ["ئەلمۇغنى"8-توم 169-بەت. "ئەلئىنساپ" 9-توم 309-بەتكە قارالسۇن]،

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن: سوئالدا سورالغان ئايال ئېرى ۋاپات بولۇپ كېتىشتىن بۇرۇن ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئوغلىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئەگەر ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز يۆتكەلگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن بىرگە تۇرغان ئۆيگە كېلىپ ئىددەت تۇتۇشى لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىسىز يۆتكەلگەن ئۆيىدە يەنى ئوغلىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا توغرا بولىدۇ، شۇ يەردە ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇ ئايال ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال بولسا، ئۈچ ئاي ئىددەت تۇتىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى