158543: ھېيت كۈنلىرىدە ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەرنىڭ تۈرى


قۇربان ھېيت كۈنىدە كىشىلەر بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېتىدۇ: (ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋە لىللاھىل ھەمدۇ، ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەل ھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، سۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ، سەدەقە ۋەئدەھۇ، ۋەنەسەرە ئەبدەھۇ، ۋە ئەئەززە جۇندەھۇ، ۋەھەزەمەل ئەھزابە ۋەھدەھۇ، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەلا نەئبۇدۇ ئىللا ئىيياھۇ مۇخلىسىينە لۇھۇددىينە ۋەلەۋ كەرىھەل كاپىرۇن) كىشىلەر بۇ تەكبىرنى ھېيت نامىزىدا ۋە نامازدىن كېيىن مەسچىتلەردە تەكرارلايدۇ، بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش توغرىمۇ؟، ئەگەر خاتا بولسا، توغرىسى قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Published Date: 2017-06-24

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھېيت نامىزىدا بۇ شەكىلدە: (ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ) دەپ تەكبىر ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىسپاتلانغان. ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسۇن ياكى ئىككى قېتىم دېسۇن ئوخشاش. [ئىبنى ئەبى شەيبىنىڭ "ئەلمۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرى 2-توم 165-168-بەت". "ئىرۋائۇل غەلىيل 3-توم 125-بەت].

    ئەمما: (ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەلھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، سۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا...) بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا، ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بۇ تەكبىرگە، (ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەلھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، سۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا)بۇنى قېتىپ ئېيتسا (ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلا نەئبۇدۇ ئىللا ئىيياھۇ مۇخلىسىينە لۇھۇددىينە ۋەلەۋ كەرىھەل كاپىرۇن، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ، سەدەقە ۋەئدەھۇ، ۋەنەسەرە ئەبدەھۇ، ۋەھەزەمەل ئەھزابە ۋەھدەھۇ،لائىلاھە ئىللەللاھۇ  ۋاللاھۇ ئەكبەر)ياخشى بولىدۇ. ["ئەلئۇم"1-توم 241-بەت].

    ئەبۇ ئىسھاق شىيرازى "ئەلمۇھەززەب" ناملىق ئەسەر 1-توم 121-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەكبىرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساپا تېغىدا ئېيتقان".

    بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بار، چۈنكى بۇيرۇق مۇتلەق تەكبىر ئېيتىش بولۇپ، تەكبىرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەلۇم تۈر ۋە شەكىلنى خاسلاشتۇرمىغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت]. تەكبىر قايسى شەكىلدە ئېيتىلسا سۈننەت ھاسىل بولىدۇ.

    ئىمام سەنئانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەكبىرنىڭ تۈرلىرى-سۈپەتلىرى چۈشەندۈرۈلگەن، بۇنى كۆپچىلىك ئالىملار ياخشى دەپ قارىغان. ئايەتنىڭ مۇتلەق بايانى ۋە ئالىملارنىڭ كەڭ دائىرلىك قارىشى بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ".  ["سۇبۇلۇس سالام"ناملىق ئەسەر 2-توم 72-بەت].

    ئىبنى ھەبىيب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەكبىرلەردىن مەن بەك ياقتۇرىدىغىنىم بۇ تەكبىر: (ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمدۇ ئەلا ما ھەدانا، ئاللاھۇممە ئىجئەلنا لەكە مىنەششاكىرىين).

    ئەسبەغ رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭغا تۆۋەندىكى شەكىلنى زىيادە قىلاتتى: ۋەلھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، ۋەسۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا، ۋەلاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ. ۋە بۇنىڭدىن ئارتۇق دېگەن ياكى كام دېگىن ياكى باشقا شەكىللەرنى دېگىن بۇلارنىڭ ھېچ پەرقى يوق دەيتتى. ["ئەقدۇل جەۋاھىرىل ئەسسەمىينە" ناملىق ئەسەر 3-توم 245-بەت].

    سەھنۇن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى قاسىمغا مۇنداق دېدىم: ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ سىلەرگە تەكبىرنى قايسى شەكىلدە ئېيتىشنى بايان قىلدىمۇ؟ دېسەم، ئۇ: ياق، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ بۇنداق مەسىلىلەردە بەلگىلىمە بېكىتمەيدۇ، دېدى. ["ئەل مۇدەۋۋىنە" 1-توم 245-بەت].

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار.

    ئىبنى ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ئالىملىرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئوچۇق قارىشى بويىچە مۇتلەق تەكبىر ئېيتىشنى تاللىدى، مەنمۇ شۇ قاراشقا مايىل بولدۇم. ["ئەلجامىئ لى ئەھكامىل قۇرئان" ناملىق ئەسەر 2-توم 307-بەت].

    سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىسپاتلانغان ھېيت كۈنىلىرىدىكى تەكبىرنىڭ تۈرلىرى: (ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمد، ئاللاھۇئەكبەر ۋە ئەجەللۇ، ئاللاھۇئەكبەر ئەلا ما ھەدانا). بۇ شەكىلنى ئىمام بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ كىتابىنىڭ 3-توم 315-بەتتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر 3-توم 126-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەكبىرنىڭ ئەڭ توغرا شەكىلدە بايان قىلىنغان تۈرى: ئابدۇرەززاق رەھىمەھۇللاھ توغرا ئىسناد بىلەن سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلتۈرگەن بۇ تۈرىدۇر. سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاڭلار: "ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر كەبىيرا."  [پەتھۇلبارى ناملىق ئەسەر 2-توم 462-بەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بايان قىلىنغان تۈرلەر بويىچە تەكبىر ئېيتىش ئەڭ ياخشىدۇر.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 36442- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى
Create Comments