پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

«بىز دوۋزىخىڭدىن قورقۇپ ۋە جەننىتىڭنى تاما قىلىپ ئىبادەت قىلمايمىز» دېگەن سۆزنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

ەن ئۆزۈمنى تائەت-ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ياكى تائەت-ئىبادەتنى ياخشى كۆرۈش تۈرتكىسى بىلەن ئەمەس بەلكى جەننەتنى ياخشى كۆرۈش ۋە دوزاختىن قورقۇش تۈرتكىسى بىلەن قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ قانداق قىلىشىم كېرەك؟. مەن ھەر قانداق ئىبادەتنى ئاللاھ تائالانى ۋە تائەت-ئىبادەتنى ياخشى كۆرۈپ ئەڭ ساغلام ۋە توغرا شەكىلدە ئىلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! سىزنىڭ سوئالىڭىزدىكى تەشۋىشلىك سۆز، كىشىلەر ئارىسىدىكى كەڭ تارقالغان: "بىز ئاللاھ تائالاغا دوزاختىن قورقۇپ ۋە جەننەتنى تاما قىلىپ ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئىبادەت قىلىمىز" دېگەن خاتا سۆزدىن كېلىپ چىققان. بەزىلەر بۇ سۆزنى باشقىچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالاغا دوزاختىن قورقۇپ ئىبادەت قىلىش بولسا قۇللارنىڭ ئىبادىتىدۇر، جەننەتنى تاما قىلىپ ئىبادەت قىلىش بولسا تىجارەتچىلەرنىڭ ئىبادىتىدۇر. ھەقىقى ئىبادەت قىلغۇچى پەقەت ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئىبادەت قىلىدۇ" دېگەن سۆزدىن ئىبارەتتۇر.

بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز قايسى ئۇسلۇب بىلەن ئىپادىلەنسۇن، كىمنىڭ دېيىشىدىن قەتئى نەزەر مەزكۇر سۆز ئىسلام شەرىئىتىگە زىت بولۇپ، ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايمىز:

1- سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم مەقسەت قىلغاندەك، ياخشى كۆرۈش، قورقۇش ۋە ئۈمىت قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ قانداق زىتلىق يوق، سىز ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈپ ئىبادەت قىلىسىز، يەنە بىر كىشى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، رەھمىتى ئۈمىت قىلىپ ئىبادەت قىلىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدىن ئاللاھ تائالاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت تارتىۋىتىلگەن بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىنى دەۋا قىلىۋاتقان كىشلەردىن بەكرەك ئورناشقان بولىشى مۇمكىن.

2- ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائە ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا شەرىئەت يولغا قويغان ئىبادەت، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشتىن ئۈمىد پەيدا بولسا، ئۇلۇغلاش بىلەن قورقۇش بارلىققا كىلىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: "ئىبادەت؛ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئىككى ئىشتىن ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇش بارلىققا كىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا تەرجىمىسى: ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى. [سۈرە ئەنبىيا 90-ئايەت].

ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئىبادەتكە رىغبەت شەكىللىنىدۇ ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن ئۇنىڭدىن قورقۇش بارلىققا كىلىدۇ.

ئىبادەت بۇيرۇق-چەكلىمىلەر بىلەن بولىدۇ. بۇيرۇق بۇيرۇغۇچىغا يىتىشنى تەلەپ قىلىشتىن بولغان رىغبەتكە قۇرۇلىدۇ. چەكلىمە بولسا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىنقورقۇش پەيدا بولىدۇ.

سىز ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا: ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى نېمەتلەرگە ۋە ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن رىغبەتلىنىسىز، ئۇنىڭغا يېتىشنى تەلەپ قىلىسىز شۇنىڭ بىلەن ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىسىز. ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىغان ۋاقتىڭىزدا: ئاللاھ تائالادىن قورقىسىز، ھەر قاچان ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىسىز-دە، بۇ مەقسىدىڭىزدىن ۋاز كېچىسىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَا أَنْ رَأَى بُرْهَانَ رَبِّهِ كَذَلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ تەرجىمىسى: ئۇ يۇسۇفكە يېقىنچىلىق قىلىشقا بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۇسۇفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۇسۇفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق. [سۈرە يۈسۈپ 24-ئايەت].

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېمىتى بولۇپ، سىز بىرەر خاتالىقنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى كۆرۈپ تۇرۇدىغانلىقىنى ئىسىڭىزغا ئالىسىز-دە، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ، قورقۇپ، خاتالىقتىن يىراق بولىسىز. چۈنكى سىز ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ ئىبادەت قىلىسىز." ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى" 8-توم17-18-بەتلەر].

3-پەيغەمبەرلەر، ئالىملار ۋە تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ئىبادىتى: ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالاغا مەزكۇر ئىشلارنىڭ بىرى بىلەنلا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئۇ بىدئەتچى بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا كۇپۇرلۇق دەرىجىسىگە يىتىپ قالىدۇ.

ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەردىن، پەيغەمبەرلەردىن ۋە ياخشى كىشىلەردىن ئۆزىگە دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: أُولَئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُتەرجىمىسى: ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرۋەردىگارىغا يېقىنراق بولغىنى ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ. [سۈرە ئىسرا 57-ئايەت].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: إِِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ تەرجىمىسى: ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى. [سۈرە ئەنبىيا 90-ئايەت].

ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ رَغَبًا دېگەن سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، پەزلى ۋە ئالى نېمەتلەرنى ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ. وَرَهَبًا دېگەن: ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان تائەت-ئىبادەتنى تەرك قىلىپ، ئاسىيلىققا يۈزلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەيدۇ". تەپسىرشۇناس ئالىملارمۇ يۇقىرىدا بىز دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دېگەن. ["تەپسىرى تەبەرى" 18-توم521-بەت].

ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ تەرجىمىسى: ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى دېگەن بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ "ئۇلار تائەت-ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئىشلارغا ئالدىرايدۇ،" دەپ شەرھىلىگەن.

سۇپيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا بۇ ئايەتتىكى (رەغەبەن ۋە رەھەبەن) دېگەن سۆزنى: بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدىكى نېمەتلەرگە رىغبەتلىنىدۇ ۋە بىز تەييارلىغان ئازابتىن قورقىدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن.

ئەلى ئىبنى ئەبى تەلھە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ دېگەن ئايەت توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى بايان قىلىپ: "ئۇلار ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ۋەھىينى تەستىقلايدۇ، دېگەن. مۇجاھىد: ھەقىقى ئىشىنىدۇ. ئەبۇ ئالىيە: ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ. ئەبۇ سىنان: قەلبدىن ئەبەدىي ئايرىلمايدىغان قورقۇش دېمەكتۇر. مۇجاھىد يەنە: ئۇلار كەمتەر كىشىلەردۇر. ھەسەن، قەتادە ۋە دەھھاك: ئۇلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈنئۆزىنى تۆۋەن تۇتقۇچىلاردۇر دەيدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە يىقىندۇر. ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 5-توم 380-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى، كىمكى پەقەت ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈپلا ئىبادەت قىلىدىكەن ئۇ زىندىق (ساختا مۇسۇلمان) ھېسابلىنىدۇ.كىمكى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپلا ئىبادەت قىلىدىكەن ئۇ دىندىن چىققۇچى ھېسابلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپلا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئۇ مۇرجىئە (ئەمەلنى ئىماندىن كېچىكتۈرگۈچى) ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈپ، ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت قىلىدىكەن ئۇ ھەقىقى مۆمىن ھېسابلىنىدۇ،" دەيدۇ. ["پەتىۋالار توپلىمى" 15-توم 21-بەت].

4- جەننەتنى دەل-دەرەخلىك، سۇلار ئېقىپ تۇرغان، ھۆر -پەرىلەرگە تولغان جاي دەپلا ئېتىقاد قىلغان كىشى، جەننەتتىكى ئەڭ بۈيۇك نېمەت، بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ بىلەن راھەتلىنىشتىن ئىبارەت كاتتا نېمەتتىن غاپىل قالغان بولىدۇ. دوزاخ پەقەت ھارارەت، زەھەر-زەققۇملا بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى، ئازابى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىش دېگەنلىكتۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى سۆزلەردىن "بىز سىنىڭ جەننىتىڭنى ئارزۇ قىلىپ ۋە دوۋزىخڭدىن قورقۇپ ئىبادەت قىلمىدۇق، پەقەت سېنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ ئىبادەت قىلدۇق" دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىدىكى چۈشىنىكسىزلىك ئوچۇقلىشىدۇ".

بۇ سۆزلەرنى دېگۈچى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا جەننەت دېيىلسە: يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ھۆر-پەرىلەر بىلەن راھەتلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مەخلۇقاتلار ئارا مەنپەئەتلىنىش ئۇقۇمى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ماشايىخ-غوجاملار ئاللاھ تائالانىڭ: مِنكُم مَّن يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ الْآخِرَةَ تەرجىمىسى: سىلەرنىڭ بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار [سۈرە ئال-ئىمران 152-ئايەت] دېگەن ئايىتىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئاللاھ تائالانى مەقسەت قىلىدىغانلار قىنى؟ دەيدۇ.

يەنە بەزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ: إِنَّ اللَّـهَ اشْتَرَىٰ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ أَنفُسَهُمْ وَأَمْوَالَهُم بِأَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَتەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى [سۈرە تەۋبە 111-ئايەت] دېگەن ئايىتى تىلاۋەت قىلىنغاندا، مال بىلەن جاننىڭ بەدىلىگە جەننەت بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراشچۇ؟، دەيدۇ. بۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ قارىشى بولۇپ، جەننەت دېگەن ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراش دېگەن مەنا سىغمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، جەننەت دېگەن بارلىق نېمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جاي بولۇپ، ئۇ نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراشتۇر. مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلەردە خەۋەر بەرگەندەك، جەننەت ئەھلى جەننەتتە ئېرىشىدىغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر. شۇنىڭدەك دوزاخ ئەھلىمۇ دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ جامالىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سۆزنى دېگۈچى ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى: ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن دوزاخنى ياكى جەننەتنى پەيدا قىلمىغان بولساڭمۇ ئەلۋەتتە ساڭا ئىبادەت قىلىش، زۆرۈر بولاتتى، ساڭا يېقىنلىشىش ۋە سىنىڭ جامالىڭغا قاراش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش زۆرۈر بولاتتى دېگەن بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردە ئۇ كىشىنىڭ جەننەتتىن بولغان مەقسىتى پەقەت مەخلۇقاتلار ئۆز-ئارا مەنپەئەتلىنىدىغان نېمەتتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان". ["پەتىۋالار توپلىمى"10-توم 62-63-بەتلەر].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جەننەت پەقەت دەل-دەرەخلەر، مېۋە-چېۋىلەر، يېمەك-ئىچمەكلەر، ھۆر-پەرىلەر، دەريا-ئۆستەڭلەر ۋە قەسىر-سارايلارنىڭ نامى ئەمەس، جەننەت ئاتالغۇسىدا نۇرغۇن كىشىلەر خاتالىشىپ قالىدۇ، جەننەت دېگەن: تولۇق، مۇكەممەل بولغان نېمەتلەر بولغان جاينىڭ ئىسمى، جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراش، سۆزلىرىنى ئاڭلاش، يېقىنلىشىش ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىش بىلەن خۇرسەنلىك ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشقا نىسبەتەن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ھۆر-پەرىلەر بىلەن بولغان راھەتلىنىش نېمەت دەپ قارالمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كىچىككىنە رازىلىقىغا ئېرىشىشمۇ جەننەت ۋە جەننەتتىكى بارلىق نەرسىلەردىن كاتتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: وَرِضْوَانٌ مِّنَ اللَّـهِ أَكْبَرُ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُتەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ رازىلىقى جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر. [سۈرە تەۋبە 72-ئايەت]. بۇ يەردە رازىلىق دېگەن سۆز ئىسپاتلاش يولى بىلەن ئېنىقسىز شەكىلدە كەلدى، بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا بەندىسىدىن رازى بولغان ھەرقانداق رازىلىق ئۇ جەننەت ۋە جەننەتتىكى بارلىق نەرسىلەردىن كاتتا دېگەنلىكتۇر.

شائىرنىڭ ئېيتقىنىدەك (شىئىرنىڭ تەرجىمىسى): سەندىن ماڭا ئاتا قىلىنغان ئازغىنە نەرسە مېنى قانائەتلەندۈرىدۇ، لېكىن سەندىن بېرىلگەن ئازراق نەرسىمۇ ھەرگىز ئاز دېيىلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالانى جامالىنى كۆرۈش بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىگە ئۆزىنىڭ جامالىغا قاراشتىنمۇ ياخشىراق كۆرۈلىدىغان بىر نېمەت بەرمىدى. [مۇسلىم رىۋايىتى (ھەدىسنىڭ بىرقىسمى)].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىگە ئاشكارا بولغاندا، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى ئوچۇق كۆرىدۇ ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە جەننەتىكى باشقا بارلىق نېمەتلەرنى ئۇنتۇيدۇ، باشقا نېمەتلەرگە قارىمايدۇ.[ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

ھەقىقەتەن ئىش شۇنداق بولىدۇ، بۇ ئىنسان خىيال قىلىدىغان ۋە كۆڭلىدىن كېچىدىغان ئىشلاردىن كاتتىدۇر، بولۇپمۇ بۇ يەردە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەندە ۋە ئۇنى ئوچۇق كۆرگەن ۋاقتىدا ئىش باشقىچە بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن بىرگە بولىدۇ، دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

بۇ ھۆكۈم مەلۇم كىشىگە خاس ئەمەس بەلكى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھايات بولغان ۋە قىيامەتكىچە كىلىدىغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئومۇمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈش، بۇنىڭ لەززىتى بىلەن خۇرسەن بولۇشقا نائىل بولۇشتىن كاتتىراق نېمەت مەۋجۇد بولمىسا كېرەك!. بۇنىڭدىنمۇ كاتتا، ئېسىل ۋە ئالى نېمەت بولامدۇ؟!. مۆمىن ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن زاتنى كۆرۈشتىنمۇبەكرەك خۇرسەن بولىدىغان ۋە لەززەتلىنىدىغان، كاتتا نېمەت يوق. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مانا بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر تىرىشچانلىق قىلىۋاتقان، ئاللاھ تائالانى ھەقىقى تونىغۇچىلار ئىلگىرىلەۋاتقان مەنىۋى بايراقتۇر. جەننەت بۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، بۇنىڭ بىلەن خۇش-پۇراق چاچقان ۋە جەننەت ھاياتى بۇ روھ بىلەن ئاتالغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ ئاللاھ تائالاغا جەننەتنى تەلەپ قىلىپ ۋە دوزاختىن قورقۇپ ئىبادەت قىلىنمىسۇن؟. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىسۇن!. دوزاخ ئەھلى بولسا ئاللاھ تائالانى كۆرۈشتىن چەكلەنگەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئاھانىتى، غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولغان كىشىلەردۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇش: ئىنساننىڭ جىسمى ۋە روھى دوزاخ ئوتىدا كۆيگەندىن يامانراقتۇر. بەلكى دوزاخ ئوتىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە يالقۇنجىشى بەدەندە يالقۇنجاشنى پەيدا قىلىدۇ ۋە نىھايەتتە شۇ ئوت تەرەپكە ئىلىپ بارىدۇ.

بارلىق پەيغەمبەرلەر، ئەلچىلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىدىغىنى جەننەتتۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن پاناھ تىلەيدىغان ۋە قاچىدىغىنى بولسا جەھەننەمدۇر. ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورايمىز، ئاللاھ تائالاغا تايىنىمىز، ئاللاھ تائالادىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بىزگە كۇپايە قىلىدۇ ۋە ئۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھامىيدۇر. ["مەدارىج ئەسسالىكىين" ناملىق ئەسەر 2-توم 80-81-بەتلەر].

5-مەزكۇر سۆز، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ يارىتىلىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككىسىنى ئاللاھ تائالا ياراتقان، ھەر بىرى ئۈچۈن ئۆزىگە لايىق بولغانلارنى تەييارلىغان، ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنى جەننەتكە رىغبەتلەندۈردى، كۇپۇرلۇق قىلغۇچى ئاسىيلارنى دوزاخ بىلەن قورقۇتتى.

6-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايتتى، دوزاختىن پاناھ تىلەيتتى، بۇنى ساھابىلارغا تەلىم بېرەتتى، ئۆلىما، ئابىدلارمۇ بۇنى بىر-بىرىدىن مىراس ئالغان، يەنى تەلىم ئالغان. ئۇلار بۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ياكى ئىبادەتلىرىنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى ھېس قىلمىغان.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن دېگەن بۇ دۇئانى كۆپ ئوقۇيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 6026-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامبىر ئادەمگە: نامازدا نېمە دەيسەن؟ دېگەندە، ئۇ كىشى: تەشەھھۇد ئوقۇيمەن، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايمەن، دوزاختىن پاناھ تىلەيمەن، ئەمما سىلىنىڭ ۋە مۇئاز رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قانداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بىزمۇ جەننەتنى تەلەپ قىلىش ۋە دوزاختىن پاناھلىنىشىنى سورايمىز، دەيدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى792-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3847-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: ياتىدىغان ئورنۇڭغا كەلگەندە، نامازغا تەرەت ئالغاندەك تەرەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ يىتىپ: ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا بويسۇندۇردۇم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سېنىڭ تەرىپىڭدىكى ساۋابقا رىغبەتلىنىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ ئۇچامنى ساڭا تاپشۇردۇم، قۇتۇلۇش ۋە ئىلتىجا قىلىش سەندىنلا سورىلىدۇ. سەن نازىل قىلغان كىتابقا، سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ئىشەندىم دېگىن. ئەگەر مۇشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئىسلامى پىترەتتە ئۆلگەن بولىسەن، بۇ سۆزلەرنى دەپلا ئۇخلىغىن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5952-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2710-ھەدىس].

تەقىيىددىن سۈبكى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمەل-ئىبادەت قىلغۇچىلار بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ: بىر بۆلەك كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنىڭ ئىبادەتكە ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ھەقلىقتۇر، گەرچە ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى ياراتمىغان بولسىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، بۇ خۇددى "بىز سىنىڭ دوۋزىخڭدىن قورقۇپ ۋە جەننىتىڭنى تاما قىلىپ ئىبادەت قىلمىدۇق، بەلكى سەن ئىبادەت قىلىشقا ھەقلىق بولغانلىقىڭ ئۈچۈنئىبادەت قىلدۇق دېگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئوخشىسىمۇ، بۇ سۆزنى دېگەنلەر يەنە ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايدۇ، دوزاختىن پاناھ تىلەيدۇ، بەزى بىلىمسىز كىشىلەر بۇنىڭ قارشىسىنى ئويلايدۇ، بۇ جاھىللىقتۇر، ھەر قانداق كىشى ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورىمايدىكەن ۋە دوزاختىن پاناھ تىلىمەيدىكەن، بۇ ئادەم سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغۇچىدۇر، چۈنكى بۇنى سوراش بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ھىلىقى كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايدىغانلىقى ۋە دوزاختىن پاناھ تىلەيدىغانلىقى، ئەمما مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش دۇئا قىلىمىز دېگەن.

مانا بۇ ئىلگىرى ۋە كىيىنكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدۇر. كىمكى بۇنىڭ قارشىسىدا ئېتىقاد قىلىدىكەن، ئۇ جاھىل، خىيانەتچى ھېسابلىنىدۇ.

سۈننەت بويىچە يول تۇتقۇچى ئالىملارنىڭ تۆت تۈرلۈك ئەدەپلىرى بولۇپ، بۇنىڭغا رائىيە قىلىش زۆرۈردۇر: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، ئاللاھ تائالاغا يىلىنىش، ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراش ۋە دۇنيادىن كەتكۈچە بۇنىڭغا سەبىر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ تەستۇرىمۇ "بۇ ھەق سۆزدۇر" دەپ يۇقىرىقى سۆزنى كۈچلاندۇرغان. ["سۈبكى پەتىۋالىرى" 2-توم 560-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە تەييارلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى جەننەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراشمۇ جەننەتتە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايتتى، دوزاختىن پاناھ تىلەيتتى، بەزى ساھابىلاردىن نامازدا نېمە دەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ كىشى: مەن ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايمەن، دوزاختىن پاناھ تىلەيمەن، ئەمما سىلىنىڭ ۋە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قانداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش دۇئا قىلىمىز، دېگەن. ["پەتىۋالارتوپلىمى" 10-توم 241-بەت].

7-كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلماي، ئازابىدىن قورقماي پەقەت ئاللاھ سۆيگۈسىنى چىقىش قىلىپلا ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ دىنى خەتەر ئىچىدە بولىدۇ. ئۇ كىشى چېكىدىن ئاشقان بىدئەتچى بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا مەزكۇر كىشىنىڭ بىدئەتچىلىكى ئۇنىڭ دىندىن چېقىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بەزى زىندىقلارنىڭ كاتىۋاشلىرى (ساختا مۇسۇلمانلار) مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈپ ئىبادەت قىلىمىز، گەرچە ئۇ ياخشى كۆرۈش بىزنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قىلىشقا ئىلىپ بارسىمۇ مەيلى". بەزىلەر پەقەت ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىمىز دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئىتىقاد يەھۇدى-ناسارالارنىڭ ئىتىقادىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَقَالَتِ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَى نَحْنُ أَبْنَاءُ اللَّهِ وَأَحِبَّاؤُهُ قُلْ فَلِمَ يُعَذِّبُكُمْ بِذُنُوبِكُمْ بَلْ أَنْتُمْ بَشَرٌ مِمَّنْ خَلَقَ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُتەرجىمىسى: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا - بالىدەك يېقىنمىز) ۋە (بىز ئاللاھنىڭ دىنىدا بولغاچقا) دوستلىرىدۇرمىز، دېدى. ئېيتقىنكى، ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟. بەلكى سىلەر باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسانسىلەر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر . [سۈرە مائىدە 18-ئايەت].

تەقىيىدىن سۈبكى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانى پەقەت ياخشى كۆرۈش بىلەن سۈپەتلەپ، ئىبادەتتە ئاللاھ سۆيگۈسى بىلەن چەكلەنگەن كىشى جاھىللىقتا چەكتىن ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ كىشى ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا بەندىچىلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن، ئازغۇنلىقىدىن، رەزىل نەپسىنىڭ ھاقارىتىدىن، خارلىقىدىن مۇھەببەتنىڭيۇقىرى پەللىسىگە يىتىپ ئالى مەرتىۋىگە ئېرىشتىم دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇ كىشى گويا ئۆز نەپسىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، ئۆزىنى ئاخىرەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشكۈچى كىشىلەردىن دەپ قارايدۇ بەلكى ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولغان مۇقەررىبىينلەرنىڭ قاتارىدىن ئاللاھ تائالادىن ئەھدە ئالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، ئىش ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ بەلكى ئۇ ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا بولىدۇ.

بەندىگە مۇھىم بولغىنى: ئاللاھ تائالاغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، كەمتەر بولۇش، نەپسىنى خار ۋە تۆۋەن كۆرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن خاتىرجەم بولۇۋالماسلىق، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى ئۈمىد قىلىش، ئاللاھ تائالادىن نەپسىگە قارشى ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك. ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلغاندىن كېيىن: "ئى ئاللاھ! بىز ساڭا ھەقىقى سەن رازى بولىدىغان شەكىلدە ئىبادەت قىلالمىدۇق" دەپ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ھەر نامازدىن كىيىنلا ئىستىغپار ئېيتىپ -تەۋبە قىلىپ ئىبادەتتىكى كەمچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، سەھەر ۋاقىتلىرىدا كېچىدە قىلغان ئىبادەتلىرىدە كۆرۈلگەن كەمچىللىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ كەچۈرۈم سوراش كېرەك. كېچىدە تۇرۇپ ئىبادەت قىلغان كىشىلەر بۇنداق قىلسا، كېچىدە تۇرمىغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟!. ["سۈبكى پەتىۋالىرى" 2-توم 560-بەت].

ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر قانداق ئىشتا ئىنسان ئاللاھ تائالانى كۈزۈتۈپ، قورقۇشۋە پىكىر قىلىش ھالىتىدە بولىشى، ھەتتا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن ئازابىدىن قورقۇشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، بۇ ئىككى ئىش ئىنسان ئۈچۈن قۇشنىڭ قانىتىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىنساننى توغرا يولغا ئىلىپ بارىدۇ، ئەگەر ئىككىسىدىن بىرى يالغۇز قالسا ئۇ ئىنسان ھالاك بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿نَبِّئْ عِبَادِي أَنِّي أَنَا الْغَفُورُ الرَّحِيمُ . وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ الْعَذَابُ الْأَلِيمُ تەرجىمىسى:(ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن. مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر. [سۈرە ھىجىر 49-50-ئايەت". تەپسىر قۇرتۇبى" 7-توم 227-بەت].

سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز ئىبادىتىڭىزنى سىزدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشى كىشىلەر ماڭغان يول بويىچە داۋاملاشتۇرسىڭىز، بۇ يول سىزنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان يول بىلەن ئادا قىلىشقا ئىلىپ بارىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىسىز، ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەت قىلغۇچىلارغا تەييارلىغان ساۋاپ-مۇكاپاتلىرىنى ئارزۇ قىلىسىز، ئەگەر ئىبادەتلەر ئادا قىلىنمىسا ياكى تولۇق بولمىسا ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ئۇچراپ قىلىشتىن ئەنسىرەيسىز.

ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۆز پەرۋەردىگارىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلايدىكەن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان ئىتائەتمەنلىكىنى رىئال ھاياتتا كۆرسىتىشى كېرەك. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌتەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئال- ئىمران 31-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى