بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى:
ئىنسان جىننى كۆرەلەمدۇ؟.
سوئال سورىغۇچىنىڭ مەن جىننى كۆردۈم دېگەن سۆزى توغرا ئەمەس، چۈنكى جىن دېگەن ئىنساننى كۆرىدۇ لېكىن ئىنسانلار جىننى كۆرەلمەيدۇ.
ئىمام شاپىئى مۇنداق دەيدۇ: "ئادىل كىشىلەردىن بىرى مەن جىننى كۆردۈم دەيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى بىكار قىلىنىدۇ چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ تەرجىمىسى: «شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر» [سۈرە ئەراپ 27-ئايەت].
لېكىن پەيغەمبەرلەر جىنلارنى كۆرىدۇ. ["ئەھكامۇل قۇرئان" 2-توم 195-196-بەتلەر].
ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: "جىن ھەقىقەتەن ھەق، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بولغان بىر مەخلۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاپىرلىرى ۋە مۆمىنلىرى بار، ئۇلار بىزنى كۆرىدۇ، بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز، ئۇلار يەيدۇ، ئېچىدۇ، نەسىل قالدۇرىدۇ ۋە ئۆلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ تەرجىمىسى: «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائىتى». [سۈرە رەھمان 33-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالْجَانَّ خَلَقْنَاهُ مِن قَبْلُ مِن نَّارِ السَّمُومِ تەرجىمىسى: «جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق» [سۈرە ھىجىر 27-ئايەت].
ئاللاھ تائالا جىنلارنىڭ ئەھۋالىنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار مۇنداق دېگەن: وَأَنَّا مِنَّا الْمُسْلِمُونَ وَمِنَّا الْقَاسِطُونَ ۖ فَمَنْ أَسْلَمَ فَأُولَٰئِكَ تَحَرَّوْا رَشَدًا، وَأَمَّا الْقَاسِطُونَ فَكَانُوا لِجَهَنَّمَ حَطَبًا تەرجىمىسى: «بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ، توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ» [سۈرە جىن 14-15-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ تەرجىمىسى: «شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر» [سۈرە ئەراپ 27-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ ۚ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا تەرجىمىسى: «مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!)» [سۈرە كەھپ 50-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍ تەرجىمىسى: «زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ» [سۈرە رەھمان 26-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ تەرجىمىسى: «ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» [سۈرە ئال ئىمران سۈرىسى 185-ئايەت. ["ئەلمۇھەللا" 1-توم 34-35-بەتلەر].
شۇنىڭ ئۈچۈن سوئال سورىغۇچى ھەمشىرىمىزنىڭ كۆرگىنى خىيال ۋە تەپەككۇردۇر ياكى جىن ئاللاھ تائالا ياراتقان ھەيئىتىدىن باشقا بىر شەكىلگە كىرىۋالغان بولىشى مۇمكىن.
جىن ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزەلەمدۇ؟.
جىننىڭ ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش مەسىلىسى بولسا بۇ ئەمەلى بېكىتىلگەن ۋەقە، قۇرئان تىلاۋېتى ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن جىن ئىنساننى ئۆلتۈرۈشكە ئىلىپ بارغىدەك دەرىجىدە ئەزىيەت يەتكۈزۈش تەسىرىگە ئىگە، بەزى ۋاقىتتا تاش ئېتىش بىلەن ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىنساننى قورقىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن ۋە ھەدىستە بايان قىلىنغان نۇرغۇن ئىشلار بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر ساھابە خەندەك ئۇرىشىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە كەلگەندە، بۇ يېڭىدىن توي قىلغان ياش بالا ئېدى، ئۇ يىگىت ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قارىسا ئايالى ئېشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ، يىگىتنىڭ بۇنىڭغا ئاچچىغى كەلگەن ئېدى، ئايالى: ئۆيگە كىرىپ بېقىڭ دېدى، يىگىت ئۆيگە كىرسە بىر يىلان يۆگۈشۈپ كۆرپىنىڭ ئۈستىدە يېتىۋاپتۇ، ئۇ يىگىتنىڭ قولىدا نەيزە بولۇپ، نەيزىنى يىلانغا سانجىدى، يىلان ئۆلدى، شۇ ۋاقىتتا يىگىتمۇ ئۆلدى، يىگىت بۇرۇن ئۆلدىمۇ ياكى يىلان بۇرۇن ئۆلدىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمىدى، بۇ خەۋەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدە بولغان يىلاننى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىدى لېكىن قۇيرىقى كېسىك ۋە ئىككى نەشتىرى بار يىلاننى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى».
بۇ جىننىڭ بەزى ۋاقىتتا ئىنسانغا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇلار ئىنسانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغان، بۇ توغرىدا كەلگەن خەۋەرلەر مەشھۇر ۋە بەك كۆپ، ئىنسان خارابىلىققا كەلگەندە بۇ يەردە ھېچ كىشنى كۆرمىسىمۇ ئۇنىڭغا تاش ئىتىلغان، بەزى ۋاقىتتا ئاۋازلارنى ئاڭلىغان، بەزى ۋاقىتتا دەرەخ غازىڭى شىلدىرلىغاندەك تېۋىشلەرنى ئاڭلىغان، شۇنىڭغا ئوخشاش قورقىدىغان ئازار بولىدىغان كۆپ ئىشلار بولغان، شۇنىڭدەك، جىن بەزى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئېچىگە كىرىۋالىدۇ، ياكى ئاشىق بولۇپ كېرىۋالىدۇ، ياكى ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېرىۋالىدۇ ياكى باشقا بىر سەۋەپلەردىن كېرىۋالىدۇ، بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى ئىشارەت قىلىدۇ: الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ تەرجىمىسى: «جازانە، ئۆسۈم يەيدىغان ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ» [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].
مۇشۇ تۈردە، ئىنساننىڭ ئېچىگە كىرىۋالغان جىن شۇ ئىنساننىڭ ئىغىزىدىن سۆزلەيدۇ، ئۆزىگە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئوقۇغان كىشىگە سۆز قىلىدۇ. بەزى ۋاقىتتا قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى، بۇ كىشىگە قايتىدىن كەلمەسلىك توغرىسىدا جىندىن ۋەدە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ، بۇ توغرىدىكى خەۋەرلەر كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە مەشھۇر بولۇپ كەتكەن.
-جىندىن ئۆزىنى قوغداش.
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: جىننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىنسان بۇ توغرىدا ھەدىستە بايان قىلىنغان ئايەتەلكۇرسى قاتارلىق ئايەت، دۇئالارنى كۆپ قىلىش كېرەك، چۈنكى ئىنسان ئايەتەلكۇرسىنى كېچىدە تاڭ يورىغۇچە ئاللاھ تەرىپىدىن بىر ساقلىغۇچى بىلەن بولىدۇ، ئۇنىڭغا شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەت قىلغۇچىدۇر". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 1-توم 287-288-بەتلەر].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىنسان شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىدىغان دۇئا-زىكىرلەر بايان قىلىندى، ئۇ زىكىر-دۇئالاردىن:
-ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تېلەش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ تەرجىمىسى: «ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە پۇسسىلەت 36-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر». [سۈرە ئەراپ 200-ئايەت].
سۇلايمان ئىبنى سەرد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىككى كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تىللىشىپ كەتتى ھەتتا ئىككىسىدىن بىرىنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى، بۇنى كۆرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن ئەلۋەتتە بىر سۆزنى بىلىمەن، ئەگەر ئۇ سۆزنى دېسە ئۇ كىشىدىن ئاچچىغى تاراپ كېتەتتى: ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تېلەيمەن» [بۇخارى رىۋايىتى3108-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2610- ھەدىس].
پەلەق ۋە ناس سۈرىسىنى ئوقۇش.
ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنلاردىن ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆز تېگىشىدىن ساقلىنىش دۇئاسىنى ئوقۇيتتى، ھەتتا پەلەق، ناس سۈرىسى نازىل بولغاندا، بۇ ئىككى سۈرى بىلەن پاناھ تىلەش دۇئاسى ئوقۇدى ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى تەرك قىلدى» [تىرمىزى رىۋايىتى2058-ھەدىس. ھەسەن غەرىب دېگەن. نەسائى 5494-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى3511-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"4902-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئايەتەلكۇرسىنى ئوقۇش.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى رامىزاندا توپلانغان زاكات ماللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋەكىل قىلدى، كېچىدە بىرسى كېلىپ يىمەكلىكتىن ئۇۋۇشلاپ ئالغىلى تۇردى، مەن ئۇنى تۇتىۋېلىپ سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن دېدىم، ئۇ: مېنى ئاپارمىغىن، مەن ساڭا پايدىسى بولىدىغان بىر قانچە كەلىمىلەرنى ئۈگىتىپ قوياي دېدى، مەن: ئۇ قايسى؟ دېسەم، ئۇ: سەن ئۇخلايدىغان ئورنۇڭغا كەلگەندە: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ دائىم ھاياتتۇر، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر...(ئايەتەلكۇرسى) دېگەن ئايەتنى ئاخىرغىچە ئوقۇدى ۋە ئەگەر سەن بۇ ئايەتنى ئوقۇپ ياتساڭ ساڭا ئاللاھ تەرەپتىن بىر مۇھاپىزەت قىلغۇچى بولىدۇ، تاڭ يورىغۇچە شەيتان ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ دېدى، ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەبۇ ھۈرەيرە! كېچىدىن ئەسىرىڭ نېمە قىلدى؟دېدى»، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر نەرسە ئۈگىتىپ قويدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەت بېرىدۇ دەيدۇ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نېمە ئۈگىتىپ قويدى؟» دېدى، مەن: مېنى ئۇخلايدىغان ئورنۇمغا كەلگەندە ئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇشقا بۇيرىدى ۋە بۇنى ئوقۇسام تاڭ يورىغۇچە ماڭا شەيتاننىڭ يېقىن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاللاھ تەرەپتىن مېنى بىر ساقلىغۇچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمما ئۇ راست سۆزلەپتۇ، لېكىن ئۇ يالغانچى ئېدى، ئۇ شەيتان»دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى3101-ھەدىس].
بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيۇڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، شەيتان بەقەرە سۈرىسى تىلاۋەت قىلىنغان ئۆيدىن قاچىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 780-ھەدىس].
بەقەرە سۈرىسىنىڭ تۈگەنچىسىنى ئوقۇش.
ئەبى مەسئۇدىل ئەنسارىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا، بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى4723-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى807-ھەدىس].
نۇمان ئىبنى بەشىردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئاسمانلار ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى بىر كىتاپنى يازدى، ئۇنىڭدىكى ئىككى ئايەت بىلەن بەقەرە سۈرىسىنى تاماملىدى، ھەرقانداق بىر ئۆيدە ئۈچ كۈنگىچە بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلمايدىكەن، شەيتان ئۇ ئۆيگە ئورۇنلىشىدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى 2882-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"1799-ھەدىستە كەلتۈرگەن].
تەۋھىد كەلىمىسىنى يۈز قېتىم ئوقۇش: يەنە «لا إله إلا الله وحده لا شريك له، له الملك وله الحمد، وهو على كل شيء قدير» تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق مۇلكىيەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەتتىگەندە يۈز قېتىم لا إله إلا الله وحده لا شريك له، له الملك وله الحمد، وهو على كل شيء قدير تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق مۇلكىيەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر دېسە، ئۇ كىشىگە ئون قۇل ئازاد قىلغان ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، يۈز ياخشىلىق يېزىلىدۇ، يۈز خاتالىق ئۆچۈرلىدۇ، شۈ كۈنى كەچ بولغىچە ئۇ كىشىگە شەيتاندىن ساقلىنىدىغان بىر ساقلىغۇچى بولىدۇ، ئۇ كىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل قىلغان بىرسى بولمايدۇ لېكىن ئۇ كىشىگە ئوخشاش تەۋھىد كەلىمىسىنى كۆپ دېگەن كىشى بولسا بۇ ئەجىر-ساۋاپلارغا ئېرىشىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى3119-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2691-ھەدىس].
ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش.
ھارىسىل ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن يەھيا ئىبنى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى بەش تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇپ ئۇنى ئۆزى قىلىشقا ۋە ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىمۇ ئۇ بەش تۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدى.... مەن سىلەرنى ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىشقا بۇيرىمەن. بۇنىڭ مىسالى: ئارقىسىدىن دۈشمەن قوغلاپ چىققان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ كىشى قىچىپ بېرىپ بىر قورغانغا كىلىپ دۈشمەندىن ساقلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئىنسان ئۆزىنى شەيتاننىڭ شەررىدىن پەقەت ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش ئارقىلىق ساقلاپ قالالايدۇ». تىرمىزى رىۋايىتى2863-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 1724-ھەدىستە كەلتۈرگەن.
ئەزان ئوقۇلسا شەيتان قاچىدۇ.
سەھەل ئىبنى ئەبى سالىھ مۇنداق دەيدۇ: ئاتام مېنى بەنى ھارىسنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى، مەن بىلەن بىرگە بىزنىڭ بىر خىزمەتچىمىز ياكى بىر ھەمرايىمىز بار ئېدى، تامنىڭ ئارقىسىدىن بىرسى مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى، مەن بىلەن بىرگە بولغان ھەمراھىم قاراپ بىقىپ ھېچ نەرسىنى كۆرمىدى، مەن بۇ ئەھۋالنى ئاتامغا سۆزلىسەم، ئاتام مۇنداق دېدى: مەن سېنىڭ بۇنىڭغا ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقىڭنى ھېس قىلغان بولسام سېنى ھەرگىزمۇ ئەۋەتمەيتتىم، لېكىن سەن بۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىساڭ، نامازغا ئەزان ئوقۇغاندەك ئەزان توۋلىغىن، مەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «نامازغا ئەزان ئوقۇلسا شەيتان كەينىگە ئۆرۈلۈپ يەل قويىۋېتىپ قىچىپ كېتىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 389-ھەدىس].
قۇرئان كىرىمنى تىلاۋەت قىلىش شەيتاندىن ساقلايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ جَعَلْنَا بَيْنَكَ وَبَيْنَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ حِجَابًا مَّسْتُورًا تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئۇلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق» [سۈرە ئىسرا 45-ئايەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.