جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

قەبرە ئازابى ۋە ئۇنىڭ نىئېمەتلىرى راست بولۇپ ، بەدەن ۋە روھنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ

سۇئال

مىنىڭ بىر غەلىتە سۇئالىم بار . مىنىڭ ئەقىدەم – ئادەم ئۆلسە ئۇ ئاڭلىمايدۇ ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ جەسىدى ئىشلىتىلمەيدىغان نەرسگە ئايلىنىدۇ . لىكىن ھەدىيسكە ئاساسلانغاندا ، قەبرىدە ئازاپ بار ، بۇ جەسەد يەنىلا ھايات دىگەننى ئۇقتۇرامدۇ ؟ ۋە شۇنىڭدەك ، قۇرئاندا شەھىيدلەرنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقى كەلگەن . ۋە يەنە مۇسلىمنىڭ بىر ھەدىيسىدە پەيغەمبەرنىڭ ئەبۇ جەھىل ، ئۇمەييە ۋە باشقىلارنىڭ جەسىتىنى چاقىرغانلىقى ، ھەمدە ئۇمەرنىڭ ئۇنىڭدىن : " ئۆلۈكلەر سۆزۈڭنى قانداق ئاڭلىيالايدۇ ؟" دەپ سورىغاندا ، پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئاڭلىيالايدۇ ، لىكىن جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى قەيىت قىلىنغان . ھۆرمەت بىلەن سۇئالىمغا تەپسىلىي جاۋاپ بەرسەڭلار .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
1- سۇئالدا تىلغا ئىلىنغان ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىكلەرنىڭ ھىچقانداق سۆزىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقى – ھەقىيقەت ۋە راست . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : بىراق سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن . [ فاتىر ( ياراتقۇچى ) : 22 ]
شۇڭا جەزمەنكى ، سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن . [ رۇم : 52 ]
2- ئەھلۇ سۈننەت ۋە جامائەتنىڭ ئىتىقادىنىڭ بىرى بولسا قەبرىدە ئازاپ ۋە قيناش بار ھەمدە بەرزەختە ( ئۆلۈم بىلەن قىيامەت ئارىسىدىكى مەزگىل) ياشاش بار ۋە شۇنىڭدەك ئۆلگۈچىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن نىئېمەت ۋە راھەت بار . ئۇنىڭ دەلىلى : ئاللاھنىڭ فىرئەۋىن خەلقى ھەققىدىكى مۇنۇ سۆزى : « ظذلار ظةتعضعنع- ظاخشعمع ظوتقا توغرعلعنعص تذرعدذ، قعيامةت قايعم بولغان كىندة: ظع صعرظةؤن جاماظةسع! ظازابنعث ظةث قاتتعقعغا (دوزاخ ظوتعغا) كعرعثلار! » [ غافىر( كەچۈرگۈچى) : 46 ]
ئاللاھ بۇ يەردە بايان قىلىدۇكى، پىرئەۋىن خەلقى گەرچە ئۆلۈك بولسىمۇ ، ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئازاپقا تۇتىلىدۇ . بۇ ئايەتتىن ئالىملار قەبرىدىكى ئازاپنىڭ ھەقىقىلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈردى .
ئىبنۇ كەسىير مۇنداق دىگەن :
بۇ ئايەت ئەھلۇ سۈننەتنىڭ قەبرىلەردىكى بەرزەخ ئازابىغا دەلىل قىلىشقا چوڭ ئاساس . ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى : ئوت، ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئۇلار ئۇنىڭغا تۇتىلىدۇ .
[ ئىبنۇ كەسىير تەپسىرى ، 4 82 ]
پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئايالى ئائىشەنىڭ ھەدىيسىدە ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)نامىزىدا مۇنداق دۇئا قىلغانىدى: ئى ئاللاھ ، سىنىڭدىن قەبرە ئازابىغا پاناھلىق تىلەيمەن . دەججالنىڭ پىتنىسىگە سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ سىناقلىرىغا سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . ئى ئاللاھ ، گۇناھ ۋە قەرىزگە سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . [ ئۇنى بۇخارىي ( 798) ، مۇسلىم ( 589) نەقىل قىلغان .]
بۇ ھەدىيستىكى مۇناسىۋەتلىك نۇقتا : پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قەرە ئازابىغا پاناھلىق تىەلەيدىغانلىقى بولۇپ ، بۇ قەبرە ئازابىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنىڭ بىرى . مۇئېتەزىلە ۋە باشقا بىر قىسىم مەزھەپلەردىن باشق اھىچكىم قەبرە ئازابىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشمىدى ، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى دىققەت قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ .
3- پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بەدرى جىڭى كۈنىدە مۇشرىكلارنىڭ جەسەدلىرىنى چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىيسكە كەلسەك ، بۇ ئالاھىدە ئەھۋال دەپ چۈشىنىلىدۇ . يەنى ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبىرىگە ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇلارنى رەسۋا قىلىش ، ئۇلارغا خارلىق ۋە پەسلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈپ بەرگەن :
ئا : ئىبنۇ ئۇمەردىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بەدرى ئازگىلى ئۈستىدە تۇردى ، ۋە : سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەدىسىنىڭ راستلىقىنى بايقىدىڭلارمۇ ؟ دىدى . ئاندىن ئۇ : ئۇلار ھازىر مىنىڭ دەۋاتقىنىمنى ئاڭلىيالايدۇ . دىدى .
[ ئۇنى بۇخارىي ( 3980) ، مۇسلىم( 932) نەقىل قىلغان .]
ب : ئەبۇ تەلھەدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇمەر مۇنداق دىگەن : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، سەن نىمىشقا جىنى يوق جەسەتلەرگە گەپ قىلىسەن ؟ " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى: مۇھەممەدنىڭ جىنى ئۇنىڭ قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم، سىلەر مىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىمنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئاڭلىمايسىلەر . قەتادە مۇنداق دىدى : " ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئەيىپلەش ، پەس قىلىش ۋە ئۇلارنى پۇشايمان ۋە نۇمۇس ھىس قىلدۇرۇش يۈزسىدىن ئۇلارغا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاتتى . "
[ ئۇنى بۇخارىي ( 3976) ، مۇسلىم( 2875) نەقىل قىلغان ]
فەتھۇل بارىي 7 304 كە قاراڭ .
بۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك نۇقتا : ئاللاھ ئازگال كىشىلىرىگە پەيغەمبىرىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) سۆزىنى ئۇلارنى خار قىلىش ۋە رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاتتى . بىراق بۇ ھەدىيسنى ئۆلۈك ھەرقانداق نەرسىنى ئاڭلايدۇ دىيىشكە دەلىل قىلىش توغرا ئەمەس ، چۈنكى ئۇ ئازگال كىشىلىرىگە خاس . پەقەت بىر قىسىم ئالىملار ئۆلۈكنىڭ سالامنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلدى ، لىكن بۇ ئىنىق ، توغرا پاكىتى يىتەرسىز قاراش .
4- ئەڭ توغرا ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا ، قەبرە ئازابى روھ ۋە بەدەننىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
" بۇ ئۇممەتنىڭ پىشقەدەملىرى ( سەلەفلەر) ۋە ئىماملىرىنىڭ قارىشى بولسا ئازاپ ياكى راھەت ئۆلۈكنىڭ روھى ۋە بەدىنىگە يۈز بىرىدۇ ، ھەمدە روھ بەدەندىن ئايرىلغاندىن كىيىن راھەتلىنىش ياكى جازالىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بەزى-بەزىدە ئۇ بەدەن بىلەن ئۇچرىشىدۇ . شۇڭلاشقا نىئېمەت ياكى ئازاپ ھەم بەدەنگە ھەم روھقا بولىدۇ . " شۇڭا بىز ئاللاھ ئېيىتقان نىمىلەرگە ئىشىنىشىمىز لازىم .
[ ئىختىيارات ئەل فىقھىييە ،94 -ب]
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە بۇ ھەقتە سورالدى ، بىز ئۇنىڭ جاۋابىنى تولۇق ئوتتۇرغا قويىمىز :
" ئەھل سۈننەت ۋە جامائەتنىڭ بىردەك پىكىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئازاپ ۋە نىئمەت روھ ۋە بەدەننىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ . روھ بەدەندىن ئايرىم ئازاپلىنىدۇ ياكى نىئېمەتلىنىدۇ . بەدەن روھقا ئۇلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋالدا ، نىئېمەت ياكى ئازاپ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ . ھەمدە ئۇ بەدەندىن ئايرىم روھقا بولىدۇ.
ئۇممەتنىڭ پىشقەدەملىرى ۋە ئىماملىرىنىڭ مەزھىپى :
بىر ئادەم ئۆلگەندە ،ئۇ نىئېمەتلىنىش ياكى ئازاپلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ . ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ روھى ۋە بەدىنىگە بولىدۇ . روھ بەدەندىن ئايرىغان چاغدا ئۇ ئازاپلىنىش ياكى نىئېمەتلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ . ۋە بەزىدە ئۇ بەدەنگە ئۇلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئازاپ ياكى راھەت ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ . ئاندىن قىيامەت بولغاندا ، روھلار بەدەنلىرىگە قايتۇرلىدۇ ھەمدە ئۇلار دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىشقا قەبرىلىرىدىن قوپىدۇ . بەدەننىڭ قايتا جانلىنىشى بولسا مۇسۇلمانلار ، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىئانلارنىڭ ئورتاق قارىشى .
[ روھ 51، 52 _ب ]
ئالىملار ئۇنى ئۇيقۇدىكى چۈشكە ئوخشىتىدۇ ، چۈنكى ئادەم مىڭىپ ، سەپەر قىلىپ چۈشەيدۇ ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ۋە مۇشۇ دۇنيادا تۇرۇپ ، ئۇيقۇ ھالەتتە خۇشاللىق ، ياكى خاپىلىق ۋە قايغۇرۇش ھىس قىلىدۇ . شۇڭا بەرزەخ ھاياتىدا نەرسىلەرنىڭ ھەرخىل بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق . ھەمدە ئۇ دۇنيا ھاياتى ۋە ئاخىرەت ھاياتىدىن پۈتۈنلەي پەرىقلىنىدىغان ھايات .
نەۋەۋىي مۇنداق دىگەن :
ئەگەر : " بىز ئۆلۈكنى ۋە ئۇنىڭ قەبرىدىكى ئەھۋالىنى كۆرىمىز ، شۇڭا ئۇ قانداق سۇئال-سوراق قىلىنىدۇ ، ئولتۇرغۇزىلىدۇ ، ۋەتۆمۈر بازغانلار بىلەن ئۇرىلىدۇ . ھالبۇكى ، ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئىز يوق .؟ جاۋاپ شۇكى ، بۇ مۇمكىنسىز ئىش ئەمەس ، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بار ، يەنى ئۇخلىغۇچى خۇشاللىق ياكى ئاغرىق ھىس قىلىدۇ . لىكىن بىز ھىچنىمىنى تۇيمايمىز . شۇنداقلا بىر ئويغاق ئادەم ئۇ ئاڭلىغان ياكى ئويلىغان ئىشلار تۈپەيلى خۇشاللىق ياكى خاپىلىق ھىس قىلىدۇ ، ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان كىشىلەر ھىچ نەرسىنى تۇيمايدۇ . ئوخشاشلا ، جەبرائىل پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قېشىغا كىلەتتى ۋە ئۇنىڭغا ۋەھىينى سۆزلەيىتتى ، قېشىدىكى كىشىلەر ئۇنى تۇيمايىتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنىق پاكىت .
[ شەرھى مۇسلىم ، 17201 ]
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
" ئۇخلىغۇچى ئۇيقىسىدا لەززەت ۋە ئەلەم ھىس قىلىدۇ ھەمدە ئۇ روھ ۋە بەدەننىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بولىدۇ . ھەتتا ئۇ مەلۇم بىرسىنىڭ ئۇنى ئۇرۇۋاتقانلىقىىنى چۈشەيدۇ ۋە بەدىنىدە ئاغرىق بىلەن ئويغىنىدۇ . ياكى ئۇ ياخشى يىمەكلىكلەر بىلەن بىقىلىپ چۈشەيدۇ . ئاندىن ئۇ ئېغىزىدا ئۇنىڭ تەمى بار ھالدا ئويغىنىدۇ . بۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇت . ئۇخلىغۇچى ئۇ ئۆزى ھىس قىلىدىغان ، يىنىدىكىلەر ھىس قىلمايدىغان نىئېمەت ۋە ئازابنى بەدىنى ۋە روھى ھىس قىلسا ھەتتا ئەلەم ياكى قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن ۋاقىراپ تاشلىسا ، ئويغاق كىشى ئۇنىڭ ۋاقىرغىنىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ قۇرئان ، ياكى زىكرى ، ياكى جاۋاپ بىلەن سۆز قىلىدۇ ، ئويغاق كىشى ئۇنى ئاڭلايدۇ ، گەرچە ئۇخلىغۇچىنىڭ كۆزى يۇمۇق بولسىمۇ . ئۇلار ئۇنىڭغا سۆز قىلسا ئۇنى ئاڭلىمايدۇ . ئۇنداقتا بىز قانداقسىگە قەبرىگە كۆمۈلگەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئىنكار قىلالايمىز ، پەيغەمبەر : ئۇ ئۇلارنىڭ كەشىنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ . ، سىلەر سۆزۈمنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئاڭلىمايسىلەر دىگەن تۇرسا ؟
يۈرەك قەبرىگە ئوخشايدۇ ، شۇڭا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) خەندەك كۈنى ئەسىر نامىزى قازا بولۇپ كەتكەندە ، : ئاللاھ ئۇلارنىڭ يۈرەكىلىرى ۋە قەبرىلىرىنى ئوتقا تولدۇرسۇن . دىگەن ، ھەمدە مۇنۇ ئايەتتە ئۇ ئىككىسى ئايرىلغان : قەبرىلەردىكى نەرسىلەر سىرىتقا چىقىرىلغاندا . يۈرەكلەردىكى نەرسىلەر ئاشكارا قىلىنغاندا . بۇ پەقەت يۈز بەرگۈسى نەرسىنى بايان قىلىش خالاس .
بىز ئۆلۈك ئۇچرايدىغان ئازاپ ياكى نىئېمەت ،ئۇخلىغۇچى چۈش كۆرگەندە ئۇچرايدىغان نەرسىگە ئوخشايدۇ دىيەلمەيمىز . بەلكى ئۇ ئازاپ ياكى نىئېمەت تىخىمۇ تولۇق ۋە تىخىمۇ ۋايىغا يەتكەن ھەمدە ئۇ ھەقىقىي نىئېمەت ۋە ھەقىقىي ئازاپ . بىراق بۇ مىسال ئۇنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىرىلىدۇ . ئەگەر بىر كىشى : " ئۆلۈك قەبرىسىدە ھەركەت قىلمايدۇ ، توپا ئۆزگەرمەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلسا ، بۇ مەسىلە تىخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرلىشى مۇمكىن . بىراق ئۇنى بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشكە بەك ئۇزۇن گەپ كېتىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ مۇھەممەدنى ، ئۇنىڭ ئائىلە كىشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن ."
[ فەتىۋالار توپلىمى ، 4275، 276 ]
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد