جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەجدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق تولۇق ئېھرامدىن چىقىش توغرىسىدا

سۇئال

ھەج قىلغۇچى قاچان ئېھرامدىن تولۇق چىققان بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قۇربان ھېيت كۈنىدە يالغۇز ھەج قىلغان كىشى ئۈچۈن: چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىش، چېچىنى قىسقارتىش ياكى تولۇق ئالدۇرۇش، پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىش، دەسلەپتە قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋاپىدا ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلمىغان بولسا ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش قاتارلىق ئەمەللەر بار، تەمەتتۇ ۋە قىران ھەج قىلغۇچى يۇقىرىقى ئەمەللەردىن باشقا قۇربانلىقنى زىيادە قىلىدۇ، تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى بولسا، پەرز تاۋاپتىن كېيىن يەنە ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەمەللەر تەرتىپ بىلەن بولىدۇ: تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چاچنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش، ئاندىن تاۋاپ قىلىش ۋە سەئيى قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ بۇ شەكىلدە قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلىك بولىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ دەسلەپتە تاش ئاتقان ئاندىن مال بوغۇزلىغان، ئاندىن چېچىنى ئالدۇرغان، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈركەپ قويغان، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرەمگە بېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلغان، بەزى ساھابىلار مۇشۇ ئىشلارنى تەرتىپ بىلەن قىلىش ۋە بەزىنى بەزىسىدىن ئىلگىرى-كېيىن قىلىپ قويغانلىق توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھېچ گەپ يوق، ھېچ گەپ يوق دېگەن.

    ئۈچىنچى: ھەج قىلغان ھەرقانداق بىر كىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن قۇربانلىقتىن باشقا ئىككى ئىشنى قىلغان بولسا، دەسلەپتە ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، ئۇ كىشىگە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن باشقا ئىشلار چەكلەنمەيدۇ، ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشتىن ئۈچنى قلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھەممە نەرسە دۇرۇس بولىدۇ ھەتتا ئايالى بىلەن بىرگە بولسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپتۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار.  "دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى"11-توم349-بەت.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى