شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاندا يېمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلماسلىق توغرىسىدا

سۇئال

   رامزاندا يېمەكلىك ۋە تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭ تۈرلىرىنى كۆپ قىلغان كىشىگە قارىتا قانداق قارايسىلەر؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا. ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھەر قانداق ئىشتا ئىسراپچىلىق ئەيىبلىنىدۇ ۋە چەكلىنىدۇ، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەكتە بەك چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلا تُسْرِفُوا إِنَّهُ لا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ تەرجىمىسى: «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ.» [سۈرە ئەئ‍راپ 31-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان قورساقتىنمۇ يامانراق بىر قاچىنى توشقازمىدى، ئادەم بالىسىغا سۈلبىنى تۇرغۇزغىدەك بىر قانچە لوقما بولسا كۇپايە قىلىدۇ، چوقۇم يېمىسە بولمايدىغان بولسا، ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن بىرى يېمەكلىك، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىك ۋە ئۈچتىن بىرى نەپەس ئىلىش ئۈچۈن بولىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2380-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى3349-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1939-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    يېمەك-ئىچمەكتە ئىسراپ قىلىشنىڭ زىيىنى بەك كۆپ بولۇپ ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

  -ئىنسان دۇنيادا نازۇ-نېمەتلەرنى ئېھتىياجىدىن كۆپ ئىستىمال قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە ئىستىمال قىلىدىغان نېسىۋىسى ئاز بولىدۇ.

    ھاكىم ئەبى جۇھەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا بەك تويۇپ كەتكەن كىشىلەر قىيامەتتە بەك ئاچلىقتا بولىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبىددۇنيا رىۋايەت قىلىپ: ئەبۇ جۇھەيپە قورسىقى تويغۇدەك يېمەك يېمەستىن دۇنيادىن كەتكەن دېگەننى زىيادە قىلدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 342-نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن]. 

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئەگەر مەن خالىسام ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېيىمنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى كىيىدىغان، يېمەكنىڭ ئەڭ لەززەتلىكىنى يەيدىغان، ئەڭ ئالى تۇرمۇشتا ياشايدىغان بىرى بولاتتىم، لېكىن مەن ئاللاھ تائالانىڭ بىر قەۋمنى ئەيىبلەپ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان: أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَاتِكُمْ فِي حَيَاتِكُمُ الدُّنْيَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا فَالْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ فِي الأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَفْسُقُونَ تەرجىمىسى: «كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ):«سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر.» [سۈرە ئەھقاپ 20-ئايەت. "ھىليەتۇل ئەۋلىيا" 1-توم 49-بەت].

   -يېمەكنى كۆپ يېيىش ئىنساننى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تائەت-ئىبادەتلەردىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىغا ئوخشاش بۇ ئاينى قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

   بۇ ئايدا ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمىنى كۈندۈزى يېرىم كۈن يېمەك تەييارلاش ۋە كېچىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تاتلىق تۈرۈم ۋە ئىچىملىك تەييارلاش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈسىز.

   -ئىنسان يېمەكنى كۆپ يېگەندە ئۇنىڭغا ھورۇنلۇق يېتىدۇ، كۆپ ئۇخلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ۋاقتىنى زايە قىلىۋېتىدۇ.

    سۇپيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تېنىم ساق، ئۇيقۇم ئاز بولسۇن دېسىڭىز، يېمەكنى ئازلىتىڭ".

   -يېمەكنى كۆپ يېيىش دىلىغا غاپىللىقنى پەيدا قىلىدۇ.

   ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھقا: ئىنسان بەك تويۇنغان ھالەتتە دىلى يۇمشامدۇ؟ دېيىلگەندە، مەن ئۇنداق بولىدۇ دەپ قارىمايمەن دېگەن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى