ئايالىنى تالاق قىلىۋاتقان كىشى ئايالى بىلەن قانداق يېنىشىۋالالايدۇ؟

سوئال 11798

مەن قىز-يىگىت توي قىلغاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇۋاپىق كېلىشى ۋە بەرىكەت تىلەپ مۇبارەكلىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن قىز-يىگىت ئايرىلىپ كەتكەندە قانداق بولىدۇ؟، قىز-يىگىت ئىككىسى قايتىدىن ئۆيىنى تۇتۇش ئۈچۈن يېنىشىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا دەسلەپتە توي قىلغاندەك، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىشى ۋە بەرىكەت تىلەپ، تەبرىكلىشىگە ئېھتىياجلىق بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەر ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن بولۇپ بۇ، بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قېتىملىق تالاق بولۇپ ئىددەت ۋاقتى تۈگىمىگەن بولسا ( يەنى ھامىلدار بولسا تۇغۇپ ياكى تالاق قىلىنىپ ئۈچ ھەيز ئۆتۈپ ئىددەت مۇددىتى تۈگىمىگەن بولسا) ئەر ئايالى بىلەن:  سىز بىلەن يېنىشىۋالدىم ياكى سىزنى تۇتۇپ قالدىم دېگەندەك ئاغزاكى سۆز بىلەن يېنىشىۋالىدۇ بۇنىڭ بىلەن قايتىۋېلىش تامام بولىدۇ، ياكى قايتىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەنمۇ بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، قايتىۋېلىش نىيىتىدە سۆيۈپ قويۇش ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىقمۇ قايتىۋېلىش ھاسىل بولىدۇ.

قايتىۋېلىشقا گۇۋاھچى قىلىش سۈننەتتۇر، بۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئايىتى بويىچە ئىككى گۇۋاھچى بولۇش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِنْكُمْ تەرجىمىسى : «ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار.  (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار». [سۈرە تالاق 2 -ئايەت].

بۇنىڭ بىلەن قايتىۋېلىش ھاسىل بولىدۇ. ئەمما ئايال بىرىنچى ياكى ئىككىنچى تالاقتىن كېيىن ئىددەتتىن چىقىپ بولغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا قايتىۋېلىش ئۈچۈن چوقۇم يېڭىدىن توي قىلغاندىكىدەك، ئايالنىڭ ئۆزىگە ياكى ۋەلىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ياكى ئۆزى كۆرۈشۈپ، مۇۋاپىق كەلگەندە ۋە ئايال تەرەپ تويلۇق مېھرىگە رازى بولغاندا، ئاندىن ئادىل ئىككى گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بولىشى بىلەن نىكاھ قىلىنىدۇ.

ئەمما ئايالنى ئاخىرقى قېتىم يەنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلىۋەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن شەرىئەتكە مۇۋاپىق توي قىلىپ، بىر جايدا بولۇپ، ئەمەلىي ئەر-ئايالچىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن ناۋادا ئۇ ئېرى ۋاپات بولۇپ كېتىپ ياكى تالاق قىلىۋېتىپ ئاجرىشىپ كېتىپ قالسا، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن تۈنجى ئېرى بىلەن يارىشىۋالسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِنْ بَعْدُ حَتَّى تَنْكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ تەرجىمىسى: « ئەگەرئەر ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا، خوتۇن باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ.  كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ». [سۈرە بەقەرە  230 -ئايەت].

ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايالنى ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىپ ئاندىن ئايرىلىپ كېتىشى ئۈچۈن مەلۇم بىر كىشى بىلەن كېلىشىم قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ شەرىئەتتە ئىنكار قىلىنىدىغان چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق شەكىلدە قىلىنغان نىكاھ بىلەن ئۇ ئايال ئىلگىرىكى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ شەكىلدە ھالاللاپ بەرگۈچى ۋە ھالاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچى ھەر ئىككىلىسىگە لەنەت قىلغان.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

تالاق

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android