تەۋھىد كەلىمىسى تەۋھىدنىڭ ئۈچ تۈرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال 134921

"ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يەككىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر" دېگەن تەۋھىد كەلىمىسى تەۋھىد رۇبۇبىيە، تەۋھىد ئەسما ۋە سۇپەتنى ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ ياكى پەقەت تەۋھىد ئۇلۇھىيە-ئىبادەتنىلا ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟، چۈنكى مەن "ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى:  "ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، مەن يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا مۇستەھكەم تۇرىمەن، ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشتىن يىراق بولىمەن" دېمەكتۇر دەپ ئوقۇغان ئېدىم، مەن تەۋبە قىلماقچى بولۇپ بۇ تەۋھىد كەلىمىسىنى دېگەن ۋاقتىمدا، مېنىڭ كۆڭلۈمگە مۇشۇ مەنا ھازىر بولىدۇ، ئەجەبا مەن تەۋھىد رۇبۇبىيە، تەۋھىد ئەسما ۋە سۇپەتنى كۆڭلۈمگە ھازىر قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن تەۋھىدىم كامىل بولماسمۇ؟ مەن تەۋھىد رۇبۇبىيە، تەۋھىد ئەسما ۋە سۇپەتكە ئىشىنىمەن، ئۇنداقتا مېنىڭ تەۋبەم توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىخلاس كەلىمىسى ۋە تەۋھىد كەلىمىسى بولسا ئۇ دىننىڭ ئەسلى ۋە ئاساسىدۇر، نىجاتلىقنىڭ تېمىسىدۇر، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئىسپاتىدۇر، ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋە جىنلارنى بۇ ئاساسنى ئۆز ھەققى بىلەن بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياراتتى.

بۇ تەۋھىدنىڭ:  تەۋھىد ئۇلۇھىيە-ئىبادەت، تەۋھىد رۇبۇبىيە، تەۋھىد ئەسما ۋە سۇپەت قاتارلىق ئۈچ تۈرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

تەۋھىد كەلىمىسىنى سۆزلىگەن كىشىنىڭ كۆڭلىگە، بۇ كەلىمىنى سۆزلىگەندە ئاشۇ مەنالار ھازىر بولىدۇ، بۇ مەنالار ھېچ قانداق قىيىنچىلىقسىز، باشقا شەك-شۈبھە ئارىلاشماستىن ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە تولۇق ئورنايدۇ.

ئىنسانلارنىڭ تەۋھىدكە ۋە ئۇنى بىلىشكە بولغان ئېھتىياجى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە نەپەس ئېلىشقا بولغان ئېھتىياجىدىن بەك كۈچلۈكتۇر، بۇ ئىنسانغا تەبىئىي بىر ھاجەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان تەۋھىدنى بىلىشنى روياپقا چىقىرىش ، ئۇنىڭ بىلەن تەۋھىدنىڭ شەرتلىرى ئەمەلىيلىشىدىغان ۋە ھاسىل بولىدىغان ئىلىملەرنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن ئىخلاسنى چەكلەيدىغان ۋە تەستىقلاشقا توسالغۇ بولىدىغان چەكلىمىلەرنى يوق قىلىش كېرەك.

تەۋھىد كەلىمىسىنى سۆزلىگەندە، تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ شەرتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 9104 - 12295 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىشنى ئۈمىت قىلىمىز.

تەۋھىدنىڭ ئۈچ تۈرى بىر-بىرىنى لازىم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن بىرنى ئىقرار قىلغان كىشىدىن ئۇنىڭ ھەممىسىگە ئىقرار قىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " تەۋھىد رۇبۇبىيە تەۋھىد ئۇلۇھىيە-ئىبادەتنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭغا باشلايدۇ ۋە يۈزلەندۈرىدۇ، تەۋھىد ئەسما ۋە سۇپەت  تەۋھىد رۇبۇبىيەنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ھەر نەرسىنى پەيدا قىلغۇچى، رىزىق بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولغۇچى دېگەن، بارلىق گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ھەقلىق بولىدۇ، بۇ ئۆز زاتىدا، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە مۇكەممەلدۇر، ئۇنىڭ ھېچ بىر شېرىكى يوق، ئۇنىڭ ھېچ بىر ئوخشىشى يوق، كۆزلەر ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇ زات ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇر.

تەۋھىدنىڭ بۇ ئۈچ تۈرىنى پۇختا ئىگەللىگەن، ئېسىدە تۇتقان، مەنالىرى بويۇنچە ئىستىقامەت قىلغان كىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقى بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى، ئىبادەتكە پەقەت بىر ئاللاھنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولىدۇ، كىمكى تەۋھىدنىڭ بىر تۈرىنى زايە قىلىۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ ھەممە تۈرىنى زايە قىلىۋەتكەن بولدى، چۈنكى تەۋھىدنىڭ ئۈچ تۈرى بىر-بىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىسلام بۇ ئۈچ تۈرنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇكەممەل بولىدۇ". [ئىبنى باز پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 1 -توم 38-39 -بەت].

سىز تەۋھىدنىڭ بۇ ئۈچ تۈرىنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئۇنىڭغا تولۇق ئىشەنگەن بولسىڭىز سىزنىڭ تەۋھىد كەلىمىسىنى چۈشىنىشىڭىزدە كەمچىللىك ۋە نۇقسان يوق، سىزنىڭ تەۋبىڭىزدىمۇ ئۇنى قايتىدىن يېڭىلاش كېرەك بولىدىغان بىر كەمچىللىك يوق. بەزى بىر ئورۇنلاردا ئىنساننىڭ بىلىدىغان نەرسىلىرى زېھنىدىن قاچىدۇ، بەزى ئورۇندا ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرەر ئىسىمنىڭ ياكى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەر سۈپەتنىڭ مەنسىنى ئېسىگە ئالالماي قالىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىم-سۈپەتلىرىگە بولغان ئىمانىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.

بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش ئورۇنلىرىدا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە تەۋھىد ئۇلۇھىيەتنىڭ ۋە ئەمەلنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشنىڭ مەنىسى ھازىر بولمايدۇ.

بەزى ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالادىن رىزىق تەلەپ قىلىش ياكى زەرەرنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئورۇندا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز خەلقىنىڭ رەببى  ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلىش، تەسەررۇپ قىلىش توغرىسىدىكى مەنالار ئېسىگە كەلمەيدۇ، ئىشلار مۇشۇنداق بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

بىرئىلاھىزىم(تەۋھىيد)

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android